− ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدىن خاتىرە
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ ۋېيخەن، جاڭ يەن
ئىگىلەشكە تېگىشلىكى ۋەزىيەت، قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغىنى پۇرسەت. «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىلدا، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئوقۇش باشلىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ۋە مۇھىم سۆز قىلىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا دائىر مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا قارىتا قايتا سەپەرۋەرلىك، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
«ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لارغا يۈزلەنگەن باشلىنىش يىلىدىكى تۇنجى دەرستە، سەمىمىي تەلىم بېرىپ، سەمىمىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى مۇساپىدە قايتا ئاتلىنىش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، «15 - بەش يىل»دا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بەلگىلەپ بەردى.
تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىش −
«بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى»
1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، قىشتا ياغقان بىر مەيدان قاردىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ قورۇسى كۈمۈش لىباس بىلەن ئورالدى، قاتار - قاتار قارىغاي ۋە ئارچىلار زىمىستان قىشتىن قورقماي، گىرەلىشىپ كەتكەن شاخلىرى ياپيېشىل تۇرغان بولۇپ، قىشتىكى قەھرىتان سوغۇقتا مەردانە ھالدا كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى زالى شىمالىي شەنشىنىڭ گەمە ئۇسلۇبىدا سېلىنغان قۇرۇلۇش بولۇپ، ئاددىي ھەم ھەيۋەتلىك ئىدى. زال ئىچى ئىللىقلىققا تولغان بولۇپ، كۇرسانتلار تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەنىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە بولغان ئىشلار ئۈستىدە توختالدى.
«يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز بەش يىللىق يىرىك پىلان (پىلان)دىن 14نى تۈزدى ۋە يولغا قويدى، دۆلىتىمىز ئۇزاق يىللار نامراتلىقتا تۇرۇپ ئاجىزلاپ كەتكەن يېزا ئىگىلىك دۆلىتىدىن تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى ھەم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى، بۇ بىر قاتار بەش يىللىق يىرىك پىلانلار بۇنىڭدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى».
كۆزىتىش نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەندە، تارىخنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى، ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى تېخىمۇ كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ.
«ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى».
مۇھاكىمە كۇرسى ئوقۇش باشلاشتىن بىر كۈن بۇرۇن، 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، 2025 - يىلى پۈتۈن يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 140 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، 2024 - يىلىدىكىدىن %5.0 ئاشقان. «14 - بەش يىل» تاماملىنىدىغان يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى بولۇش، ئەلا بولۇشقا يۈزلىنىپ، كۆزنى چاقنىتىدىغان نەتىجە قەغىزى تاپشۇردى.
«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 110 تىرىليون يۈەن، 120 تىرىليون يۈەن، 130 تىرىليون يۈەن، 140 تىرىليون يۈەندىن ئىبارەت تۆت باسقۇچتىن ھالقىپ ئۆتتى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ يېتەرلىك، قەدىمى تېخىمۇ پۇختا بولدى.
بەش يىللىق يىرىك پىلان ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلدى، تەرەققىيات نەتىجىلىرى تارىخ سەھىپىسىدە چاقنىدى.
«قەدەممۇقەدەم قەتئىي مېڭىپ، باسقۇچمۇباسقۇچ ئالغا سىلجىتقاندا ئۈزلۈكسىز كىچىك غەلىبىلەرنى جۇغلاپ چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ».
ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەمىزنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.
«تۆتكە پايدىلىق بولۇش» ئارقىلىق بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى −
«پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش» «كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا پايدىلىق بولۇش» «ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئىگىلەشكە پايدىلىق بولۇش» «ئىشلارنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولۇش».
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ئارقىلىق 165 تۈرلۈك، 102 تۈرلۈك چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش ئىلگىرى - كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىش» «دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش» «بىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەر تەۋرەش، كەلكۈن، يۇقۇم قاتارلىق بىر قاتار زور ئاپەتلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇق»...
قارىماققا ئادەتتىكىدەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى ئالاھىدە، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى جاپالىق. كۇرسانتلار كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، خاتىرە قالدۇردى، پىكىر يۈرگۈزدى، نۇرغۇن كىشى بۇنىڭ ئىچىدىكى گۇۋاھچى، باشتىن كەچۈرگۈچى، قاتناشقۇچى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ «بەشتە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق ئۇزاق ئەمەلىيەت داۋامىدا يارىتىلغان ۋە توپلانغان مول تەجرىبىلەرنى يىغىنچاقلىدى −
«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» «ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» «پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇش» «دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇش» «يىرىك پىلان قانۇنىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش».
يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.
يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، دۇنياۋى تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، ئىشەنچ قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى ئالدىدا، جۇڭگو تۈزۈمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى بارغانسېرى دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى.
«جۇڭگونىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىدا سىجىل تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنىڭ پىشىپ يېتىلگەن مېخانىزمى شەكىللەندى» «بەش يىللىق يىرىك پىلان ئىزچىل جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ كەلدى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بەش يىللىق يىرىك پىلان ئارقىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەمدىكى دۆلەتنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك رامكا بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ھەم ئۇنىڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى»... پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرى، تاراتقۇلىرى، ئالىملىرى بەس - بەستە دۆلىتىمىزنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىغا يۈكسەك باھا بەردى.
باش شۇجى مۇنداق دېدى: «بۇ يىللاردا مەن كۆپلىگەن دىپلوماتىيە سورۇنلىرىدا نۇرغۇن چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ دۆلىتىمىز تۈزگەن ۋە يولغا قويغان بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە ئالقىشلىغانلىقىنى ئاڭلىدىم».
كۇرسانتلار بىردەك مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلدى، بۇ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى چوڭقۇر بايان قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك بولۇپ، ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىشەنچىمىز تېخىمۇ چىڭىدى، يۆنىلىشىمىز تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى.
ئوتتۇرا قىسىم رايوندىن كەلگەن بىر كۇرسانت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «قاينام - تاشقىنلىققا تولغان مۇساپىنى ئەسلىسەك، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك نىشان ۋە ئىلمىي يىرىك پىلان ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بېكىتىلگەن نىشانغا قاراپ قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ بوشاشماي كۈرەش قىلدى، <14 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى تەرەققىيات دەل بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنىڭ جانلىق ئىپادىلىنىشى، بىز چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇق، ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى».
بىرتۇتاش پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىش −
«ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىرادىنى ساقلاش، تاكتىكا جەھەتتە كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاش»
ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدىن كېيىن، كۇرسانتلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىپ، تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ سالماقلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، ھەقىقىي مەنىسىنى ھېس قىلدى.
سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەلەمپەيسىمان ئىلگىرىلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىدىغان تارىخىي جەريان بولۇپ، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىز ئۇلۇغۋار نىشاننى قەلبىگە پۈكۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلاپ، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.
مۇساپە ئۇزۇن، ئىستىقبال پارلاق، بۇ، ھەم ئۇزاق مەزگىللىك بولۇش، جاپا - مۇشەققەتلىك بولۇش، ھەم باسقۇچلۇق بولۇش، قانۇنىيەتلىك بولۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش بىر ئاچقۇچ.
گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە، كۇرسانتلار مۇنداق بىر ئورتاق تەسىراتقا ئىگە بولدى: ھەم «يۇقىرىدىكىلەر ئاچقۇچ ۋە پىرىنسىپنى ئىگىلەش»، ئىستراتېگىيەلىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى ئىشلەش؛ ھەم «تۆۋەندىكىلەر كونكرېت ئىشلارغا مەسئۇل بولۇش»، تاكتىكىنى ئىجرا قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى تەييارلاشقا قاتناشقان بىر كۇرسانت مۇنداق بىلدۈردى: «پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيەمىزنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان ئىلمىي روھى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا ئالاھىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك يىرىك پىلاننى تۈزۈشتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يىللىق پىلاندا ئوتتۇرا مەزگىللىك يىرىك پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەش، ئوتتۇرا مەزگىللىك يىرىك پىلاندا باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەش كېرەك».
ماركسىزم ئەزەلدىن تەكچىگە تىزىپ قويۇلىدىغان نەزەرىيە ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى، ھەرىكەتنىڭ ئەسقاتىدىغان ئىدىيەسى.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش توغرىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئومۇميۈزلۈك بولۇش» «چوڭقۇر بولۇش» «دەل جايىدا بولۇش»تىن ئىبارەت كۆرسەتمە ۋە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئومۇميۈزلۈك بولۇش − ئومۇملۇق نەزەر دائىرىسى بىلەن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە ئىگىلەش، ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قالماسلىق دېگەنلىكتۇر.
چوڭقۇر بولۇش − ئىشنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى ھەم ماھىيىتىنى چۈشىنىپ، ھەم نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش، ھەم نېمە ئۈچۈنلىكىنى، قانداق ئىشلەش كېرەكلىكىنى چۈشىنىش، ھەقىقىي تۈردە تولۇق چۈشىنىش دېگەنلىكتۇر.
دەل جايىدا بولۇش − سىياسەتنىڭ چەك - چېگراسى ۋە ئۆلچىمىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى چوقۇم قىلىش، قىلالايدىغان ئىشنى تىرىشىپ قىلىش، قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش دېگەنلىكتۇر.
