قىش كۈنلىرىدىكى ئالتايدا
يىراقتىكى تاغلار قار بىلەن قاپلىنىپ، قات-قات ئورمانلار كۈمۈش رەڭلىك لىباس كىيگەنىدى
مۇز تۇتقان كۆل يۈزى خۇددى ئەينەكتەك سۈزۈك، پادىچىلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ مورىلىرىدىن قويۇق ئىس كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى
ھەربىر خىل مەنزىرە
خۇددى بىر پارچە سۇ بوياق رەسىمدەك
جىمجىت ھەم چوڭقۇر مەناغا تولغان


يۈرۈڭ، بىز بىلەن بىرلىكتە
قار-مۇز چۆچەكلىرى دۇنياسىغا ئاتلانغان پويىزغا ئولتۇرۇپ
ئالتاينىڭ قىش پەسلىدىكى سۇ بوياق رەسىمدەك گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلايلى

ئالتايغا بېرىشنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ
پويىزغا ئولتۇرۇش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل
شۇنداقلا كىشىنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان رومانتىك تاللاش ھېسابلىنىدۇ

ئالتاي ۋوگزالى 2017-يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى مۇھىم تۆمۈريول يولۇچى توشۇش تۈگۈنىگە ئايلاندى. نۆۋەتتە، ئالتاي بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا ھەر كۈنى K9751/2 قېتىملىق، K9735/6 قېتىملىق ۋە «مېنىڭ ئالتىيىم» (我的阿勒泰) ناملىق K9765/6 قېتىملىق جەمئىي ئۈچ جۈپ تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزى قاتناپ، يولۇچىلارنى مول سەپەرگە چىقىش تاللىشى بىلەن تەمىنلىمەكتە.



پويىز قېتىمى تەۋسىيەسى

قۇمقاناستىكى سەھەردىكى تۇمان، شاد-خۇراملىققا تولغان قار تېيىلىش مەيدانىدىن باشقا
ئالتايدا يەنە
كىشىلەر بىلمەيدىغان قايسى ياخشى جايلار بار؟
↓↓↓
01 كۆكتوقاي دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى

كۆكتوقاي دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، جىلغا، دەريا ئېقىنى، تاغ، تاش ئورمان، قېزىلما بايلىق، سوغۇق قۇتۇپ كۆلى ۋە غەلىتە يەر تەۋرەش ئۈزۈلمە بەلبېغى بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى.
02 ئۇلۇڭگۇر كۆلى

ئۇلۇڭگۈر كۆلىنى يەرلىك كىشىلەر يېقىملىق ھالدا «داخەيزى» دەپ ئاتايدۇ، ئۇ شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان. قەھرىتان قىش يېتىپ كەلگەندە، بۇ بىپايان سۇ رايونىدا گۈزەل سۇ دولقۇنلىرى مەنزىرىسى بارلىققا كېلىدۇ. بۇ كۆلدىن نۇرغۇن داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك بېلىقلار چىقىدىغان بولۇپ، شۇ جايدىكى داڭلىق «شىمالىي جۇڭگو بېلىقچىلىق يۇرتى» ھېسابلىنىدۇ.
03 تاراتى كەنتى

تاراتى كەنتى «چۆچەكلەردىكى چېگرا شەھەر» كۆكتوقاي بازىرىنىڭ شەرقىگە تەخمىنەن سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، ئېرتىش دەرياسىنىڭ مەنبەسى ئېقىپ ئۆتىدىغان تۇنجى كەنت، «ئېرتىش دەرياسىدىكى بىرىنچى كەنت» دېگەن نامى بار. تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، بۇ يەر سىرتقى دۇنيانىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىدىن يىراقلىشىپ، جىمجىتلىق قاينىمىغا چۆكىدۇ.
گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلغاندىن باشقا
يەنە ئالتاينىڭ مەززىلىك تائاملىرىغا بىرلىكتە ئېغىز تىگىپ باقايلى
01 سوغۇق سۇ بېلىقى

تەبىئىي سوغۇق سۇ رايونىدا سوغۇق سۇ بېلىقىنىڭ ئۆسۈش دەۋرى ئۇزاق، تېنىدە توپلانغان ياغ كىسلاتاسى، ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر تېخىمۇ مول بولىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىكى بېلىق گۆشى ئادەتتىن تاشقىرى يۇمشاق ھەم مەززىلىك بولۇپ، مەيلى ياغدا پىشۇرۇلغان، كاۋاپ قىلىنغان، دۈملەپ پىشۇرۇلغان ياكى ھوردا پىشۇرۇلغان بولسۇن، ئۆزگىچە ھەم كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان شېرىن تەمگە ئىگە.
02 بوغۇرساق

بوغۇرساق قازاق مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى تائاملىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ سىرتقى قىسمى سەل چۈرۈك، ئىچى ناھايىتى يۇمشاق. سەھەردە، بىر پارچە ئىسسىق بوغۇرساقنى ئۇشتۇپ، قىزىق تۇزلۇق ئەتكەن چايغا چىلىسىڭىز، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەتكەن چاينى ئۆزىگە سۈمۈرۈۋالىدۇ، بىر چىشلەم يېسىڭىز، ئىللىقلىق ۋە رازىمەنلىك تۇيغۇسىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان بىر كۈننى باشلايسىز.
03 گۇيرۇ لەڭمەن

گۇيرۇ لەڭمەن تەييارلاشتا، كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان قوي گۆشى ياكى كالا گۆشى نېپىز توغرىلىپ، ياغدا تېز سۈرئەتتە قورۇلۇپ، گۆشنىڭ شىرنىسى راسا چىقىرىلىپ، سىرتى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق، خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان تەم شەكىللەندۈرۈلىدۇ، قولدا تارتىلغان لەڭمەن چۆپىنىڭ ئېلاستىكىلىقى يۇقىرى، سىلىق بولۇپ، پىياز، كۆك-قىزىل لازا، شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلار بىلەن بىللە قورۇلىدۇ، رەڭگى پارقىراق، خۇش پۇرىقى تۆت ئەتراپقا تارىلىپ تۇرىدۇ.
بۇ قىشتا
پويىزغا ئولتۇرۇپ ئالتايغا بېرىپ
بىر قېتىم تەبىئەتنىڭ باش رولچىسى بولۇپ بېقىڭ!
«新疆铁路» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






