
1-ئاينىڭ 29-كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چۈەنجوۋ شەھىرىدە 2026-يىللىق مەملىكەت بويىچە باھار بايرىمىلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال ئېيىنى رەسمىي باشلاپ، ھەرقايسى جايلارنى باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى چۆرىدەپ مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ «باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش»تەك گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشقا تەشكىللىدى.
ئىستېمال ئېيى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 3-ئاينىڭ بېشىغىچە داۋاملىشىدۇ، بۇ مەزگىلدە ھەرقايسى جايلار باھار بايرىمىلىق ئۆرپ-ئادەت، ئويۇن قويۇش، كۆرگەزمە، قار-مۇز ساياھىتى، سوغۇقتىن ساقلىنىش ساياھىتى، ئاتا-ئانا ۋە بالىلار ساياھىتى قاتارلىق قىزىق نۇقتىلارنى چۆرىدەپ، مول مەزمۇنلۇق پەسىللىك مەدەنىيەت-ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، 30 مىڭ مەيدان قېتىم مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمال پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 360 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىستېمال بېلىتى قاتارلىق ئىستېمال ياردەم پۇلى تارقىتىپ، كىرىش بېلىتى باھاسىدا ئېتىبار بېرىش، كەچۈرۈم قىلىش، بېلەت كۆتىكى بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇپ ئېتىبار بېرىش، رايون ھالقىغان مەدەنىيەت ساياھىتىدە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئاھالىلەرگە، ساياھەتچىلەرگە بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت-ساياھەت تاللىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






