2026-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش 2-ئاينىڭ 2-كۈنى باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، ۋاقتى 40 كۈن. يولۇچىلار زىچ توپلاشقان ھەم كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ سەپەر پەسلى باشلىنايلا دەپ قالدى.
بۇ، توققۇز كۈنلۈك «ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق» باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يولۇچى توشۇش بولۇپ، يۇرتىغا قايتىپ تۇغقان يوقلاش بىلەن ساياھەتكە چىقىش ئېھتىياجى قاتمۇقات گىرەلىشىپ كەتكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە پۈتۈن جەمئىيەت بويىچە رايون ھالقىپ قاتنايدىغان ئادەم مىقدارى 9 مىليارد 500 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىقىش يەنىلا ئاساسىي ئۇسۇل بولۇپ، %80نى ئىگىلەيدۇ. تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 540 مىليون ئادەم قېتىم ۋە 95 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئومۇمىي كۆلەم ۋە يەككە كۈنلۈك يولۇچى ئېقىمى يۇقىرى پەللىسى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئۈمىد بار.
باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئارقىسىغا، يۇرت سېغىنىشلىرى ئەكس ئەتكەن پويىز بېلەتلىرى، يۈك-تاق ساندۇقىغا قاچىلانغان بىر يىللىق سېغىنىش مۇجەسسەملەنگەن. بەزىلەر ئۆيىگە قايتىپ جەم بولۇش تامىقى يېيىش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ؛ يەنە بەزىلەر دەم ئېلىش ۋاقتىنى تاغ-دەريالاردا، خاس مەنزىرىلىك جايلاردا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يىراقلارغا قاراپ ماڭىدۇ.
40 كۈندە، ھەر بىر يولدا، بېرىش-كېلىش ۋە ئۇچرىشىش گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئالدىراشلىق بىلەن ئۈمىد-ئارزۇ سەپەرداش بولىدۇ. سەپەر يولىدا، باشتىن-ئاخىر ئەڭ ھەقىقىي ئىللىقلىق ۋە ئەڭ يارقىن مەنزىرە ھەمراھ بولىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






