تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

پۇتنىڭ پېيى دائىم تارتىشىپ قېلىش كالتسىي كەملىكتىنمۇ؟ %90 ئادەمنىڭ ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن

   ئىشىنىمىزكى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يېرىم كېچىدە پۇتىنىڭ پېيى تارتىشىپ باققان. قاتتىق ئۇخلاۋاتقىنىمىزدا، پاقالچاق پېيىمىز ھېچقانداق «بىشارەت بەرمەيلا» تۇيۇقسىز قاتتىق تارتىشىپ، خۇددى بىر شەكىلسىز قول پاقالچىقىمىزنى قاتتىق سىقىمدىۋالغاندەك، تىنالمىغۇدەك قاتتىق ئاغرىق گويا مۇسكۇللىرىمىز ئىچىدىن يېرىپ چىقىدۇ، ھەتتا پۇتىمىزنىڭ ئۇچىمۇ ئىختىيارسىز تارتىشىپ، ئاغرىق توختاپمۇ نەچچە مىنۇتلاردىن كېيىن ئاندىن ئاستا-ئاستا بوشاپ قويۇپ بېرىدۇ، پەي تارتىشىپ قېلىش ئېغىر بولغاندا بىر كېچىدىكى ئۇيقۇنى يوقلا قىلىدۇ.

   ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئۇخلاۋاتقاندا دائىم پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قالىدۇ؟ بىز دائىم «پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش كالتسىي كەملىكتىن بولىدۇ» دېگەن گەپنى ئاڭلايمىز. لېكىن ئەمەلىيەت راستىنلا شۇنداقمۇ؟ پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قالغاندا توختىتىش ئۇسۇلى بارمۇ؟ قانداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە بىز دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟

  ئالدى بىلەن خۇلاسە قىلايلى:  

   ئەمەلىيەتتە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كېچىدە پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنى تاپقىلى بولمايدۇ.

   ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كېچىدە پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ بەلكىم ياشانغانلاردىكى مۇسكۇل مىقدارىنىڭ ئازىيىشى، نېرۋا مۇسكۇللىرىنىڭ قوزغىلىشچان ئۆزگىرىشى، قان ئايلىنىشنىڭ ئاستىلىشى ۋە سوزۇلما كېسەللىكلەر (مەسىلەن، دىئابېت كېسىلى، ئەتراپ ئارتېرىيە كېسىلى) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

   ھامىلدار ئاياللاردىمۇ كېچىدە ئاسانلا پۇتىنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش كۆرۈلىدۇ. ھامىلىدارلىق ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، پاقالچاق پېيى تارتىشىپ قېلىش نىسبىتى تەدرىجىي ئۆرلەيدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە %65 ~ %50كە يېتىدۇ.

   كۈندۈزى قاتتىق ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەردە ئاسانلا كېچىدە پۇتىنىڭ پېيى تارتىشىپ قالىدۇ.

  كېچىدە دائىم پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىشتا بەلكىم بۇ يەتتە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن  

   كېچىدە پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قالسا، ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن سەۋەبىنى ئىزدەش كېرەك.

   1. مۇسكۇل چارچاش ۋە نېرۋا نورمالسىز ھالدا زەرەت قويۇپ بېرىش

   مەسىلەن، كۈندۈزى زىيادە ھەرىكەت قىلغان، ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرغان ياكى ماڭغاندىن كېيىن، مۇسكۇللار تولۇق بوشاشمىغان ۋە ئەسلىگە كەلمىگەن ئەھۋال، بۇنىڭدا كېچىدە ئارام ئالغاندا نېرۋا يەنىلا بىنورمال ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرۇپ، ئاسانلا مۇسكۇللارنىڭ تۇيۇقسىز قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پەي تارتىشىپ قالىدۇ.

   2. ئېلېكترولىت قالايمىقانلىشىش

   مەسىلەن، تۆۋەن كالتسىي، تۆۋەن ماگنىي، تۆۋەن كالىيلىق قان كېسىلى قاتارلىق ئەھۋاللار نېرۋا مۇسكۇللىرىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، پەي تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   3. سۇسىزلىنىش

   بەدەندە يېتەرلىك سۇ كەمچىل بولغاندا، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى ئېشىپ، قىسمەن قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنىڭ مېتابولىزم كېرەكسىز ماددىلىرىنىڭ تازىلىنىشى ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نورمال نېرۋا سىگنالىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە كاشىلا قىلىپ، پەي تارتىشىپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

   4. سوغۇقنىڭ غىدىقلىشى ياكى ناچار ئۇخلاش ھالىتى

   كېچىدە سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا ياكى ئۇخلىغاندا ئۇزاق ۋاقىت ناچار ئۇخلاش ھالىتىنى ساقلىغاندا، پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىشى مۇمكىن.

