تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ يۈ

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىققان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 3 - سانىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىپ، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى. بۇ مۇھىم ماقالە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2024 - يىلى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان سۆزىدىن ئۈزۈندە.

پۇل مۇئامىلە خەلق ئىگىلىكىنىڭ تومۇرى، دۆلەت يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. دۆلىتىمىز گەرچە پۇل مۇئامىلە چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىپ، بانكا كۆلىمى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلىرى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، زايوم بازىرى، پاي بازىرى كۆلىمى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا، سۇغۇرتا كۆلىمىمۇ ئالدىنقى قاتاردا بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن چوڭ، ئەمما كۈچلۈك ئەمەس. پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر تەلەپ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا يىراقنى كۆزلەپ چوڭقۇر ئويلاندى، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. 2023 - يىلى 10 - ئايدا ئېچىلغان مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.

2024 - يىلى 1 - ئايدا، ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە نىشان - ۋەزىپىسىنى سىستېمىلىق، چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، ئەمەلىيەت يولى ۋە يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

2025 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى» بەش يىللىق يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپكە تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلدى.

جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش»تىن، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدىكى «ئالتە كۈچلۈك» «ئالتە چوڭ سىستېما»غىچە، يەنە جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىدىكى «بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق»قىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىردەك تەپسىلىي، چوڭقۇر ئىزاھلاپ، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى بېكىتىپ بەردى.

مەسىلەن، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئالتە چوڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق پۇل مۇئامىلە ئامىلىنى نېمە ئۈچۈن «كۈچلۈك» دەيمىز؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ تۆۋەندىكىدەك كونكرېت ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويدى:

− كۈچلۈك پۇلى بولۇش، خەلقئارا سودىغا مەبلەغ سېلىش ۋە تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىش، دۇنياۋى زاپاس پۇل ئورنىغا ئىگە بولۇش؛

− كۈچلۈك مەركىزىي بانكىسى بولۇش، پۇل سىياسىتىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش ۋە ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەرنىڭ ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارى بولۇش؛

− كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بولۇش، تىجارەت ئۈنۈمى يۇقىرى، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، تۈرلىرى تولۇق بولۇش، دۇنياۋى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولۇش؛

− كۈچلۈك خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇش، دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىپ، خەلقئارا باھا بېكىتىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بولۇش؛

− پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كۈچلۈك بولۇش، پۇل مۇئامىلىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تاكامۇل بولۇش، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە قائىدىسىنى تۈزۈشتە كۈچلۈك سۆز ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇش؛

− كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بولۇش.

پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش بىر تۈرلۈك ئىجادىي ئىش بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىستېمىلىققا، ئىجادچانلىققا ۋە ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىنى كۆزلەپ، «جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش» ھەم «ئالتە چوڭ سىستېما» ئارقىلىق ئاساسىي قۇرۇلمىنى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلمىي، پۇختا بولغان پۇل مۇئامىلىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش سىستېمىسى، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولغان پۇل مۇئامىلە بازار سىستېمىسى، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى سىستېمىسى، مۇكەممەل، ئۈنۈملۈك بولغان پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى، كۆپ خىللاشقان، كەسپىي پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى، ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى... باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەربىر سىستېما قۇرۇلۇشى توغرىسىدا تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئۇلار ئۆزئارا باغلىنىشلىق، بىر - بىرىگە تىرەك بولۇپ، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولى ئېنىق، كاپالىتى كۈچلۈك بولغان ئىستراتېگىيەلىك رامكا بىلەن تەمىنلىدى.

پۇل مۇئامىلە چوڭ دۆلىتى بولۇشتىن پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى بولۇشقا قاراپ ئاتلىنىش ئىقتىسادىي ئاساس، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، كاپىتال كۆلىمى قاتارلىق «قاتتىق ئەمەلىي كۈچ»تە ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتى ۋەكىللىكىدىكى «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ»نى قىممەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

«ئالدى بىلەن ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى ئويلىشىپ، ئاندىن پايدا - مەنپەئەتنى ئويلىشىش شەرەپ، ئالدى بىلەن پايدا - مەنپەئەتنى ئويلىشىپ، ئاندىن ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى ئويلىشىش نومۇس» دېگەننى تەكىتلەپ، «ئالدىرىغان يولدا قالىدۇ، كىچىك مەنپەئەتنى كۆزلىگەنلەر چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ» دېگەن سۆزگە ھۆرمەت بىلدۈردى... جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ مەدەنىيەت ئىدىيەسى جۇڭگوچە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى مۇنداق كونكرېت ئىزاھلىدى: سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، تۆۋەن چەكتىن ھالقىپ كەتمەسلىك توغرىسىدا توختىلىپ، «باشتىن - ئاخىر ساختا ھېسابات قىلماسلىق» «ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئۆمۈرلۈك چەكلەش»نى تەلەپ قىلدى؛ ئادىل يول بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشىش، مەنپەئەتنىلا كۆزلىمەسلىك توغرىسىدا توختىلىپ، «پۇل مۇئامىلە ئىقتىدار خاراكتېرى ۋە پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىن ئىبارەت قوش خۇسۇسىيەتكە ئىگە، پايدا ئېلىشنى ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇشقا بويسۇندۇرۇش»نى تەكىتلىدى؛ سالماق، ئېھتىياتچان بولۇش، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىپ كەتمەسلىك توغرىسىدا توختىلىپ، «پۇل مۇئامىلە كەسپىدە توغرا تىجارەت قارىشى، نەتىجە قارىشى ۋە خەۋپ - خەتەر قارىشىنى تۇرغۇزۇش»نى تەلەپ قىلدى؛ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان مەۋھۇم يولدا ماڭماسلىق توغرىسىدا توختىلىپ، «ساختا يېڭىلىق يارىتىشقا، قالايمىقان يېڭىلىق يارىتىشقا بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى؛ قانۇن - بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، باشباشتاقلىق قىلماسلىققا قارىتا، «قانۇن - نىزام ۋە تۈزۈمدىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىشقا، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئارقىلىق پايدا قوغلىشىشقا بولمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى...

بۇ چوڭقۇر ئىزاھلاش ماركسىزملىق پۇل مۇئامىلە نەزەرىيەسىنى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھەم پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىغا ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرىدىغان، پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەدەنىيەت گېنى قوشتى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە يېڭى دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى قوشۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى»نى ئاشۇرۇش، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

يولنى توغرا ماڭساق، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلاردىن قورقمايمىز. جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولى «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش»تا مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى «يول» ۋە «كۆۋرۈك».

«پارتىيەمىز رەھبەرلىكىدىكى پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلققە بەخت يارىتىدۇ.» پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ سىياسىيلىقى، خەلقچىللىقى دەل «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك»نىڭ مۇھىم ئىپادىسى بولۇپ، غەربنىڭ پۇل مۇئامىلە ئەندىزىسى بىلەن ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش»نى ئېنىق تەكىتلەپ ھەم تەپسىلىي بايان قىلىپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش روشەن سىگنالىنى تارقىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى.

بۇرغا چېلىندى. پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى بولۇش نىشانىغا قاراپ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندۇق، «بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا داۋاملىق ئىزدىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ يولنى ماڭغانسېرى تېخىمۇ كېڭەيتىشىمىز كېرەك!»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.