«فېڭخۇاڭشيۇ . شىنجاڭغا سەپەر» پۈتۈن يەر شارىدا تورغا چىقىرىلدى
فىلىمنىڭ 8-قىسمى «ئۇن»
جۇڭگودا
ھەر كۈنى
4 مىليون 840 مىڭ دانىدىن ئارتۇق موما ۋە كۆمەچ
2 مىليون 750 مىڭ دانە نان
440 مىڭ كىشىلىك لەڭمەن يېيىلىدىغان بىر جاي بار
ئۇ دەل شىنجاڭ



بۇ مول، كۆپ خىل ئۇن تائاملىرى
شىنجاڭنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى
ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئېتىزىدىن كەلگەن
تىيانشان ئېتىكىدە
چەكسىز كەتكەن بۇغدايلىق ھەر كۈنى
16 سائەت قۇياش نۇرىغا چۆمۈلىدۇ
سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ مۇزلۇقتىكى يىغىندى قارنىڭ ئېرىشىدىن شەكىللەنگەن
تەركىبىدە مىنېرال ماددىلار ئىنتايىن مول



بۇغداي كۈزدە تېرىلىپ يازدا ھوسۇل ئېلىنىدۇ، تۆت پەسىلدىكى ئۆزگىرىش ئارقىلىق
بۇغداي دولقۇنى ئەڭ ئاخىرىدا
ئالتۇن رەڭلىك مول ھوسۇل دېڭىزى ھاسىل قىلىپ
شىنجاڭغا خاس كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان مەنزىرىگە ئايلىنىدۇ
بۇ سان پىروگراممىمىزدا بۇغدايلىقتىن يولغا چىقىپ
ھورى چىقىپ تۇرغان نان يايمىسىغا بېرىپ
خۇش پۇراق تارىلىپ تۇرغان مەززىلىك تائاملار ئاشخانىلىرىنى زىيارەت قىلىپ
ئەنئەنىۋى ئۇن تاماقلىرىنى تەييارلاشنى ئۆگىنىپ
يەرلىك قورۇمىلارغا ئېغىز تىگىپ
ئەڭ ئاددىي ھەم ھەقىقىي كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق
شىنجاڭنىڭ چوڭقۇر
ئۇن تامىقى مەدەنىيىتى ۋە سۈپەتلىك تۇرمۇشىنى دۇنياغا نامايان قىلىمىز

سىز پىروگراممىمىز ئارقىلىق
بۇغداينىڭ
ئېتىزدىن تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان «مۇكەممەل سەپىرى»نى ھەقىقىي ھېس قىلالايسىز
بۇ تۇپراقنىڭ
قانداق قىلىپ ئىللىق ھەم ئاددىي ئۇسۇلدا
كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئوزۇقلاندۇرۇۋاتقانلىقى
يەنە كىشىلەر ئارىسىدىكى
مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئەقىل-پاراسەتنىڭ مۇجەسسەملىگەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىسىز
«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