   5. ھامىلىدارلىق مەزگىلى

   ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشى، بەدەننىڭ ئېغىرلىق يۈكىنىڭ ئېشىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوڭايغان بالىياتقۇنىڭ تۆۋەنكى مۈچىنىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كېچىدە پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

   6. دورا تەسىرى

   بىر قىسىم دورىلارمۇ كېچىدە پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار ئېلېكترولىت ۋە سۇ تەركىبىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تېزلىتىدۇ؛ تاتىڭ تۈرىدىكى دورىلار مۇسكۇللارنىڭ مېتابولىزمىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى قاتارلىقلارمۇ نېرۋا ياكى قان ئايلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق پەي تارتىشىپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

   7. تەنتەربىيە چېنىقىشى كەمچىل بولۇش

   ئۇزاق مۇددەت بەدەن چېنىقتۇرۇش كەمچىل بولسا، مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ، قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، نېرۋا مۇسكۇللىرىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئوخشاشلا كېچىدە پەي تارتىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئېشىپ كېتىدۇ.

 بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، كېسەللىكتىن سىگنال بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن 

   گەرچە كېچىدە پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنى تېپىش ناھايىتى تەس بولسىمۇ، ئەگەر پەي تارتىشىپ قېلىش تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولسا، بۇنى مەلۇم بىر خىل كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىشى كېرەك.

   قان تومۇر ۋە نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى

   ئەگەر پەي تارتىشىش كۆپ قوزغالسا، يەنى ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق قوزغالسا ھەمدە بىر نەچچە ھەپتە داۋاملاشسا، قان تومۇر ۋە نېرۋا سىستېمىسىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئويلىشىش كېرەك.

   چوڭقۇر ۋېنادا قان نۆكچىسى ھاسىل بولۇش

   پەي تارتىشىش بىلەن بىللە تۆۋەنكى مۈچە ئىششىش، قىزىرىش قوشۇلۇپ كەلسە، چوڭقۇر ۋېنادا قان نوكچىسى پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

   تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيەسى تارىيىش

   ئەگەر كۈندۈزدە مۇقىم ئارىلىقتا ماڭغاندىن كېيىن پاقالچاق ئاغرىسا، ئارام ئالغاندىن كېيىن پەسەيسە، بۇ پۇت ئارتېرىيەسىنىڭ تارىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

   نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى

   ئەگەر ھەرىكەت ئاستىلاش، مۇسكۇل جانسىزلىنىش، مۇسكۇل يىگلەش ياكى ئۇيۇشۇپ سانجىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كەلسە، نېرۋا سىستېمىسىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى ئويلىشىش كېرەك.

   دورىنىڭ ئەكس تەسىرى

   تاتىڭ (他汀) تۈرىدىكى قاندىكى ماينى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىن يېڭىدىن پەي تارتىشىپ قېلىش كۆرۈلسە، دورىنىڭ ئەكس تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ۋاقتىدا دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.

 كېچىدە پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قالسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ 

   ئالدى بىلەن پۇت-قوللارنى مەجبۇرىي تۈگۈۋالماسلىق، تارتىشىپ قالغان ئورۇندىكى مۇسكۇللارنى يېنىك ئۇۋۇلاپ، پەي تارتىشىپ قالغان مەركىزىي نۇقتىدىن ئىككى تەرەپكە ئاستا ئۇۋۇلاپ، تارتىشقان مۇسكۇل تالالىرىنى تەدرىجىي بوشىتىش كېرەك. ئاندىن پۇتنى تۈز سوزۇپ، پۇتنىڭ دۈمبىسىنى ئېگىپ، پۇتنىڭ ئۇچىنى بېشىڭىزنىڭ يۆنىلىشىگە قارىتىڭ. ئاندىن ئىسسىق لۆڭگە بىلەن تارتىشىپ قالغان مۇسكۇلغا 15 ~ 10 مىنۇت ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ياكى ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇپ يەرلىك ئورۇندىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

   تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چىلىغان كۆكتات سۈيى مەلۇم دەرىجىدە مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى تېز سۈرئەتتە پەسەيتىدىكەن، پەي تارتىشىپ قېلىش دائىم كۆرۈلىدىغان كىشىلەر چىلىغان كۆكتات سۈيى تەييارلىۋالسا بولىدىكەن. لېكىن، بۇ خىل چىلىغان كۆكتات سۈيى ئادەتتىكى چىلىغان كۆكتاتنىڭ سۈيى بولماستىن، بەلكى بىر خىل ئالاھىدە بولغان يۇقىرى كاربون سۇ بىرىكمىلىك ئىچىملىك بىلەن چىلىغان كۆكتاتنى تۇزلاش جەريانىدا ھاسىل بولغان ئارىلاشما سۇيۇقلۇق ئىكەن. ئۇنىڭ مېخانىزمى بولسا، ئېغىز بوشلۇقى، يۇتقۇنچاق، قىزىلئۆڭگەچتىكى نېرۋا رېفلېكسى ئارقىلىق، 2 ~ 1 سېكۇنت ئىچىدە ھەرىكەت نېۋرونىنىڭ زىيادە قوزغىلىشىنى تورمۇزلاپ، سپازمىنى تېز سۈرئەتتە توختىتىدىكەن.

   ئەگەر ئىنتايىن ئاغرىغان ئەھۋال ئاستىدا، برۇفېن (布洛芬) قاتارلىق سېتروئىدسىز ياللۇغقا قارشى دورىلارنى سىناپ باقسا بولىدۇ.

 ئۇخلىغاندا پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ 

   1. مۇۋاپىق مىقداردا كۆپرەك سۇ ئىچىش

   سۇنى كۆپ ئىچكەندە قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ياخشىلاپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ. بولۇپمۇ ھەرىكەتتىن كېيىن ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىت ئاستىدا سۇ تولۇقلاش، مۇۋاپىق مىقداردا سۇس تۇز سۈيى ياكى ئېلېكترولىتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش كېرەك.

   2. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئازراق پەي سوزۇش ھەرىكىتى ئىشلەش

   ئۇخلاشتىن 15 ~ 10 مىنۇت بۇرۇن ئاددىي پۇت پەيلىرىنى سوزۇش ھەرىكىتى ئىشلەش، مەسىلەن، پۇت ئۇچىدا تۇرۇش، پۇتنى قايرىپ بېرىش، ئولتۇرۇش ھالىتىدە پاقالچاقنىڭ ئارقا، يان تەرەپ مۇسكۇل پەيلىرىنى سوزۇش، ھەر بىر ھەرىكەتنى 30 ~ 20 سېكۇنت داۋاملاشتۇرۇش، 5 ~ 3 گۇرۇپپا تەكرارلاش كېرەك.

   3. ئۇخلاش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش

   ئۇخلاش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇزاق ۋاقىت دۈم يېتىشتىن ياكى پۇتنى تاپان تەرەپكە ئېگىشتىن ساقلىنىش، يانچە ياتقاندا ئىككى تىز ئارىسىغا ياستۇقنى قىستۇرۇپ داس سۆڭىكىنىڭ بىتەرەپلىكىنى ساقلاش كېرەك.

   4. قېلىن كارىۋات بۇيۇملىرى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش

   زىيادە ئېغىر، زىيادە چىڭ يوتقان ياكى ئەدىيال ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، تۆۋەنكى مۈچىنىڭ ئاڭسىز بېسىلىش ۋە چەكلىمىگە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئازايتىش كېرەك. سوغۇق پەسىلدە پۇتنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش، ئازادە، راھەت پاختا پايپاق كىيىپ ئۇخلاش كېرەك.

   5. مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش

   قانۇنىيەتلىك ھالدا مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش، مەسىلەن، تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلار مۇسكۇللارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ.

ئاپتور: جاۋ ۋېي  تيەنجىن داشۆ تەيدا دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، جۇڭگو ئۇيقۇ تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇيقۇ توسالغۇسى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ ياشلار خىزمىتى ئەزاسى

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: لى جىڭجىڭ، بېيجىڭ تيەنتەن دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى، مۇدىر ۋراچ، جۇڭگو سەكتە ئىلمىي جەمئىيىتى سەكتە ۋە ئوزۇقلۇق مەخسۇس كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.