− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىكلەر مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
ھەر قېتىملىق زور تارىخىي پەيتتە، پارتىيەمىز پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.
ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنىڭ بىزنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكىمىز ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر بايان قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشكە قارىتا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، <15 - بەش يىل>نى ياخشى باشلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».
«بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم بىر سىياسىي ئەۋزەللىكى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا «تۆتكە پايدىلىق بولۇش» ئارقىلىق بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشتا نامايان قىلىنغان سىياسىي ئەۋزەللىكنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، «بەشتە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق ئۇزاق ئەمەلىيەت داۋامىدا ياراتقان ۋە توپلىغان مول تەجرىبىلەرنى يىغىنچاقلاپ، پارتىيەمىزنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى نامايان قىلدى.
«پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى ئارقىلىق تارىخىي يۈزلىنىشنى تەھلىل قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك تارىخىي پۇرسەتنى ماھىرلىق بىلەن چىڭ تۇتتى ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلاندى.» پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن، تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىدى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىدى.
ئىككى ئومۇمىيەتتىن «15 - بەش يىل»لىق ئىستراتېگىيەلىك پىلانغا نەزەر سالساق، بىز پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغۋار نىشاننى قەلبىگە پۈكۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلاپ، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى ماھىرلىق، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئىگىلىگەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلالايمىز، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ داۋاملىق ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كۈرەش مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، دۆلىتىمىزنىڭ 14 بەش يىللىق يىرىك پىلان (پىلان)نى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئۇزاق يىللار نامراتلىقتا تۇرۇپ ئاجىزلاپ كەتكەن يېزا ئىگىلىك دۆلىتىدىن تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىش ھەم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەش نەقەدەر مۈشكۈل، نەقەدەر قەيسەرلىك!
«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 110 تىرىليون يۈەن، 120 تىرىليون يۈەن، 130 تىرىليون يۈەن، 140 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، «ئۇدا تۆت قېتىم سەكرەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، %5.4لىك يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى بىلەن داۋاملىق تۈردە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئالدىدا ماڭدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەشنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. مۇھىم تارىخىي تۈگۈندە، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدىن «15 - بەش يىل»لىق ئىستراتېگىيەلىك پىلانغا نەزەر سالساق، بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردۇق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىشىمىزدىكى تۈپ ئاساس ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق.
تارىخقا نەزەر سالساق، نامرات ۋە ئارقىدا قېلىش ئاساسىدا مۇستەقىل بولغان بىرقەدەر مۇكەممەل سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىن، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق زور پەن - تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقىچە، سەنشيا قۇرۇلۇشى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تاماملاشتىن، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقىچە...
بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش ئارقىلىق، بىر تۈركۈم مۇھىم ۋەزىپىلەر، چوڭ - چوڭ تۈرلەر، مۇھىم قۇرۇلۇشلار باسقۇچقا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بايلىق ۋە كۈچ قوزغىتىلىپ ۋە قەرەلىدە تاماملىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلىرىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى.
تۈزۈم ئەۋزەللىكىدىن «15 - بەش يىل»نى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشقا نەزەر سالساق، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بولدى، بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش بۇ ئەۋزەللىكنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇردى، بىزنىڭ تۈزۈم ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتتى.
«15 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىدۇ. مەيلى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش بولسۇن ياكى دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىش بولسۇن... «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا زور يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش، تىرەك بولۇش رولىغا ئىگە ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ سىياسىي ئەۋزەللىكنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتسەك، بىز جەزمەن باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىقىنى ئىگىلىيەلەيمىز.
بىر ئەسىردىن ئارتۇق داۋاملاشقان بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، بۈگۈنكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە. ئالدىمىزدا كۈچلۈك بوران - چاپقۇن، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنلار بولغان تەقدىردىمۇ، بىز تېخىمۇ سالماق، تەمكىن بولىمىز: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، سىياسىي ئەۋزەللىكنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى، تەرەققىيات پوتېنسىيال ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرساقلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە مۇھىم بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولالايمىز، بىزنىڭ نىشانىمىز چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ. بۇ، تارىخىي بۇرچ، شۇنداقلا تارىخىي قانۇنىيەت.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)






