1-ئاينىڭ 22-كۈنى، بورتالا ۋوگزالىنىڭ پويىز كۈتۈش زالىدا، بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسى توسونخاشا غەربىي كەنتىدىكى 30 نەپەر كەنت ئاھالىسى توققۇز كۈنلۈك يۈننەن ساياھىتىگە ئاتلىنىپ، ۋەتەننىڭ ھەيۋەتلىك تاغ-دەريالىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلماقچى بولدى.
بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ساياھەتنى توسونخاشا غەربىي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى تەشكىللىگەن بولۇپ، كەنتتىكى دائىملىق نوپۇستىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن مەنپەئەتلەنسە بولىدۇ، قاتنىشىشقا تىزىملاتقان كەنت ئاھالىلىرى كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي مەخسۇس ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، يەنى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا خىراجەتنىڭ %70ى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، 60 ياشتىن تۆۋەن كەنت ئاھالىلىرىگە خىراجەتنىڭ %50ى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. كەنت ئاھالە كومىتېتى مەخسۇس بىر كەنت كادىرىنى پۈتۈن مۇساپىدە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىپلا قالماي، يەنە كەنت دوختۇرلىرىنى پۈتۈن مۇساپىدە بىللە بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى، بولۇپمۇ ياشانغانلارنى ھەر تەرەپلىمە داۋالاش كاپالىتى ۋە سەمىمىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.
كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەش توسونخاشا غەربىي كەنتىدىكى يېڭىلىق ئەمەس. 2002-يىلى، بۇ كەنت ياشانغانلارنى شىنجاڭ ئىچىدە ساياھەت قىلىشقا تەشكىللىگەن، 2025-يىلى 4-ئايدا، كەنت ياشانغانلارنى بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ «پايتەختكە بېرىش ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






