تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

قارا شېكەر سۈيىنى كۆپ ئىچسە جىگەردە «يىرىڭ قېپى» پەيدا بولامدۇ؟ دوختۇر: قارا شېكەر بىۋاسىتە كېسەل پەيدا قىلىدىغان ئامىل ئەمەس

  يېقىندا، «بىر ئەر بىر ئايدا بەش جىڭ قارا شېكەر ئىچىپ، جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان»لىقى كۆپچىلىك قىزغىن مۇنازىرە قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى دېگەن نېمە؟ قارا شېكەر بىلەن جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ چىڭخۇا داشۆ بېيجىڭ چىڭخۇا چاڭگېڭ دوختۇرخانىسى جىگەر-ئۆت ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى جاۋ كەييۆ بۇنىڭغا جاۋاب بەردى.

  جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى دېگەن نېمە؟

  جاۋ كەييۆ مۇنداق تونۇشتۇردى: جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى جىگەر باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ ياكى پارازىت قۇرت بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان جىگەردىكى يىرىڭ يىغىلىش كېسىلى بولۇپ، كىلىنىكىدا باكتېرىيەدىن بولغان جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، باكتېرىيە جىگەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندىن كىيىن، جىگەردە «ماكانلىشىپ»، كۆپىيىپ ھەم زورىيىپ، ئەڭ ئاخىرى قىسمەن جىگەر توقۇلمىسىنىڭ نېكروزلىنىشى، سۇيۇقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يىرىڭغا تولغان بىر ياكى بىرنەچچە «يىرىڭ قېپى»نى شەكىللەندۈرىدۇ.

   جىگەر ئەسلىدە مىكروبسىز بولۇشى كېرەك ئىدى، ئۇنداقتا باكتېرىيە قانداق قىلىپ «ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ» جىگەرگە كىرەلىدى؟ جاۋ كەييۆ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرنەچچە يولى بار:

  1. ئۆت يولى سىستېمىسىدا تەتۈر يۆنىلىشلىك ئېقىش: بۇ، ئەنئەنىۋى ئاساسىي يول ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ئۆت خالتىسىغا تاش چۈشۈش، ئۆت خالتىسى ياللۇغى ياكى ئۆت يولىدا ئۆسمە پەيدا بولۇش قاتارلىقلاردا باكتېرىيە ئۆت نەيچىسىنى بويلاپ «تەتۈر يۆنىلىشلىك ئېقىپ يۇقىرىغا ئۆرلەپ» جىگەرگە كىرىدۇ.

  2. قاپقا ۋېناسىدىكى قان ئېقىمى: كۆكرەك-قورساق بوشلۇقى ئىچىدە باشقا جاي يۇقۇملانسا، مەسىلەن: سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى، ئۈچەي يولى يۇقۇملانسا، باكتېرىيە ۋە زەھەرلىك ماددىلار بەلكىم قاپقا ۋېناسىدىكى قان ئېقىمى ئارقىلىق جىگەرگە كىرىشى مۇمكىن.

  3. قان ئايلىنىش ئارقىلىق تارقىلىش: ئەگەر بەدەننىڭ باشقا جايلىرىدا ئېغىر يۇقۇملىنىش كۆرۈلسە، مەسىلەن: ئۆپكە ياللۇغى، قان چىرىش كېسىلى، يۇقۇملۇق يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى كۆرۈلگەندە، باكتېرىيە بەلكىم ئارتېرىيەدىكى قان ئايلىنىش ئارقىلىق جىگەرگە «ئېقىپ» كىرىشى مۇمكىن.

  4. بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىش: جىگەرگە يېقىن ئەزالاردا يۇقۇملىنىش كۆرۈلسە بىۋاسىتە جىگەرگە يامرايدۇ ياكى جىگەر سىرتتىن زەخىملىنىش سەۋەبلىك يۇقۇملىنىپ، باكتېرىيە جىگەرگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يوشۇرۇن مەنبەلىك جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى ئاغرىقلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئاتالمىش «يوشۇرۇن مەنبەلىك» دېگەندە دەسلەپتە ئېنىق بولغان يۇقۇم مەنبەسىنى تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەلكىم ئۈچەي يولىدا باكتېرىيە توپى قالايمىقانلىشىش، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ توسۇش ئىقتىدارى زەخىملىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، باكتېرىيە ئوغرىلىقچە قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا كىرىپ، جىگەرگە يېتىپ بارىدۇ. دىيابېت كېسىلى دەل يوشۇرۇن مەنبەلىك جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم خەتەرلىك ئامىلى ھېسابلىنىدۇ.

  جاۋ كەييۆ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق چۈشەندۈردى: دىيابېت كېسىلىنىڭ جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقىنىڭ سەۋەبچىسىگە ئايلىنىپ قېلىشىدا ئاساسلىقى ئۈچ چوڭ سەۋەب بار: بىرىنچى، يۇقىرى قان شېكىرى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرغاچقا، ئۇنىڭ باكتېرىيەنى تازىلىشى قىيىنلىشىدۇ؛ ئىككىنچى، يۇقىرى قان شېكىرى قان تومۇرلارنى زەخىملەندۈرۈپ، كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ يېتىلىشىنى شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئۈچىنچى، يۇقىرى شېكەرلىك قان بىلەن توقۇلما سۇيۇقلۇقى باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن «كاتتا زىياپەت» تەييارلاپ، ئۇنى تېز سۈرئەتتە كۆپەيتىدۇ.

