تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش يولغا قويۇلغان 11 كۈندە، شىنجاڭنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە رەقەملىك مەھسۇلات تۈرىدىكى تاۋار ئىستېمالى 280 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ) 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، «شىنجاڭدا سېتىۋېلىش . يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىستېمالى» 2026-يىللىق شىنجاڭ باھار بايرىمىلىق ئىستېمال پەسلى ھەم ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى رەسمىي باشلانغاندىن بۇيان، «سىياسەت پايدىسى + كارخانىلار پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش + كۆرۈنۈشتە يېڭىلىق يارىتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ قاتلىق قوزغىتىشقا تايىنىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن، ئىستېمال بازىرىدا قىزغىن دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج تەڭ جانلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەت نامايان قىلىنغان.

1-ئاينىڭ 15-كۈنى، سۇنىڭ يىگوۋ ئۈرۈمچى خەلق مەيدانى بايراقدار دۇكىنىدا، خىزمەتچى خادىم شەھەر ئاھالىلىرىگە توڭلاتقۇدا يېڭى پېتى سوغۇق ساقلانغان سالمون بېلىقىنى كۆرسەتمەكتە. (ماتېرىيال سۈرەت)

    1-ئاينىڭ 25-كۈنىگە قەدەر (تورغا چىقىرىلغان 11 كۈندە)، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، رەقەملىك تاۋارلاردا 76 مىڭ 432 قېتىم ياردەم پۇل ئىشلىتىلگەن، تەكشۈرۈلۈپ ھېساباتتىن ئۆچۈرۈلگەن ياردەم پۇل سوممىسى 39 مىليون 758 مىڭ 100 يۈەن بولۇپ، 279 مىليون 160 مىڭ يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولغان، بۇ، 2025-يىلىدىكىدىن %10.69 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ياردەم پۇلى 764 يۈەن بولۇپ، ئىستېمالنى قوزغىتىش نىسبىتى 6.31 ھەسسە بولغان؛ رەقەملىك تاۋارلارنىڭ ئوتتۇرىچە ياردەم پۇلى 400 يۈەن بولۇپ، ئىستېمالنى قوزغىتىش نىسبىتى 7.35 ھەسسە بولغان.

   بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇش بويىچە تۇنجى قاراردا 6500 سالاھىيەت سانى، ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش بويىچە تۇنجى قاراردا 3500 سالاھىيەت سانى بېرىلگەن بولۇپ، ھازىر 1-نۆۋەتلىك سالاھىيەتنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ ھەممىسى تاماملانغان.

    ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ 2026-يىللىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇل سىياسىتىگە قاتناشقان ئىستېمالچىلار بىردەك جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى يۈنشەنفۇ APPسىدىكى «كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش» مەخسۇس رايونىدىن سالاھىيەت بېلىتى ئېلىشى ھەم سالاھىيەت بېلىتىنى كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدە ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەن. سالاھىيەت بېلىتى ھەر ئاينىڭ 1-كۈنى ۋە 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دا تارقىتىلىدىكەن.

   بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، رەقەملىك ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭىسىنى سېتىۋېلىش سالاھىيەت بېلىتى شۇ كۈنى سائەت 24:00تىن بۇرۇن كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ۋە ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش ياردەم پۇل سالاھىيەت بېلىتىنىڭ كۈچكە ئىگە  مۇددىتى 60 كۈن بولىدۇ.

    ​2026-يىللىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلاردىكى سودا تارماقلىرى كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، «بېلەت ئېلىشنى قولمۇقول ئۆگىتىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلار توپى قاتارلىقلارنى تور سىرتىدا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، شىنجاڭ بويىچە ئومۇميۈزلۈك تارقىتىش ۋە تەكشۈرۈپ ھېساباتتىن ئۆچۈرۈش كۆلىمىدە مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

    ئېتىبار بېرىش سالاھىيەت بېلىتى تارقىتىشتا، ئالاقىدار تەرەپلەر «ئاۋۋال سالاھىيەت ئېلىش، ئاندىن ياردەم پۇلدىن بەھرىمەن بولۇش» مېخانىزمىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يۈنشەنفۇ APPسىدىكى «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» مەخسۇس رايونى ئارقىلىق 1-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 10دا تۇنجى قېتىم تارقىتىشنى تاماملىدى، جەمئىي 118 مىڭ پارچە ئېتىبار بېرىش سالاھىيەت بېلىتى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلار، ئاپتوموبىلدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يادرولۇق ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئېتىبار بېرىش سالاھىيەت بېلىتىنى شۇ كۈنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش مىقدارى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.