□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ خاۋ
«ئىلگىرى پارنىكتا نېمىلا ئۆستۈرسەك پۈتۈنلەي تەجرىبىگە تايىناتتۇق، ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەگىشىپ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىۋاتىمىز، كەنت كوللېكتىپ كىرىمى مىليون يۈەندىن ئاشتى، بىز بۇ جايدا ئىشلىسەك مائاشىمىز بار، يىل ئاخىرىدا يەنە پايدا تەقسىم قىلىنىدۇ، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ئىشەنچكە تولدى!» دېدى 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ چارلۇڭ بازىرى قايىز كەنتىنىڭ ئاھالىسى پامىر تاھىر پارنىكتا ئەنجۈر شاخلىرىنى چاتىغاچ، خۇشال ھالدا.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقتۇ ناھىيەسىدە ئۆلچەملەشكەن پارنىكتىن كۆلەملەشكەن كەسىپ بازىسىغىچە، ھەممە جايدا كوللېكتىپ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش قىزغىن دولقۇنى مەۋج ئۇردى. ئىلگىرى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ھەر مىللەت ئامما كەنت كوللېكتىپىنىڭ كەسىپ تەرەققىيات قەدىمىنى بويلاپ، سالاھىيەت تىپىنى ئۆزگەرتىش، ماھارەتنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشىكى ئالدىدا كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، كوللېكتىپ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن مول نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلەندى.
ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى مەركەزلەشكەن رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، چارلۇڭ بازىرى باشلامچىلىق بىلەن كوللېكتىپ ئىقتىسادى كىرىمىنى ئاشۇرۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ناھىيە بويىچە «بېيىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش»تىكى باشلامچى بولۇپ قالدى. كۆچۈرۈلىدىغان ئاممىنىڭ «كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇش، مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇش، بېيىيالايدىغان بولۇش»تىن ئىبارەت يادرولۇق ئېھتىياجىغا قارىتا، بۇ بازار كەنت تەۋەسى پاسىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، باشلامچى بولۇپ ئالتە كەنتنىڭ بايلىقى ۋە كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، 2056 پارنىك ياساپ، كۆلەملەشكەن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسى بەرپا قىلىپ، ئىلگىرىكى كەنت دەرىجىلىك كەسىپلەرنىڭ «ئۇششاق، تارقاق، ئاجىز بولۇش» ئەندىزىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتى.
بۈگۈنكى كۈندە، چارلۇڭ بازىرىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسىدا رەڭلىك لازا، ئەنجۈر قاتارلىق خاس مېۋە - كۆكتاتلار كۆلەملەشكەن ئۆستۈرۈش سېپى ھاسىل قىلدى. بازار بويىچە 230 ئامما بۇ جايدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىشى بېشى يىللىق كىرىمىنى 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇردى، ئالتە كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادى بىردەك مىليون يۈەندىن ئېشىپ، «كۈچلۈك كەنت ئاجىز كەنتنى يېتەكلەش، بىرلىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىش» ياخشى ئەندىزىسى شەكىللەندى. بۇ مەيدان كوللېكتىپ ئىقتىسادىنىڭ «سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مۇسابىقىسى»دە، ئاقتۇ ناھىيەسى يەنە شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خاس كەسىپلەرنى يېزا - كەنت مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقۇزدى. جامالتېرەك يېزىسىدا مەۋقە شۇ جاينىڭ كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە قويۇلۇپ، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوللىشىدا، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى باشلامچى بولۇپ لۇسۈن كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، «يەرنى پاي قىلىپ قوشۇش + تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىپ پايدا تەقسىملەش» ئەندىزىسى ئارقىلىق 700 مو يەرنى بىرىكتۈرۈپ، گوكاڭ 1 - نومۇر، جىڭگاڭخۇڭ قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك لۇسۈن سورتلىرىنى كىرگۈزۈپ، زامانىۋىلاشقان ئېسىل لۇسۈن باغچىسى بەرپا قىلىپ، يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقتى.
«ئىلگىرى قوناق تېرىساق بىر يىلدا ھېچقانچە پۇل تاپالمايتتۇق، ھازىر يەر ئوبوروت قىلساق تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىپ پايدا تەقسىملىنىدۇ، لۇسۈن باغچىسىدا ئىشلىسەك مۇقىم كىرىمىمىز بار، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى» دېدى جامالتېرەك يېزىسى قاشبويى كەنتىنىڭ ئاھالىسى يۈسۈپئەمەت يۈسىيىن.
ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن باشلامچى كارخانا چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، كارخانا تېخنىكا، سېتىشنى باشقۇرۇش، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەش، دېھقان ئائىلىلىرى قاتنىشىش، نەپكە ئېرىشىشتىن ئىبارەت مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلدى، «تۆۋەن كىرىمگە پەلەمپەيسىمان كاپالەتلىك قىلىش + پايدا ئايرىش» مېخانىزمى ئارقىلىق، 2025 - يىلى، جامالتېرەك يېزىسى قاشبويى كەنتى، باغلا كەنتىنىڭ ئۇنىۋېرسال پايدىسى 4 مىليون يۈەندىن ئاشتى، پۈتۈن يېزىدىكى يەتتە كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادى بىردەك مىليون يۈەندىن ئاشتى.
كوللېكتىپ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئاقتۇ ناھىيەسى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسىگە سىجىل تۈردە ئەلالارنى تاللاپ كۈچلۈكلەرنى سەپلىدى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرى ئىچىدە بېيىش ماھىرلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن ئېشىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇلازىمەت كوللېكتىپىدىن 96سى تەشكىللەپ قۇرۇلۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى پۇختا ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەندى. 2025 - يىلى، ناھىيە بويىچە كەنتلەرنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادى كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %9.8كە يەتتى، ئاممىغا 12 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پايدا تەقسىملەندى.
ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىن مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈشكىچە، چارۋا باقمىچىلىقىدىن مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشقىچە، ئاقتۇ ناھىيەسى «بىر كەنتتە بىر تەدبىر بولۇش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، كوللېكتىپ ئىقتىسادىنىڭ كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بارىن يېزىسى بارىن كەنتى بىكار تۇرغان مۈلۈكنى جانلاندۇرۇپ خاس پىششىقلاش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قىرغىز مىللىتى كەشتىچىلىكى، ساپال بۇيۇم ياساش قاتارلىق ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى بېيىش كەسپىگە ئايلاندۇردى؛ بۇلۇڭكۆل يېزىسى چاقىر ئېغىل كەنتى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ مەنزىرە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تۈرلىرىنى پىلانلاپ، «دۇنيا پامىرى . چاقناپ تۇرغان ئاقتۇ» مەدەنىيەت - ساياھەت ماركىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشتى؛ ئۈژمە يېزىسى ئۈژمە كەنتى ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق كەسپىدە قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى...
نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيەدىكى 48 كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادى مىليون يۈەندىن ئاشتى، بۇ، كۆپ ساھەنى قاپلىغان بولۇپ، 10 مىڭغا يېقىن ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، ئامما كەسىپ تەرەققىياتى داۋامىدا پايدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى.
ئاقتۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەن پۇدوۋ مۇنداق بىلدۈردى: ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى باشتىن - ئاخىر كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى يادرولۇق تۇتقا قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كەنت بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، بازار تۈرتكە بولىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ خاس كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچلۈك كەنتلەر ئۈلگە بولۇش، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىقتىسادىنىڭ مىقدارنى ئاشۇرۇشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پامىر ئېگىزلىكىدىكى يۇرتداشلارنى ئورتاق بېيىش يولىنى تېپىپ چىقىشقا يېتەكلىدى.






