شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ يۈخاۋ، يې خاۋمىڭ) 2026-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش 2-ئاينىڭ 2-كۈنى باشلىنىدۇ. مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 29-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ قاتنىغان ئادەم مىقدارى 9 مىليارد 500 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، تارىختىكى يېڭى، يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن.
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چۇنلىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىقىش داۋاملىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %80 ئەتراپىدا بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 540 مىليون ئادەم قېتىم ۋە 95 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن، ئومۇمىي كۆلىمى ۋە بىر كۈنلۈك چوققا قىممىتى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى چوققا قىممەتتىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
توشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە، تۆمۈريولدا يېڭى پويىز قاتناش خەرىتىسى يولغا قويۇلدى، يولۇچىلار ئېقىمى يۇقىرى پەللە كۈنىدە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى ئەڭ كۆپ بولغاندا 14 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ، يولۇچى-ئورۇن ئىقتىدارىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئېشىش مۆلچەرلەندى. خەلق ئاۋىياتسىيەسى تۈگۈن ئايرودۇرۇم، ئاۋات ساياھەت مەنزىلگاھلىرىغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى نۇقتىلىق كۆپەيتتى، مۆلچەرلىنىشىچە، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 19 مىڭ 400 قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلانغا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشىدىكەن. تاشيولدا ئاۋات ساياھەت مەنزىلگاھى، يېزا يولۇچى تىرانسپورتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تىرانسپورت كۈچى سېلىنمىسى كۈچەيتىلىدىكەن. سۇ يولىدا خەينەن ئۆلكىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئوتتۇرىسىدىكى چيۇڭجوۋ بوغۇزى قاتارلىق نۇقتىلىق لىنىيەلەرنىڭ تىرانسپورت كۈچى كاپالىتى كۈچەيتىلىدىكەن.
مۇلازىمەت كاپالىتى جەھەتتە، تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ساھەسىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار تىرانسپورت شەكلى ئارا ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە مۇلازىمەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئارىلىقتا ئالمىشىدىغان ۋە كېچىدە يېتىپ بارىدىغان يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، بېلەت سېتىۋېلىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، كۈتۈش، ئولتۇرۇش، ئالمىشىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرىدۇ. قاتناش تىرانسپورت، گۇڭئەن قاتارلىق تارماقلار يۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە قوماندانلىق قىلىش، راۋانلاشتۇرۇش ۋە سەپەرگە چىقىش ئەسكەرتىشىنى ياخشى ئىشلەپ، يولنىڭ راۋانلىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىقىش مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يول ھەققى ئالماسلىق سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى، بولۇپمۇ توك قاچىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.
«ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق سەپەرگە چىقىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى لى چۇنلىن.
«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






