يولداش لياۋ شىلۇڭنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش لياۋ شىلۇڭنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، ئارمىيەمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ھەربىي ئىشلار قوماندانى، ئومۇميۈزلۈك زامانىۋى ئارقا سەپ بەرپا قىلىشتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سابىق ئەزاسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى يولداش لياۋ شىلۇڭ كېسەل سەۋەبىدىن 2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 1دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 85 يېشىدا ۋاپات بولدى. 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، يولداش لياۋ شىلۇڭنىڭ مېيىتى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.
يولداش لياۋ شىلۇڭ 1959 - يىلى 1 - ئايدا گۇيجوۋ ئۆلكىسى سىنەن ناھىيەسىدىن ھەربىي سەپكە قاتناشقان، 1963 - يىلى 2 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قۇرۇقلۇق ئارمىيە 11 - جۈنىنىڭ جۈنجاڭى، چېڭدۇ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنى، سىلىڭيۈەنى بولغان. 2002 - يىلى 10 - ئايدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان، شۇ يىلى 11 - ئايدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 15 - نۆۋەتلىك، 16 - نۆۋەتلىك، 17 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى. 2000 - يىلى 6 - ئايدا شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن.
يولداش لياۋ شىلۇڭنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش لياۋ شىلۇڭنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ زالى ھەيۋەتلىك ھەم سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئاساسىي زالنىڭ ئۇدۇل تېمىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «يولداش لياۋ شىلۇڭغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات ئېسىلغان بولۇپ، پىلاكاتنىڭ ئاستى تەرىپىدە يولداش لياۋ شىلۇڭنىڭ سۈرىتى بار ئىدى. يولداش لياۋ شىلۇڭنىڭ مېيىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغانىدى.
پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى رەھبەرلەر ۋە قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى، يولداش لياۋ شىلۇڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.






