تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

قىش كۈنلىرىدە چۆل-باياۋاندىن مېۋە ھىدى تارالدى

1-ئاينىڭ 20-كۈنى، كەنت ئاھالىسى چوۋجۈ ئۈزمەكتە. ئاقسۇ شەھىرى ئېگەرچى بازىرىنىڭ بۇلۇڭكۆۋرۈك كەنتىدە چوۋجۈدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلەر شاخلارغا لىق تولدى. ياڭ شو فوتوسى

1-ئاينىڭ 20-كۈنى، پىدائىيلار كۇچا شەھىرى ئوچا بازىرى ئوچا 3-كەنتىدىكى پارنىكتا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ لەنمېي پەرۋىش قىلىشىغا ياردەملەشمەكتە. ھازىر بۇ كەنتتە ئۆستۈرۈلگەن لەنمېي مېۋىلەشكە باشلىدى. ليۇ دىڭ فوتوسى

  1-ئاينىڭ 20-كۈنى، جىمىسار ناھىيەسى دايوۋ بازىرى خولۇڭگو ئۆستۈرۈش بازىسىنىڭ خىزمەتچىسى خولۇڭگونى كۆرسەتمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ بازار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى كىرگۈزۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ما كەيشيۇڭ فوتوسى

1-ئاينىڭ 18-كۈنى، كەنت ئاھالىسى ئۆستۈرۈلگەن مۇگۇانى كۆرسەتمەكتە. قاراقاش ناھىيەسى جاھانباغ يېزىسى ئايماق كەنتىدە ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتىن 122سى بار بولۇپ، شياڭجاۋ، مۇگۇا، چىڭزاۋ چىلىنى قاتارلىق مېۋىلەر ئۆستۈرۈلدى. ليۇ شاۋبىن فوتوسى

  1-ئاينىڭ 20-كۈنى، تېرىقچىلىق ئائىلىسى ئادەمگىياھ مېۋىسىنى پەرۋىش قىلماقتا. ھازىر، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسى چىلانباغ كەنتىدىكى زامانىۋى ئەسلىھەلىك كەسىپلەر باغچىسىدا ئۆستۈرۈلگەن ئادەمگىياھ مېۋىسى راسا مېۋىلەش مەزگىلىگە كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بازارغا سېلىنىپ سېتىلىدىكەن. خەن جۈن فوتوسى

1-ئاينىڭ 21-كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىدىكى 90 پارنىك باھار تۈسىگە چۆمگەنىدى. ئاقۇچ ھال رەڭ چېلىزى چېچەكلىرى شاخلارنى قاپلىغان بولۇپ، خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالغانىدى، ئىشچىلار چېچەكلەرنى شالاڭلىتىپ، مېۋىلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. نازمىك توختىباي فوتوسى

  1-ئاينىڭ 18-كۈنى، ساياھەتچىلەر قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى پالۋانتۇر كەنتىدىكى شېكەر قومۇشى پارنىكىدا شېكەر قومۇشى كەسمەكتە. ھازىر، قومۇل شەھىرى ماڭگو، ۋوگەن، پىپا قاتارلىق جەنۇبنىڭ ئون نەچچە خىل مېۋىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆستۈردى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.