تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

قانۇنچىللىق ئارقىلىق «پولات - تۆمۈر تومۇرى» سىجىل قوغدالدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ

9000 كىلومېتىردىن ئارتۇق تۆمۈريول لىنىيەسى شىنجاڭ تۇپرىقىدا تەرەپ - تەرەپكە كېڭىيىپ، گىرەلىشىپ «بىر ئوق، شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئۈچ لىنىيە، ئىككى ئايلانما، ئىككى پورت»تىن ئىبارەت ئىستېرېئولۇق يول تورىنى شەكىللەندۈردى، يولۇچى ۋە يۈك توشۇش مىقدارى يىلمۇيىل ئاشتى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ياۋروپا - ئاسىيا ئارىسىدا قاتنىدى، شىنجاڭ تۆمۈريولى رايونلار تەرەققىياتىنى تۇتاشتۇرىدىغان، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئىقتىساد - سودىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ تومۇرغا ئايلاندى. «پولات - تۆمۈر تومۇرى»نىڭ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى قانۇنچىللىق كۈچىنىڭ پۇختا قوغدىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

2025 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 - يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۆمۈريول بىخەتەرلىكى نىزامى» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. خەلق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ نىزامنىڭ مەنبەسى لاتىفا باقىت قاتارلىق ئون ۋەكىل ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى مەزگىلىدە بىرلىكتە تاپشۇرغان «<ئاپتونوم رايوننىڭ تۆمۈريول بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى>نى تۈزۈپ ئېلان قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تىرانسپورت ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، 2024 - يىلى توشۇلغان يولۇچى 50 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىم، يۈك توشۇش مىقدارى 237 مىليون توننا بولدى، 2025 - يىلى توشۇلغان يولۇچى 54 مىليون 231 مىڭ 900 ئادەم قېتىم، يۈك توشۇش مىقدارى 250 مىليون توننا بولدى، تۆمۈريولنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى تۈگۈنلۈك رولى بارغانسېرى گەۋدىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەككە ئايلاندى. لېكىن يول تورىنىڭ سىجىل كېڭىيىشى، توشۇش مىقدارىنىڭ تېز ئېشىشىغا شىنجاڭدا يەر كەڭ بولۇش، ناچار ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلۈش قاتارلىق ئەھۋاللار قوشۇلۇپ، ئەسلىدىكى ھۆكۈمەت قائىدىلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى بىخەتەرلىك خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇشى تەسكە توختىدى. شۇ سەۋەبتىن، ۋەكىللەر تەكلىپتە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: جەزمەن يەرلىك نىزام تۈزۈش ئارقىلىق ھوقۇق - مەسئۇلىيەت پاسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۆمۈريول بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي تۈردە قانۇنچىللىق يولىغا ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈش كېرەك.

ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بۇ تەكلىپ تاپشۇرۇلۇشى بىلەنلا، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى تېزدىن مەخسۇس بېجىرىش لايىھەسى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى، قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ قېتىم ۋەكىللەر بىلەن ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىپ، نىزام چىقىرىش مۇساپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، بۇ نىزام 2025 - يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى، ئارقىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىشى ئارقىلىق، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ئالاقىدار تارماقلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپ ئېلىندى ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ قومۇل، خوتەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قانات يايدۇرۇلدى، قايتا - قايتا تۈزىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش داۋامىدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملىنىپ، ئاخىردا قاراپ چىقىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. تەكلىپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىن نىزامنىڭ چىقىرىلىشىغىچە، پۈتۈن جەريان ھەم ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولدى، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، خەلق رايىغا جاۋاب قايتۇرۇشتىكى قانۇنچىللىق جەريانى بولدى.

«بۇ نىزامنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى دەل مەۋقە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇلۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئەسقاتىدىغان تەجرىبىلەر تاۋلىنىپ، مۇستەھكەملىنىپ، تۆمۈريول بىخەتەرلىكى بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بولۇش، مەسئۇلىيەت بولسا سۈرۈشتۈرگىلى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن مىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نىزام «مەسئۇلىيەت، باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش، ئالدىنى ئېلىش»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئۆلچەم بويىچە ھەر تەرەپلىمە بىخەتەرلىك كاپالىتى سىستېمىسى بەرپا قىلدى − ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ ئىدارە قىلىش ئاساسى مۇستەھكەملىنىپ، ماسلىشىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئورتاق ئىدارە قىلىش بىرىكمە كۈچى مۇجەسسەملىنىپ، باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ دەل جايىدا ئالدى ئېلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى بىلەن تەرەققىياتقا تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، تىرانسپورت قائىدىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەم بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكى ساقلاندى، تېخىمۇ مۇھىمى تەرەققىيات بوشلۇقىغا تىرەك بولۇندى.

بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، نىزام رەسمىي يولغا قويۇلدى. «تۆمۈريول بىخەتەرلىكى خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكى، تېخىمۇ مۇھىمى تەرەققىيات قىزىل سىزىقى.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لۇ شىنخۇ مۇنداق بىلدۈردى: نىزامنى يولغا قويۇشنى پۇرسەت بىلىپ، «پولات - تۆمۈر تومۇرى»نى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى قوغداپ، تۆمۈريولنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.