شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن چاۋ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ ھال سوراش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ قەشقەرگە كېلىپ، 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، پەيزاۋات ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ ۋاپات بولغان سابىق باشلىقى يولداش ليۇ خۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ ۋە ھال سوراپ ئۇلارغا باھار بايرىمىلىق سالام يوللىدى ۋە بەخت تىلىدى ھەم ھال سوراش پۇلى ۋە گۈل سوۋغا قىلدى.
يولداش ليۇ خۇنىڭ ئۆيىدە، ھال سوراش گۇرۇپپىسى ليۇ خۇنىڭ ئانىسى شۈ يۇڭخۇا ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، موماينىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، تۇرمۇشىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلۈشىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى. ھال سوراش گۇرۇپپىسى مۇنداق بىلدۈردى: يولداش ليۇ خۇ ئاددىي جىسمى ئارقىلىق قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتتى، ئۇنىڭ ئالىيجاناب روھى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى، تەشكىل ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلىدۇ.
«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان غەمخورلۇق قىلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت، نەۋرەممۇ دادىسىنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۇختا قەدەم بىلەن خىزمەت قىلىپ، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ» دېدى شۈ يۇڭخۇا.
يولداش ليۇ خۇ ھايات ۋاقتىدا پەيزاۋات ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئىدى. شۇ جايدىكى ئاممىنى «بىخەتەر سۇ» «بەخت سۈيى» ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، يولداش ليۇ خۇ گەرچە تېنىنى كېسەل چىرمىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شەھەر - يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرغان، داۋالىنىشنى كەينىگە سۈرۈپ، زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن، 2021 - يىلى 7 - ئايدا بەختكە قارشى ۋاپات بولغان. يولداش ليۇ خۇ ئىلگىرى مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەمۇنىچىسى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. 2021 - يىلى 11 - ئايدا، ئۇنىڭغا 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلگەن.
ھال سوراش گۇرۇپپىسى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار تارماقلارغا يولداش ليۇ خۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، تۈرلۈك غەمخورلۇق سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىشنى تاپىلىدى. بۇ قېتىمقى ھال سوراش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىغا بولغان ھۆرمىتى ۋە كۆيۈنۈشىنى نامايان قىلىپ، نەمۇنىچىلارنى ئۇلۇغلايدىغان، نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىدىغان ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇردى.






