شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2025 - يىلى، شىنجاڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى بازار ئېھتىياجى يېتەرلىك بولماسلىق خىرىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، سېلىنمىنى كېڭەيتىش، تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، ساغلام ساغلام بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ياخشىلىنىش، جانلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەت نامايان قىلىنىپ، «ئۈچنى ئاشۇرۇش، بىرنى ئەلالاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت روشەن ئالاھىدىلىك يادرولۇق ئىپادىلىنىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن دۆلەت كارخانىلىرى ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەن.
ئەۋزەل كەسىپلەردە ئېشىش كۈچلۈك بولدى، نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جارى قىلدۇرۇلۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. 2025 - يىلى، شىنجاڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. ئاساسلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش تەڭ جانلاندى: ئاپتونوم رايون مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنىڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى، سېتىش مىقدارى 2024 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا زور دەرىجىدە %97 ۋە %83 ئاشتى؛ ئېلېكتىرولىزلانغان مىسنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ۋە سېتىلىش مىقدارى 2024 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %49 ۋە %47 ئاشتى؛ تۆمۈر ئۇۋىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ۋە سېتىلىش مىقدارى 2024 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %14 ۋە %38 ئاشتى. بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تېز جارى قىلدۇرۇلدى: خوشاۋيۈن قوغۇشۇن - سىنك كېنى 2025 - يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى سىنك نۆكچىسىنى ئىشلەپچىقارغاندىن بۇيان، جەمئىي 20 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقاردى؛ چوڭ يۇلغۇنساي يىلىغا 30 مىڭ توننا لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
ئىقتىسادىي ئۈنۈم مۇقىم ئېشىپ، ئايلىنىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى سىجىل ياخشىلاندى. 2025 - يىلى، ئاپتونوم رايون مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد 130 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %23.7 ئېشىپ، پايدا ئېلىش ئىقتىدارى ۋە ئېشىش ئەۋرىشىملىكى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، كارخانا تىجارەت پائالىيىتىدىكى نەق پۇل ئوبوروتى ساپ سوممىسى 2024 - يىلىدىكىدىن %8.6 ئېشىپ، پايدا ئومۇمىي سوممىسى بىلەن ماس ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ، «نەق پۇل ئوبوروتى بار بولغان پايدا» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى پۇختا، ئىشەنچلىك بولدى.
ئۈنۈملۈك سېلىنما زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى تىرەكلىك رولى گەۋدىلەندۈرۈلدى. 2025 - يىلى، شىنجاڭنىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى تۈر قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەڭ مەيدانىنى چىڭ كۆزلىدى، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق كارخانىلار مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرى بويىچە 261 تۈردە 82 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى ئەمەلىي تاماملىدى، بۇ، 2024 - يىلىدىكىدىن %35 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ تۈرى بويىچە 28 تۈرگە 15 مىليارد 620 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاپ، 27 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە دۆلەت كارخانىلىرى ئەۋزەللىكىنى خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە ئايلاندۇردى.
«ئەلا بولۇش»نىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش بولدى. 2025 - يىلى، شىنجاڭنىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتىپ، تەتقىقات خىراجىتى سېلىنمىسى جەمئىي 5 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %16.9 ئاشتى؛ ئومۇمىي تەتقىقات سېلىنمىسىنىڭ سىجىللىقى %2.2كە يېتىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش موتورى تېخىمۇ كۈچەيدى.
بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.






