تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

يېزا - كەنتلەردىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

ئېغىر دەرىجىدە شورلىشىپ تاشلىنىپ قالغان تېرىلغۇ يەرلەر بۇغداي دولقۇنلىرى مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان توننىلىق ئاشلىق ئېتىزلىرىغا ئايلاندى؛ توپا - چاڭ كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان يېزا يوللىرى راۋان، رەتلىك، پاكىز بولغان قاتتىقلاشتۇرۇلغان كوچا يوللىرىغا ئايلاندى؛ دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدىكى جىمجىتلىقنىڭ ئورنىنى ئىشىك ئالدىغا جايلاشقان كەسىپلەر باغچىسىدىكى ئالدىراشلىق ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيلىرىدىكى قاينام - تاشقىنلىق ئالدى...

2025 - يىلى، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلىپ، «مىڭ - تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچى ئامما تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈردى. شىنجاڭدىكى يېزا - كەنتلەرنى ئايلانغاندا، كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، تۇرمۇش باياشات بولغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنتلەرنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئومۇميۈزلۈك نامايان بولغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

«رەقەملىشىش» مۇنبەت دالىدا يىلتىز تارتتى، مەھسۇلات مىقدارى ئېىشپ مول ھوسۇل ئېلىندى

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپ ئاساس؛ كەسىپلەرنى روناق تاپتۇرۇشتا يېزا ئىگىلىكى ئاساس. شىنجاڭ يېزا - كەنتلىرىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشنىڭ مۇقەددىمىسى يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىنغان ئېتىزلارغا پۈتۈلدى.

2025 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ھوسۇلى 24 مىليون 323 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن 1 مىليون 21 مىڭ توننا ئېشىپ، يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى؛ ئاشلىق مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 552.8 كىلوگىرامغا يېتىپ، ئۇدا ئىككى يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى. يارقىن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئارقىسىدا، بىر مەيدان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى قايتا يارىتىش بار. ئىلگىرى، تېرىلغۇ يەر تارقاق بولۇش، ئەسلىھەلەر ئاجىز بولۇش يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىر مەيدان «ئېتىزلارنى چاسىلاشتۇرۇش، يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆستەڭلەرنى تۇتاشتۇرۇش، قۇرغاق يەرلەرنى سۇغىرىش، زەي بولسا چىقىرىۋېتىش»تىن ئىبارەت زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش پۈتۈن شىنجاڭدا ئالغا سىلجىتىلدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا جەمئىي 59 مىليون 890 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنىپ، %80تىن ئارتۇق بۇغداي ۋە قوناق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارغا تېرىلدى.

«ئىلگىرى يەر تېرىساق، ھەر مو يەرنى سۇغىرىش ۋە ئوغۇتلاش ئۈچۈن 40 - 50 يۈەن كېتەتتى، يەنە ئادەم سېلىپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلەتتى. ھازىر يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، يان تېلېفون بىلەنلا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدۇ، يەنە يېزا ئىگىلىك شىركەتلىرى تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاشقا ياردەم بېرىۋاتىدۇ، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تېمىتىپ سۇغىرىش سۇنى تېجىدى ھەم ئوغۇتنى تېجىدى، ئادەم ئىشلىتىش ھەققى ۋە ئوغۇت پۇلى تېجەپ قېلىنىپ، تېرىقچىلىق ئۈنۈمى بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى» دېدى سانجى شەھىرى يۇشۇگوۋ بازىرى يۇڭجىن كەنتى ئاھالىسى فېڭ يىخۇي.

يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى بىلەن ماس قەدەمدە يەنە يەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىگە قارىتا سىجىل چوڭقۇر قېزىش ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. كەڭ كەتكەن شورلۇق يەرگە قارىتا، شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئارقىلىق شورنى چىقىرىۋېتىش، بىيولوگىيەلىك ئۇسۇل ئارقىلىق ياخشىلاش، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىلگىرىكى «گىياھ ئۈنمەيدىغان يەر»نىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

«ئىلگىرى بۇ يەر ئېغىر دەرىجىدە شورلىشىپ كەتكەن بولۇپ، تۆۋەن ئۈنۈملۈك زىرائەتلەرنى ئاندا - مۇندا تېرىغىلى بولاتتى. ھازىر <تۇرۇبا ئارقىلىق شور چىقىرىۋېتىش + سۇغىرىش بىلەن زەي چىقىرىۋېتىشنى ماسلاشتۇرۇش> قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يەرلەر تۈپتىن ئۆزگەردى، تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتى ئوتتۇرىچە ئۈچ دەرىجە ئاشتى، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %65تىن ئاشتى.» باغراش ناھىيەسى تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى لىڭفېڭ ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ مەسئۇلى جاۋ جيې شورلۇق يەرنىڭ سورتىنى ياخشىلاشقا قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ئىدى. 2025 - يىلى، بۇ يەرنىڭ قوناق مو بېشى ھوسۇلى 1035 كىلوگىرامغا يەتتى، «ئاق چۆللۈك»تىن «ئالتۇندەك سېرىق ئاشلىق ئامبىرى»غىچە بولغان مۆجىزە رېئاللىققا ئايلاندى.

يېزا ئىگىلىكىدىكى ئۆزگىرىش پەن - تېخنىكا بىلەن ئەقىل - پاراسەتتىكى ئۆزگىرىش. خوتەن شەھىرىنىڭ توساللا بازىرى گىلەم كەنتىدە ئۆسۈملۈك ئاسرايدىغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئېتىزلارنى پەرۋىش قىلىشتىكى ئۆلچەملىك سەپلىمىگە ئايلاندى، ئىلگىرى بىرنەچچە كۈندە تاماملىغىلى بولىدىغان خىزمەتلەر بۈگۈنكى كۈندە ئۇچۇرۇش مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ مەشغۇلات قىلىشى ئارقىلىق نەچچە سائەتتە تاماملىنىدىغان بولدى؛ شىنجاڭ داشۆ رىياسەتچىلىك قىلغان «توپلانما ئەقلىي ئىقتىدارلىق، ئۆز ئالدىغا مەشغۇلات قىلىدىغان ئاقىل دېھقانچىلىق مەيدانى» تۈرى كەلگۈسىدىكى «ئادەمسىز مەشغۇلات» دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ شەكلىنى نامايان قىلدى... ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش - ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ سۇغىرىشتىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئاپتوماتىك ھەيدەپ ئورۇشقىچە بولغان جەرياندىكى رەقەملىك تېخنىكا تېرىقچىلىق شەكلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە، بۇ مەيدان ئاقىل ئىنقىلاب شىنجاڭنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا ئىگىلىكى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

ئورتاق ئىدارە قىلىندى، ئورتاق بەھرىلەندى، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان بولدى، ھالقىدى

يېقىندا ئېچىلغان مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «مىڭ - تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ۋە مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ «ھۆسنى»دىكى ئۆزگىرىش دەل ئىچىدىغان سۇ، سەپەرگە چىقىشنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت كىچىك ئىشلاردىن باشلانغانىدى.

بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات شىنجاڭدىكى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ ھالقىش خەرىتىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى: يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %99.4كە يەتتى؛ يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %63كە يەتتى؛ تۇرمۇش ئەخلەتلىرى يىغىپ توشۇلۇپ، بىر تەرەپ قىلىنغان مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ نىسبىتى %90تىن ئاشتى. بۇ سانلىق مەلۇماتلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسكەنلىكىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە دەلىلى.

