تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

2026-يىللىق «يۈگۈرۈڭلار . ئۆسمۈرلەر» مۇز توپ ھېس قىلىش تۈرى ئۈرۈمچىدە قالتىس ئۆتكۈزۈلدى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى، خەۋىرى) 1-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2026-يىللىق «يۈگۈرۈڭلار . ئۆسمۈرلەر» مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر قىشلىق قۇياش نۇرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچتە ئۈچ مۇز توپ تۈرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇز توپ مەيدانىدا قالتىس ئۆتكۈزۈلدى.

ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر كوماندىسى (كۆك رەڭلىك) جېجياڭ ۋەكىللەر كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشمەكتە.

   مۇسابىقىدە، ماھىرلار تاكتىكىنى جانلىق ئۆزگەرتىپ، بىر-بىرى بىلەن ياخشى ماسلىشىپ پاس بېرىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچتە ئۈچ مۇز توپ تۈرىنىڭ «كىچىك مەيدان، تېز رىتىم، كۈچلۈك ھەمتۈرتكە بولۇش» ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى ھېس قىلىش تۈرى ئەنئەنىۋى ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ رەت تەرتىپ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى، مۇسابىقە مەيدانىدا نومۇر تاختىسى لايىھەلەنگەن بولسىمۇ رەتكە تۇرغۇزۇلمىدى، ماھىرلار روھىي بېسىمدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ خۇشاللىقىدىن چۆكۈش شەكلىدە بەھرىلەندى.

جىلىن ۋەكىللەر كوماندىسى (قىزىل رەڭلىك) بىلەن گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر كوماندىسى مۇسابىقىلىشىمەكتە.

   «ئۈرۈمچىدىكى ساۋاقداشلارغا بەك ھەۋەس قىلىمەن، مەكتەپتىلا مەخسۇس مۇز توپ مەيدانى بار ئىكەن، قاردا مۇز توپ ئويناش بەك قىزىقارلىق! يىقىلىپ چۈشسەممۇ قورقمايمەن، كوماندا ئەزالىرى دەرھال تارتىپ تۇرغۇزۇۋالىدۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە ھۇجۇمغا ئۆتىمىز، پۈتۈن مۇساپىدە غەيرىتىمىز ئۇرغۇپ تاشتى.» جېجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ماھىرى ليۇ يىشۈەن ھاياجىنىنى باسالماي قالدى. ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ماھىرى گاۋ مۇياۋمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى: «بۈگۈنكى مۇسابىقە يېڭىش-يېڭىلىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز، لېكىن ھەممە ئادەم پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشتى، بۇ بىر ئالاھىدە تەسىرات بولدى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇز توپ ھەۋەسكارلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، خۇشاللىق ۋە دوستلۇققا ئېرىشتۇق».

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مۇز توپ مەيدانى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، جايلاردىكى ماھىرلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇ مەكتەپ دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۈچ دەرىجىلىك قار-مۇز خاسلىقىغا ئىگە مەكتەپ بولۇپ، «قىشتا مۇز تېيىلىش، يازدا چاقلىق كانكى مەشىق قىلىش»تىن ئىبارەت ئالاھىدە ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، قىشتا مۇز تېيىلىش دەرسى، يازدا چاقلىق كانكى دەرسى تەسىس قىلدى، ھازىر تېز مۇز تېيىلىشنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە مۇز ئۈستى چوماق توپ دەرسلىكى كۆپەيتىلىپ، تېز تېيىلىش (چاقلىق كانكى) كوماندىسى، مۇز توپ كوماندىسى تەشكىللىنىپ، ياش-ئۆسمۈرلەر قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ماھىرلار بىلەن بىر مەيداندا مۇسابىقىلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى، مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇلار ھەم مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بەسلىشىدىغان رەقىبلەر، ھەم سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالدى.

   ماھارەت جەھەتتە بەسلىشىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىشقىچە، ماھارەت جەھەتتە بەسلىشىشتىن بوشىنىپ، تەنھەرىكەت ماھىيىتىگە قايتىش بۇ نۆۋەتلىك قۇياش نۇرى تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ بىر يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە جايلاردىكى ياش-ئۆسمۈر ماھىرلار فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، دالىدا قار تېيىلىش، تېز مۇز تېيىلىش قاتارلىق قار-مۇز تۈرلىرىگە قاتنىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ قار-مۇز دۇنياسىدا قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى قانغۇچە ھېس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تەنھەرىكەت خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر كوماندىسى (كۆك رەڭلىك) جېجياڭ ۋەكىللەر كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشمەكتە.

   ئىگىلىنىشىچە، ئەنئەنىۋى مۇز توپ مۇسابىقىسى ئالتىدە ئالتە مۇسابىقە تۈزۈمى بولۇپ، ئۈچتە ئۈچ مۇز توپ تۈرى مۇز توپ تەنھەرىكىتىدىكى مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش شەكلى، شۇنداقلا ئومۇملىشىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك مۇسابىقە تۈرى ئىكەن، ئۇ رىتىمى تېز، تاكتىكىسى جانلىق، تاماشا قىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەن. بۇ تۈر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2020-يىللىق لوزاننا قىشلىق ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، 2024-يىللىق جياڭيۈەنداۋ قىشلىق ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ھازىر جۇڭگو مۇز توپچىلار جەمئىيىتى نۇقتىلىق كېڭەيتىدىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مۇز توپ مۇسابىقىسىنىڭ ماركىسى بولۇپ قالدى.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.