چوڭ دۆلەتنىڭ چوڭ دۆلەتكە خاس سالاپىتى بولىدۇ، چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، تۈرلۈك كەسىپلەردە ئىشلار چىگىش، مۇرەككەپ بولىدۇ. مۇشۇنداق بىرنەچچە جۈپ مۇناسىۋەتنى پىلانلاش مۇھاكىمە كۇرسىدا كەينى - كەينىدىن تىلغا ئېلىندى.
«يېڭى» بىلەن «كونا»نىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟
«تەكلىپ»تە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنىڭ 1 - ماددىسى قىلىندى، بۇنىڭ ئۈچۈن چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈلگەن. ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالدى: «پىلانسىز ئىش كۆرۈشكە، شامالغا ئەگىشىپ قاراملىق قىلىشقا بولمايدۇ، يېڭىسىنى كۆرۈپ كونىسىدىن ۋاز كېچىشكە، ئەنئەنىۋى كەسىپ ئەۋزەللىكىنى چۆرۈپ تاشلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. بۇ يەردىكى كونا ئارقىدا قېلىشنى كۆرسەتمەيدۇ، ئارقىدا قالغاننى چۆرۈپ تاشلاش كېرەك، لېكىن بىز ھازىر بار بولغان ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكىمىزنى يىتتۈرۈپ قويساق بولمايدۇ».
2024 - يىلى 3 - ئايدا، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى مۇنداق تاپىلىدى: «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سەل قاراش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك ئەمەس، پىلانسىز ئىش كۆرۈشنىڭ، كۆپۈكلەشتۈرۈۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بىر خىل ئەندىزىگىلا ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك».
2025 - يىلى 1 - ئايدا، لياۋنىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەرگىزمۇ <تۆۋەن دەرىجىلىك كەسىپ>، <ئارقىدا قالغان كەسىپ> دەپ قاراپ بىراقلا چېكىندۈرۈشكە بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن يېڭى - كونا قۇۋۋەت ئالمىشىش جەريانىدا ئۈزۈكچىلىك، سۈرئەت كونتروللۇقىنى يوقىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن».
قايتا - قايتا تەكىتلەشتىكى مەقسەت تونۇش جەھەتتىكى خاتالىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنى پائال يېتىلدۈرۈش بىلەن بىللە، كونا قۇۋۋەتنى يېڭىلاشقا ئەھمىيەت بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.
«ئىچكى قىسىم» بىلەن «تاشقى قىسىم»نىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق ئىگىلەش كېرەك؟
دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش تىلغا ئېلىنغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق بىر چوڭقۇر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «قانداق قىلغاندا دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ خەلقئارادىكى ئايلىنىشقا كۆپ تۈگۈنلۈك، كۆپ زەنجىرلىك تۇتاشتۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئايلىنىشتىكى مۇھىم تۈگۈن ۋە كۈچلۈك موتورغا ئايلىنىشىغا كۈچ قوشقىلى بولىدۇ؟»
غەربىي قىسىم رايونىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇزاكىرىدە ئۆزلىرىنىڭ نەتىجە يارىتىش بوشلۇقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇش بىلەن بىللە قېرىنداش ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە ماس تەرەققىياتنى كۈچەيتىپ، ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن ماسلاشقان كەسىپ ھەمكارلىقى مۇھىم تۈگۈنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىشىمىزنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزدۇق».
تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى قانداق قىلغاندا بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بەرگىلى بولىدۇ؟
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار توغرىسىدا، ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پەن - تېخنىكا ئىنقىلابىدا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت تېخنىكىسى، بىيوتېخنىكا قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار مەركەزلىك مەيدانغا كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتتى، بۇ، پار ماشىنىسى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، ئالاقە تورىدىن كېيىنكى يەنە بىر دەۋر بۆلگۈچ زور تېخنىكا ئىسلاھاتى دەپ قارالدى».
ھالبۇكى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار مۇۋاپىق قوللىنىلمىسا، ساختا ئۇچۇر، سانلىق مەلۇمات ئوغرىلاش قاتارلىق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا تېخنىكا كونتروللۇقىنى يوقىتىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، ئالدىن ھۆكۈم قىلىش، ئالدىنى ئېلىش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىگىلەش كېرەك.
بوران - چاپقۇن قانچە كۈچلۈك بولغانسېرى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى شۇنچە ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى مەھكەم تۇرغۇزۇشنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى. «پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا، مېنىڭ نۇقتىلىق تەكىتلىگىنىم دەل خەۋپسىزلىك».