ئۆزگىرىش ھەربىر كوچا، ھەربىر ھويلىلاردا كۆرۈلدى. تېكەس ناھىيەسى خۇجىرتى موڭغۇل يېزىسىنىڭ خۇجىرتى كەنتىدە ئىلگىرىكى يۇندى ئېرىقلىرى مەنزىرە بەلبېغىغا ئايلاندى، قالايمىقان بوش يەرلەردە كىچىك مەيدان ياسالدى، قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەچتىكى قايتىش يولىنى يورۇتتى؛ ئالتاي شەھىرىنىڭ بالباغاي يېزىسى كۆگەرتۇ كەنتىدە ئىلگىرىكى شېغىل يوللار پاكىز ئاسفالت يوللارغا ئۆزگەردى، كەنت ئاھالىلىرى قار - مۇز مەنزىرىسىدىن پايدىلىنىپ يېزا - كەنت ساياھىتىنى راۋاجلاندۇردى، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ سودىسى قىزىپ كەتتى؛ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسى گۈلباغ كەنتىدە سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانا بىلەن تولۇق قاپلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «مەركەزلەشتۈرۈش + ئائىلىلەرگە ئايرىش» ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، پاسكىنا سۇنى تۈزەش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، 30 مېتىر يەرگە بىردىن ئەخلەت ساندۇقى، 25 ئائىلىلىككە بىردىن ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش نۇقتىسى سەپلىنىپ، «كەنت يىغىش، يېزا يۆتكەش، ناھىيە بىر تەرەپ قىلىش» مېخانىزمى ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى...

بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەرقايسى يېزا - كەنتلەر بارغانسېرى «رەتلىك، پاكىز، گۈزەل» بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىپ، «ۋاقتىنچە مەينەتچىلىكنى تازىلاش»تىن «ئۇزاققىچە پاكىز بولۇش»قا ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. نۇرغۇن جاي يەنە «جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى» قاتارلىقلارنى ئورنىتىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىسىنىڭ «ئۆز ماكانىنى ئۆزى قۇرۇش، ئۆزى باشقۇرۇش»تىن ئىبارەت باش قەھرىمانلىق ئېڭىنى ئۇرغۇتۇپ، مۇھىت تۈزەشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش ھەممە كەنتنىڭ قىياپىتىنى بىر خىل قىلىش ئەمەس. يېزىلارنىڭ قىياپىتى ۋە مىللەت خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئالدىنقى شەرتىدە، يېزا - كەنتلەرنىڭ زامانىۋىلاشقان تۇرمۇش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى. كۇچا شەھىرىدە، «تامنى چېقىپ ھويلىنى قوشۇۋېتىش» ئارقىلىق «ئانار دانىسى ماكانى» بەرپا قىلىنىپ، فىزىكىلىق بوشلۇق كېڭەيتىلىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى قوشنىلار ئارىسىدىكى ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ قورغاس ناھىيەسى سۈيدۈڭ بازىرىنىڭ نەنگۇەن مەھەللىسىدە، رەتكە سېلىنغاندىن كېيىنكى مەھەللە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇق بولدى... تېخىمۇ كۆپ يېزا - كەنتلەر ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، ئاممىۋى مۇلازىمىتى قولاي، ئېكولوگىيە - مۇھىتى گۈزەل، قوشنىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىناق بولغان ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان جايغا ئايلىنىپ، ماكانىنى سېغىنىش ھېسسىياتىنى تايانچقا، كەلگۈسىنى تېخىمۇ ئۈمىدكە ئىگە قىلدى.

كەسىپلەر گۈللەندى، بېيىش يولى كەڭ بولدى

كەسىپنى گۈللەندۈرۈش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. شىنجاڭ «مىڭ - تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ «2 - كەسىپكە ئۇلىنىشى، 3 - كەسىپكە تۇتىشىشى»، يېزا - كەنت قىممىتىنىڭ كۆپ خىل ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىش نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى مەنپەئەتلەندۈردى.

پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇشى «يېڭى دېھقانلار» ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى قايتا بەرپا قىلدى. ماناس ناھىيەسى لوتۇيى بازىرىدىكى كېۋەزلىكتە شوپۇرسىز پاختا تېرىش ماشىنىسى ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى؛ ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىدىكى 10 مىڭ مو شاللىقنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇقتا، كۆپ ئىسپېكتىرلىق تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى دەل جايىدا كۆزىتىۋاتاتتى... سانلىق مەلۇماتلار ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمىنى دەلىللىدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %90تىن ئاشتى.

ئاقىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كەلدى، «تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ئاسراشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىشنى قوشقاندا، 500 مو يەردىن بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەن تەننەرخنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ» دېدى ئونسۇ ناھىيەسىدىكى شال تېرىقچىلىق ئائىلىسى ۋاڭ لېي.

گۇچۇڭ ناھىيەسى بەنجېگوۋ بازىرى ياۋزەنزە كەنتىدىكى بىر تال بۇغداي ئەلا سۈپەتلىك ئۇن، لەڭمەن چۆپى مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي مۇزېيى ۋە يېزا - كەنت ساياھەت تۈرىگىچە ئۇزارتىلدى، 2025 - يىلى، پۈتۈن كەنتنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 560 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ قورغاس ناھىيەسى لۇساۋگوۋ بازىرىنىڭ سىگۇڭ كەنتىدىكى ئۈستىقۇددۇس ئېتىزى «تېرىقچىلىق + پىششىقلاش + مەدەنىيەت - ساياھەت» پۈتۈن زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، كىچىك كەنتنى توردا ئالقىشلانغان داكا جايغا ئايلاندۇردى؛ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 2 مىليون مو ياڭاقلىقتا 7 مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى شەكىللىنىپ، مەھسۇلاتلار ياۋروپا، ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتكە سېتىلدى؛ خوتەن ۋىلايىتى 10 مىڭ مولۇق ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسى قۇرۇپ، «چۆل كۆكتات ئامبىرى»نى بەرپا قىلدى... كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇزارتىلىشى كىچىك خاس مەھسۇلاتلارنى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇردى.

كوللېكتىپ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى «كۈچلۈك موتور» بولۇپ قالدى. كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتى مۈلۈكنى جانلاندۇرۇپ، سۈپۈرگە پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى ھەم مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتكە ئايلاندى.

كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولدى، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى ئېتىز باشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ نۇرغۇن يېزا - كەنتلىرىدىكى زاۋۇتلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «كەنتتىن چىقمايلا ئىشلەش، پۇل تېپىپ ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىش»ىغا تۈرتكە بولدى؛ لوپنۇر ناھىيەسىدىكى كېۋەزلىكلەردە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىشنى باشقۇرغۇچى قاتارلىق يېڭىچە كەسىپلەر ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى؛ يېزا - كەنتلەردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، يېزىسىغا قايتقان ياشلار ۋە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يېزىنىڭ قۇرۇق مېۋە، پىشلاق قاتارلىق ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭدىن چىقىرىش» يولىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇردى.

مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى گۈزەل يېزا - كەنتلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى. قىشلىق ساياھەتنىڭ جانلىنىشى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسىدا ئائىلىۋى مېھمانخانا تېپىشنى تەسلەشتۈرۈۋەتتى، تىجارەتچى بازاربېكنىڭ ئائىلىۋى مېھمانخانىدىن قىلغان يىللىق كىرىمى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشتى؛ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى كارىز، ئۈزۈم قۇرۇتۇش ئۆيىنى يېزا - كەنت ساياھىتىگە سىڭدۈرۈپ، 120دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمىنى 25 مىڭ يۈەن ئاشۇردى؛ ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ بازىرى ئازغان كەنتى ئەنجۈر كەسپىنى يادرو قىلىپ، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 10 مىليون يۈەندىن ئاشۇردى.

شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۈستىقۇددۇس گۈل دېڭىزىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ياڭاقزارلىققىچە، ئاقىل ئېتىزلاردىن يېزا - كەنتلەردىكى سېخلارغىچە، ئائىلىۋى قونالغۇ ھويلىسىدىن ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگىچە، كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش دولقۇنى يېزا - كەنتلەرنىڭ قىممىتىنى قايتا ياراتماقتا. بۇ، تارقاق ھالەتتىكى ئايرىم بۆسۈش بولماستىن، بەلكى سىستېمىلىق پىلانلاش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتىكى رايون بويىچە گۈللىنىش بولۇپ، «يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك، يېزىلىرى گۈزەل، دېھقانلار باي - باياشات» بولۇشنىڭ جانلىق ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.