  قارا شېكەر سۈيى ئىچسە، جىگەردە بىۋاسىتە «يىرىڭ قېپى» پەيدا بولمايدۇ

  قارا شېكەر بىلەن جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ جاۋ كەييۆ مۇنداق دېدى: قارا شېكەر سۈيى ئىچسە جىگەردە بىۋاسىتە «يىرىڭ قېپى» پەيدا بولمايدۇ. جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقىنىڭ شەكىللىنىشى بىر مۇرەككەپ يۇقۇملىنىش جەريانى بولۇپ، قارا شېكەر بىۋاسىتە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىل ئەمەس، ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان دىيابېت كېسىلى قاتارلىق ئاساسىي كېسەللىكلەر جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى پەيدا بولۇشتىكى ئاساسلىق تۇپراق ھېسابلىنىدۇ.

  جاۋ كەييۆ مۇنداق دېدى: جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى «خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى» بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور مىقداردا شېكەر قوبۇل قىلغاندا، بولۇپمۇ خەۋەردە دېيىلگەندەك چەكتىن ئاشقان ئەھۋالدا، ئەگەر ئالاقىدار كىشىدە دىيابېت كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالامەتلىرى ياكى دىيابېت كېسىلى بايقالمىغان بولسا، شېكەرنىڭ يۇقىرى مىقداردا قوبۇل قىلىنىشى سەۋەبلىك قان شېكىرىنى تىزگىنلىگىلى بولماي قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن باكتېرىيەنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كۆپىيىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولغان بەدەن مۇھىتى يارىتىلىدۇ. «بۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغان ساغلاملىق لوگىكا زەنجىرىنى كۆرسىتىپ بەردى: ئۇزاق مۇددەت ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى (مەسىلەن: شېكەر مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىش) يوشۇرۇن مېتابولىزم كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ (مەسىلەن: دىيابېت كېسىلى)، دىيابېت كېسىلى جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقىنىڭ <ئىللىق ماكانى> ۋە <سەۋەبچىسى> گە ئايلىنىپ قالىدۇ».

  جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟

  جاۋ كەييۆ مۇنداق كۆرسەتتى: جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقىنىڭ تىپىك كېسەللىك ئالامىتى بولسا قىزىش (دائىم يۇقىرى قىزىتما كۆرۈلۈش) ۋە قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى قىسمى ئاغرىشتۇر. بىراق، كىلىنىكىدا كۆپ ساندىكى ئاغرىقتا كېسەللىك ئالامىتى ئانچە تىپىك بولمايدۇ، پەقەت سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قىزىش، سوغۇقتىن قورقۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇنداقلا قورساق قىسىمدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى روشەن بولماسلىقى مۇمكىن، «بۇ، ئاسان دىياگنوز قويالماسلىق، خاتا دىياگنوز قويۇلۇشتىكى سەۋەبتۇر». شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر داۋاملىق قىزىتمىسى يانماسلىق، بولۇپمۇ قورساقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى يېنىك دەرىجىدە بىئارام بولۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش كۆرۈلسە ھەمدە ئۆزىدە دىيابېت كېسىلى، ئۆت يولى كېسىلى قاتارلىق ئاساسىي كېسەللىكلەر بار بولسا، چوقۇم جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىدىن ھوشيار بولۇپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەم دوختۇرغا ئەھۋالنى تولۇق ئېيتىش كېرەك.

  قانداق قىلغاندا جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ جاۋ كەييۆ مۇنداق ئەسكەرتتى: بىرىنچى، مېتابولىزم ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىپ، سالامەتلىكنى قەرەللىك تەكشۈرتۈش كېرەك. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار ۋە جەمەتىدە كېسەللىك تارىخى بارلار قان شېكىرىنى قەرەللىك ئۆلچەپ، ئۆزىنىڭ مېتابولىزم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرۇشى كېرەك، بولمىسا ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلسە پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ؛ ئىككىنچى، ھەرقانداق يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىدا بەلگىلىك چەك بولۇشى كېرەك. قارا شېكەرگە ئوخشاش «قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ» دەپ قارىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىمۇ زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغاندا سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭ ئىستېمال قىلىش ئەڭ توغرا تاللاشتۇر؛ ئۈچىنچى، سەۋەبسىز قىزىپ قېلىشقا نىسبەتەن ھوشيار بولۇش كېرەك. قىزىش بەدەننىڭ تارقاتقان سىگنالى، ئۇنى ھەرگىز ئاددىي ھالدا ئادەتتىكى زۇكام دەپ قارىماسلىق كېرەك. ئەگەر قىزىش ئۇزاققا سوزۇلسا، بولۇپمۇ باشقا بىئارام بولۇش ئەھۋاللىرى قوشۇلۇپ كەلسە، جەزمەن ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەم دوختۇرغا ئۆزىنىڭ بارلىق كېسەللىك تارىخى ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تەپسىلىي ئېيتىشى كېرەك. (مۇخبىر گو يەنۋېي)

«مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.