2013 - يىلى مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالارنىڭ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەگە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىشلىرىمىز قانچىكى ئالغا ئىلگىرىلىگەنسېرى، قانچىكى تەرەققىي قىلغانسېرى، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە شۇنچە كۆپىيىدۇ، دۇچ كېلىدىغان خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسمۇ شۇنچە كۆپىيىدۇ، يۈزلىنىدىغان تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلار شۇنچە كۆپىيىدۇ. بىز جەزمەن كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلىشىمىز كېرەك».
يىراقنى كۆزلىمىگەنلەر بىر مەزگىللىك ئىشنىمۇ ياخشى قىلالمايدۇ. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش «ھەل قىلغۇچ قەدەم»نى بېسىش، «تەشەببۇسكارلىق جېڭى» قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئەقىل - پاراسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانداق قىلغاندا بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ؟
بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇش ئۈستىدە توختالغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دىيالېكتىكىلىق چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىرسى تېز، بىرسى ئاستا بولسا بولمايدۇ. بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى دەپ ئاتىلىشىدىكى داۋلى دەل مۇشۇ يەردە».
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. باش شۇجى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
«ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسىتىنى تۈزۈشكە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تەلىپى ماس قەدەمدە كىرگۈزۈلدى، خەلق تۇرمۇشى سىياسىتىنى تۈزۈشتە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى ماس قەدەمدە ئويلىشىلدى، <تەكلىپ>تىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى نىشان ۋە سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي بولۇپ، ئۇنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك».
نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش مەسىلىسى، ياشانغانلار، بالىلار مۇلازىمىتى مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇستا «دولقۇنسىمان» ئۆزگىرىش كۆرۈلۈش... قىزغىن ھەم ئەمەلىي مۇزاكىرە جەريانىدا، كۇرسانتلار دىققىتىنى رېئال مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلىلەرنى كۆزلەپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيەۋى تونۇشنى خىزمەتلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىلانلاشقا ئايلاندۇرىمىز، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت تۇتقىغا ئايلاندۇرىمىز، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرىمىز.
يېڭى نەتىجە يارىتىش −
«ئاڭلىق ھالدا خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش»
ھازىر، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئۆزگىرىشى كەڭ، چوڭقۇر بولۇۋاتىدۇ، يېڭى شەيئىلەر ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. «ھەر قېتىملىق زور تارىخىي پەيتتە، پارتىيەمىز ھەمىشە پۈتۈن پارتىيەنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشكە چاقىرىق قىلىدۇ.» ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىقتىدار ۋەھىمىسى» ئەھۋالىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە چارىسىز قالىمىز، كۆڭلىمىز ساراسىمىگە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا يەنىلا ئۆگىنىشكە تايىنىش كېرەك».
باش شۇجى مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
شەرقىي قىسىم رايونىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى: «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىر قېتىملىق نەزەرىيە يېتەكچىلىكى دەرسى، ۋەزىيەت تەربىيەسى دەرسى، شۇنداقلا بىر قېتىملىق پارتىيەۋىلىكنى تەھلىل قىلىش دەرسى بولدى، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىنچىكە ئۆگىنىپ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش <15 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى ئېنىق ئويلاش، چۈشىنىپ ئۆگىنىشكە تېخىمۇ پايدىلىق».
مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىشتىن كۆپرەك تەجرىبە ئۆگىنىپ، خەلق ئاممىسىدىن كۆپرەك ئەقىل - پاراسەت ئۆگەنگەندىلا، ئەمەلىيەت داۋامىدا زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قابىلىيىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
سىياسىي نەتىجە قارىشى مەسىلىسى تۈپ مەسىلە، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: «توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى بىزدىن ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ۋە جاپالىق ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدىغان، خەلققە ھەقىقىي بەخت يارىتىدىغان، ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ».
سىياسىي نەتىجە قارىشى ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ بىرنەچچە خىل ئىپادىسى ئۈستىدە توختالغاندا، باش شۇجىنىڭ تەلەپپۇزى سالماق، ئىپادىسى كەسكىن بولدى.
«تار مەھكىمىچىلىك ئاغزىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك دەپ توۋلىغان بىلەن، ھەرىكىتىدە بولسا گىرۋەك توپ ئۇرۇپ، تاللاش خاراكتېرلىك ئىجرا قىلىپ، قىسمەن مەنپەئەت سەۋەبىدىن ئومۇمىي مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ».
