يېقىندا
بىر قىسقا سىن قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى
سىندا
«ئۈچ سېكۇنتتا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۈچ ئادەمنى ئېيتىپ بېرىڭ» دەپ سورالغاندا
شىنجاڭلىق قىزچاق شۇ ھامان مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
ۋەتىنىم، ئائىلەم، ئۆزەم،
«چۈنكى دۆلەت بولغاندىلا ئائىلە بولىدۇ»
ئاددىي بىر سۆز
نۇرغۇن تورداشنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتتى
كىشىلەر باش بارمىقىنى چىقارماي تۇرالمىدى
«دۆلەت مۇھەببىتى» مۇشۇ پەيتتە كونكرېتلاشتى



ئىگىلىنىشىچە
سىندىكى بۇ قىز
خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى
ئاۋات يېزىسى ئۇزۇنكۆل كەنتىدىكى
نەفىسە مەڭلىك بولۇپ
بۇ يىل 11 ياشقا كىرگەنىدى
ئۇنىڭ ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسى بار ئىدى
«مېنىڭ پەقەت بىر پۇتۇم كەمتۈك، لېكىن ئارزۇيۇم كەمتۈك ئەمەس ...»
ئۇنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلىش ھېكايىسى
نۇرغۇن تورداشنى تەسىرلەندۈرگەنىدى
نەفىسە مەڭلىك، غەيرەت قىلىڭ!
كەلگۈسىڭىز پارلاق!
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






