[دېلو ئەھۋالى]
2025-يىلى 11-ئايدا ۋاڭX ئۆزىنىڭ ئالتە ئايلىق بولغان بيەنمۇ كۈچۈكىنى ئېلىپ ئولتۇراق رايوندا سەيلە قىلغان. يولدا قوشنىسىنىڭ بالىسىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن ۋاڭX كۈچۈكىنىڭ ئارغامچىسىنى يېشىپ، ئۇنى ئوتلاقتا بالىلار بىلەن ئوينىغىلى قويغان. بۇ چاغدا جاڭ فامىلىلىك ئۆزىنىڭ چەيچۈەن ئىتىنى يېتىلەپ ئۆتكەن، بيەنمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن چەيچۈەن ئىتىنىڭ يېنىغا بېرىپ پۇراپ كۆزىتىش قىلغان، جاڭ فامىلىلىك ئەھۋالنى كۆرۈپ دەرھال يۇقىرى ئاۋازدا بيەنمۇنىڭ ئىگىسىنى چاقىرىپ، ئۇنى ئىتىنى توسۇۋېلىشنى ئېيتقان. ئانچە يىراق بولمىغان جايدا تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقان ۋاڭX بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاللىقاچان كېچىككەن، بيەنمۇ چەيچۈەن تەرىپىدىن چىشلەپ يارىلاندۇرۇلغان.
ۋاڭX دەرھال ئامراق ئىتىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتقان، داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن جەمئىي 1540 يۈەن تۆلىگەن. ئىشتىن كېيىن ۋاڭX ساقچىغا مەلۇم قىلغان ھەمدە جاڭXتىن تۆلەم تەلەپ قىلغان، لېكىن جاڭX بۇ ئىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ۋاڭXنىڭ ئىتىنىڭ ئارغامچىسىنى باغلىمىغانلىقىدىن بولغان، دەپ چىڭ تۇرغان. كېڭىشىش نەتىجىسىز بولغان، ۋاڭX سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، جاڭXتىن ئامراق ئىتىنى داۋالىتىش خىراجىتىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
[قانۇن ماددىسى]
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1245-ماددىسىدا، باققان ھايۋان باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ھايۋاننى باققۇچى ياكى باشقۇرغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن، زىياننى ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالماسلىققا ياكى جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىشكە بولىدۇ.
1246-ماددىسىدا، باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھايۋانغا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ھايۋاننى باققۇچى ياكى باشقۇرغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن، زىياننى ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ.
1251-ماددىسىدا، ھايۋانلارنى بېقىشتا قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك كېرەك.
[قانۇننى چۈندۈرۈش]
«بۇ دېلودا <قوش يۆنىلىشلىك خاتالىق> مەۋجۇت. ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسىنىڭ سودىيەسى ۋاڭ جۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جاڭX چەيچۈەن ئىتىنى باقىدىغان باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىتىنى پۈتۈنلەي ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلالماي، ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ ئىتىنى چىشلەپ زەخىملەندۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ، زىياننىڭ يۈزبېرىشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەب، قانۇن بويىچە ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاڭX بيەنمۇنى باققۇچى، باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاممىۋى سورۇندا ئىتنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئارغامچا ئىشلەتمىگەن، بۇنىڭ بىلەن بيەنمۇ ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىنماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقا ئىتقا يېقىنلاشقان، بۇ قىلمىش قانۇن مەنىسىدىكى «زور سەۋەنلىك»نى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى مۇھىم سەۋەب. سودىيەنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن قانۇن نەزەرىيەسىنى چۈشەندۈرۈشى ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق تەھلىل ئېلىپ بېرىشى ئارقىلىق، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە قارىتا ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلغان: جاڭX ۋاڭXكە 500 يۈەن داۋالىنىش خىراجىتى تۆلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ماجىرا ماھىيەتتىن ھەل قىلىنغان.
«ئىت باققان ئىكەن، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك». ۋاڭ جۈەن شۇنداق ئەسكەرتتى: ئارغامچا فىزىكىلىق چەكلىمە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قانۇن قىزىل سىزىقى. سىرتقا چىققاندا ئارغامچا ئىشلىتىش، قانۇن-نىزاملاردا ھايۋان باققۇچىلارغا قويۇلغان ئېنىق تەلەپ بولۇپ، ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ باشقىلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ماجىرادىن ساقلىنىشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى. ئارغامچىنى بوشىتىش قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، باققۇچىلار خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئۈستىگە ئېلىشى، قانۇن بويىچە تىزىملىتىشى، قەرەللىك ۋاكسىنا ئەملىتىشى، سىرتقا چىققاندا چوقۇم ئارغامچا ئىشلىتىشى، ھايۋانلارنىڭ باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا پاراكەندىچىلىك سېلىشى ياكى زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىشى كېرەك، بۇ ھەم ئەرمەك ھايۋاننىڭ ئۆزىنى قوغدىغانلىق، ھەم جەمئىيەت ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھۆرمەت قىلغانلىق.
(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن رەتلىگەن)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






