تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ! باھار بايرىمىلىق قار-مۇز ساياھىتى پائالىيىتى قىزغىن قانات يايدۇرۇلماقتا

ئات يىلىدىكى باھار بايرىمى يېقىنلاپ قالدى

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى باھار بايرىمىلىق 

زور ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويىدۇ

2026-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى (دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1-ئاينىڭ 15-كۈنى)گىچە

 تىيانشان بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا «ئىشىك بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش» 

 (ئارىلىق ئاپتوموبىلنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ! 

مۇز ئۈستىدىكى مودا كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن ياتاققا قايتىپ ئارام ئالغۇچە

سىزنىڭ باھار بايرىمىلىق ساياھىتىڭىز بىر بېكەت شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ

پائالىيەتكە مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتناشقان ساياھەتچىلەر

ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

(تۆۋەندىكى تۈرلەردە %20 ئېتىبار قىلىنىدۇ، ھەممە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى باشقا پائالىيەتلەر بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ)

ئاساسلىق مەنزىرە رايونىدىكى مۇز ئۈستى تۈرلىرى

   مۇز ئۈستى تۈرلىرىنىڭ توكلۇق كادىن ماشىنىسى، توكلۇق تانكا، توكلۇق لۇڭجوۋ قولۋىقى، توكلۇق فېييۈ، توكلۇق چانا (يەككە تۈر\كۆپ تۈر) تۈرىدە باھادا %20 ئېتىبار قىلىنىدۇ، مۇز بىلەن قاپلانغان كۆل يۈزىدە قانغۇچە ئوينىيالايسىز.

   بوغدا كۆلىدە «مۇزدا لەيلەش»نى ھېس قىلىش (جابدۇق، ئىسسىق ئىچىملىك، سۈرەتكە چۈشۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۈرىدە باھادا %20 ئېتىبار قىلىنىدۇ.

ئاساسلىق مەنزىرە رايونىدىكى ئالەم بوشلۇقى بۆلمىسى لاگېرى

   ئالەم بوشلۇقى بۆلمىسى لاگېرىدا قونۇش: باھادا %20 ئېتىبار قىلىنىدۇ، قارلىق تاغدا يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلىپ شېرىن ئۇيقۇغا سەپەر قىلىپ، تەبىئەتنى چۆكۈش شەكلىدە باغاشلايسىز.

  شىنجاڭ تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى

   قار تېيىلىش بېلىتى باھاسىدا %20 ئېتىبار قىلىنىدۇ، ئەلا سۈپەتلىك قار يولىدا سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات قاينىمىغا چۆكىسىز.

ۋۇجياڭ ئارشاڭ شەھەرچىسى

   ئارشاڭنى ھېس قىلىش بېلىتى باھاسىدا %20 ئېتىبار قىلىنىدۇ، قار تېيىلىپ بولۇپ، ئارشاڭدىكى ئىسسىق سۇغا چىلانسىڭىز پۈتۈن بەدىنىڭىز ئىللىقلىققا تولىدۇ.

ھەممە يەرنى ئۇچۇپ تاماشا قىلىش . شىنجاڭ مېھمانخانىسى

   «ئۇچۇپ ئۆتۈش ئون تۈرىنى قانغۇچە ئويناش بېلىتى» باھاسىدا %20 ئېتىبار قىلىنىدۇ، بىر سېكۇنتتا كۆپ خىل مەنزىرىنى داكا قىلالايسىز.

   سەمىمىي ئەسكەرتىش 

   قاتناش ئەسكەرتمىسى: بېلەت سېتىش ئورنىغا ئۆزىڭىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ بارسىڭىزمۇ ياكى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىگە ئولتۇرۇپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ، قىش پەسلىدە يول تېيىلغاق، يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىڭ.

   سوغۇقتىن ساقلىنىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: بوغدا كۆلىنىڭ قىش پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر تۆۋەن، قېلىن مامۇق چاپان، سۇ ئۆتمەس قىشلىق ئۆتۈك، ئىسسىتقۇچ، ئىسسىق ساقلاش ئىستاكانى قاتارلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ كېلىپ، ھەر تەرەپلىمە ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
 

تىيانشان بۇغدا كۆلىدە ئۇچرىشىپ، تىيانشان شەمشادزارلىقىدا بىرلىكتە سەيلە قىلىپ

 1000 يىللىق خەلق ئۆرپ-ئادىتى بىلەن ئۇچرىشىپ، قار-مۇز رومانتىكىلىقىنى ھېس قىلايلى

«شىنجاڭ 949 قاتناش رادىيوسى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.