تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

كۈندە بىر رەددىيە | ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار كىشىلەر مور يېسە بولمايدۇ؟

   بۇ خىل قاراش توغرا ئەمەس.

   «ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار كىشىلەر مور يېسە بولمايدۇ» دېگەن قاراش ئەمەلىيەتتە بىر خىل خاتا چۈشەنچە. مور تەركىبىدە تاماق تالاسى مول بولغان ساغلام يېمەكلىك ماتېرىيالى بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا ھەزىم قىلىش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاشقا بەلگىلىك ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.

   قۇرۇق مورنىڭ تاماق تالاسى مىقدارى قارىماققا ھەقىقەتەن ناھايىتى يۇقىرىدەك كۆرۈنىدۇ، ھەر 100 گىرام قۇرۇق مور تەركىبىدە 29.9 گىرام تاماق تالاسى بار، لېكىن بىز قۇرۇق مورنى بىۋاسىتە يېمەيمىز، چوقۇم سۇغا چىلاپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن يېيىشىمىز كېرەك. سۇغا چىلانغان مورنىڭ ھەر 100 گىرامىدا تاماق تالاسىنىڭ مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، ھەر 100 گىرامىدا ئاران 2.6 گىرام بولۇپ، بۇنىڭ مىقدارى چىڭسەي يوپۇرمىقى، كاشتانسىمان كاۋا، تاتلىقياڭيۇ يوپۇرمىقى قاتارلىقلار بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، كۆكتاتلار ئىچىدە ئالاھىدە يۇقىرى ھېسابلانمايدۇ.

   توغرا بىر تەرەپ قىلغان ۋە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلغاندىلا، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ناچار كىشىلەرمۇ سۇدا كۆپتۈرۈلگەن مورنى ئادەتتىكى كۆكتات ئورنىدا قورۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، مۇھىمى ئىنچىكە چايناپ، يېمەكلىكنى تېخىمۇ كىچىك دانچىلارغا ئېزىپ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۇچراشتۇرۇپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مورنى خاتىرجەم يېيىش كېرەك.

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: جاڭ نا، بېيجىڭ داشۆ ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەننىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو ئوزۇقلۇقشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.