تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى تاپسىمۇ يەنە تەكشۈرۈلەمدۇ؟ بۇ ئورەكتىن ھەزەر ئەيلەڭ!

   «ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى چاقىرسىلا ھەممە ئىش پۈتەمدۇ؟» 1-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشى بىلەن، شەھەر ئاھالىسى لو ×كە مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلىكتىن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن، ئاپتوموبىلنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن بىر ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، ئىككى ئاي كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بېرىلدى، ھەم 2000 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. ئۇنىڭ كەچۈرمىشى تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇۋاتقانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىدۇ.

  2025-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 7لەردە، لو × سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەش مۇلازىمىتىنى ئالدىن كېلىشىپ قويغان. ساقلاش مەزگىلىدە، ئۇ ئۆز ئالدىغا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كىرىپ ماشىنىنى قوزغاتقاندىن كېيىن چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭغان. ئۇ ئاپتوموبىلنى ۋاكالىتەن ھەيدىگۈچىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغاندا، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا قولغا چۈشكەن. كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق لو ×نىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت تەركىبىنىڭ 123mg/100mlغا يېتىپ، 80mg/100mlلىق مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش ئۆلچىمىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەنلىكى بايقالغان.

  دېلو ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، دېلو بېجىرگۈچى تەپتىش لو ×نىڭ 2024-يىل 3-ئايدا ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەنلىكى ئۈچۈن مەمۇرىي جازاغا تارتىلغانلىقى، ئەمما، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن ساۋاق ئالمىغانلىقىنى بايقىدى.

   تەپتىش ئورگىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنداق قارىدى: لو × گەرچە ۋاكالىتەن ھەيدىگۈچىنى ئالدىن كېلىشىپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن مەست ھالەتتە ئاپتوموبىلنى قوزغىتىپ ھەم ھەيدەپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن. ئەمما، ئۇنىڭ ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى بىلەن ئالدىن كېلىشىش ھەرىكىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، قىلمىشىنى ئەھۋالغا قاراپ ئويلىشىشقا بولىدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئىلگىرى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ جازالانغان كەچۈرمىشىنى قانۇن بويىچە ئېغىرلىتىپ جازالىنىدىغان ئەھۋال سۈپىتىدە باھالاش كېرەك. ئەڭ ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يۇقىرىقىدەك ھۆكۈمنى چىقاردى.

   تەپتىش مۇنداق ئەسكەرتتى: نۇرغۇن شوپۇرلار خاتا ھالدا ھاراق ئىچىپ «ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ئاپتوموبىلنى يۆتكەش»، «قىسقا ئارىلىقتا يۈرۈش» قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، دەپ قارايدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»غا ئاساسەن، جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى «يول» كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ، ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن ئاپتوموبىلنى قوزغاتسا ھەمدە يۆتكىسە، خەتەرلىك ھەيدەش قىلمىشى شەكىللىنىدۇ. «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھاراق ئىچىپ خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى پىكىرى»دىمۇ، ئىلگىرى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش سەۋەبىدىن جازالانغان بولسا، يەنە بىر قېتىم مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر ئېغىرلىتىپ جازالىنىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.

    «<ھاراق ئىچكەندە ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك>تە ھېچقانداق مۇستەسنا ئەھۋال يوق، ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى چاقىرغان تەقدىردىمۇ پۈتۈن مۇساپىدە رولنى تۇتماسلىق كېرەك، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، قىسقا ئارىلىققا، تۆۋەن سۈرئەتتە ھەيدىسەم تەكشۈرمەيدۇ دەپ قارىماسلىق، قانۇن تۆۋەن چېكىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك لازىم،  ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى ياندا بولغان تەقدىردىمۇ، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ»، دېدى بۇ تەپتىش ئەمەلدارى.

مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى

مۇخبىر: فاڭ جياۋېي

ئىختىيارىي مۇخبىر: لى ۋېي، نادىرە

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.