«كۆپتۈرمىچىلىك قىلىپ، تۆھپە كۆرسىتىشكە بېرىلىش ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ، قارىغۇلارچە ئىش قىلىش، مالىيە كۈچى بىلەن ھېسابلاشماي تۈرلەرنى يولغا قويۇش، قەستەن داغدۇغا پەيدا قىلىش، كۆلەمنى كېڭەيتىۋېتىش، <ئىش قىلىش>نى ئەمەس، <ئۆزىنى كۆرسىتىش>نى ياخشى كۆرۈش بىر مەزگىللىك سىياسىي نەتىجىنى ئۇزاق مەزگىللىك يۈككە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ».
«مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش بىر تەرەپتىن يېڭى ئەمەلدار كونا ھېساباتقا ئىگە بولماسلىق، يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن كارى بولماي، كېيىنكى نۆۋەتلىك رەھبىرىي كادىرغا تاشلاپ قويۇشنى كۆرسىتىدۇ».
...
رەھبىرىي كادىرلار دۇرۇس بولۇشى كېرەك. سىياسىي نەتىجە قارىشىنى توغرا تىكلىگەندىلا، ئىش بېجىرىشتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكىلى بولىدۇ.
كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ياخشى كادىرى قانداق بولۇشى كېرەك؟ بۇ، روھقا تاقىلىدىغان، ئاساسقا تاقىلىدىغان مەسىلە. پارتىيە مەكتىپىنىڭ ھويلىسىدا جياۋ يۈلۇ بىلەن گۇ ۋېنچاڭدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىنىڭ ھەيكىلى كۇرسانتلار بىناسىنىڭ ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانىدى، پۇقرالارنىڭ تەرىپلىشى، تارىخنىڭ ئابىدىسى بۇ يەردە كونكرېتلاشقانىدى.
«قەيەردە ئەمەل تۇتسا، شۇ جايغا بەخت يارىتىپ، ھاياتلىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى...» بۇ، «نيەننۇجياۋ . جياۋ يۈلۇنى ئەسلەيمەن»دىكى چوڭقۇر ھېسسىيات ئورتاقلىقى.
«گۇ ۋېنچاڭنىڭ ئىزچىل تۈردە كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە داغدۇغىلىق ھالدا <نەتىجىسىنى كۆرسىتىش>كە ئىنتىلمەي، ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىدىن بولدى...» بۇ، «جىجياڭ يېڭى سۆزلىرى»دىكى قىممەتنى قەلبتىن چوڭقۇر ئېتىراپ قىلىش.
يولداش شى جىنپىڭنىڭ يەرلىكتە خىزمەت قىلغان ۋاقىتتىكى بۇ ئىككى نەپەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسىغا بەرگەن باھاسى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
يوشۇرۇن نەتىجە بىلەن روشەن نەتىجە، ئەمەلىي تۆھپە بىلەن مەۋھۇم تۆھپە، بىر رايون بىلەن ئومۇملۇق، ھازىر بىلەن كەلگۈسى... تاللاش بىلەن قارار قىلىش ئارىسىدا، ھەم ئومۇملۇقنى قەلبكە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش نامايان بولدى، ھەم ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ئىپادىلەندى.
سىياسىي نەتىجە قارىشى بىلەن تەرەققىيات قارىشى زىچ مۇناسىۋەتلىك.
مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنداق بىلدۈردى: «ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىشتىن، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشقىچە، يەنە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىشقىچە، <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋاملىق تۈردە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ باش تېمىسى قىلىپ بېكىتىلدى. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى، يېڭى تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدە، توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش تېخىمۇ زۆرۈر».
1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇھاكىمە كۇرسىدا ئوقۇش تاماملاندى. ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىدا، ھەرقايسى ساھەلەردىن كەلگەن كۇرسانتلارنىڭ ئون ۋەكىلى تەسىراتىنى ھەمبەھرىلىدى.
«بەش يىلنى چىڭ كۆزلەپ، ھەربىر يىلدا پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىمىز» «مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىسلاھ قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىجادىي خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىمىز» «ئومۇمىيەت قارىشى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بىر رايوننىڭ كۈچى ئارقىلىق ئومۇملۇققا تۆھپە قوشۇپ، ياخشى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن، ياخشى ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن، ياخشى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولىمىز»...
مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسى ئىچىدە، غايەت زور بىر تاش يېشىل ئارچىلارنىڭ يېشىل دولقۇنلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، تاشنىڭ جەنۇب - شىمال ئىككى يۈزىگە ئايرىم - ئايرىم «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» ۋە «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» دېگەن خەت ئويۇلغان. بۇ، بارلىق كوممۇنىستلارنىڭ ھېكمەتلىك سۆزى.
كۇرسانتلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەك» دېگەن سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، مەكتەپتىن ئايرىلدى، ئۇلارنىڭ قەلبىدە جۇش ئۇرغىنى مۇقەررەركى «15 - بەش يىل»نىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)






