□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ
پايتەختتە قار يېغىپ، قويۇق قىش مەنزىرىسى نامايان بولدى، ئەمما بېيجىڭدىكى شىنجاڭ سارىيىدا، ئىدىيە ھارارىتى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى... 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايون بېيجىڭدا يۇقىرى قاتلاملىق مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈشنى چۆرىدەپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتى ئۈچۈن دەل جايىدا «تومۇر تۇتتى»، چىن دىلىدىن مەسلىھەت بەردى.
بەش يىللىق پىلانغا ئىستراتېگىيەلىك بۇرچ يۈكلەش
بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش ۋە داۋاملاشتۇرۇپ يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەجرىبىسى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى. «بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش» «ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەش»تىن ئىبارەت ھەرىكەت پەلسەپەسى روشەن تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈردى.
«15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، شۇنداقلا شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم پۇرسەت مەزگىلى. بۇ قېتىمقى مەسلىھەت بېرىش يىغىنى يۇقىرى قاتلاملىق ئەقلىي جەھەتتىن مەدەت بېرىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تەرەققىيات ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا تېپىشى، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېشىش، يېشىل توك كەسپى تېز راۋاجلىنىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، ئېچىۋېتىش - يۇغۇرۇلۇش... «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ «مۇقىم بولۇش» بىلەن «ئىلگىرىلەش»نىڭ دىيالېكتىك بىرلىكىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت «قوش ئاساس»نى مۇستەھكەملىدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئاساسى تېخىمۇ مۇقىم، قۇۋۋەت تېخىمۇ كۈچلۈك، ھاياتىي كۈچ تېخىمۇ يېتەرلىك بولۇپ، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى» شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشىگە كوردىنات بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.
«شىنجاڭنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى ئاددىي بولغان رايون تەرەققىيات پىلانى بولماستىن، بەلكى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما» دېدى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شياۋچياڭ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»دىكى سىياسەت - تەدبىرلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ھەم بىر جايغا شەرەپ كەلتۈردى، ھەم ئومۇملۇققا ھۆسن قوشتى.
دىققەتنى ئاچقۇچقا مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش
«قانداق قىلغاندا ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ» «شىنجاڭنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە يەنە قانداق يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىشقا بولىدۇ» «قايسى ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغىلى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ»… مەسلىھەت بېرىش يىغىنىدا، مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى.
«شىنجاڭ دۆلەتنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش <يەتتە يىللىق ھەرىكەت پىلانى>غا پائال ئاۋاز قوشتى، جۇڭغار، تۇرپان - قومۇل، تارىمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئويمانلىقتا نېفىت - تەبىئىي گاز ئېچىش نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى» دېدى دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، سابىق ئىدارە باشلىقى جاڭ جيەنخۇا.
دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بايلىق ئۈستۈنلۈكى «كۆمۈر مول، نېفىت كەمچىل، تەبىئىي گاز ئاز» بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، نېفىت - تەبىئىي گاز دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئۇل خاراكتېرلىك بايلىقى. جاڭ جيەنخۇا مۇنداق بىلدۈردى: «كەلگۈسىدىكى خېلى ئۇزاق مەزگىلدە، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش يەنىلا مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ، شىنجاڭ سىجىل كۈچىشى كېرەك».
نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مۇقىم بولۇش، تەبىئىي گازنى كۆپەيتىش ئاساسى پۇختىلىنىپ، «شامال ۋە قۇياش نۇرىنى قوغلىشىش» كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈلدى. «14 - بەش يىل»نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ئوت ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %56 بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە قوشۇمچە ئورۇندا تۇرغانىدى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە «شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ۋولت ئاساسىي كۈچ، يېشىل توك ئاساسىي ئورۇندا تۇردى».
«شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېشىل توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى ۋە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمەن.» جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شۇ يىنبياۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۆزگىچە ۋاقىت پەرقى ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېلېكتىر تورى يۇقىرى پەللە يۈكى بېسىمىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتەلەيدۇ.
سۇ بىخەتەرلىكى دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، نۆۋەتتە شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇ يەنىلا ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %90ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، سۇ تېجەشتىكى مۇھىم ئىش يېزا ئىگىلىكىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.
«گەرچە چوڭ ئېتىزلاردا تېمىتىپ سۇغىرىش قاتارلىق سۇ تېجەش تېخنىكىسى بوستانلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان بولسىمۇ، لېكىن سۇغىرىش، زەي چىقىرىۋېتىش سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق، سۇغىرىش سۈيىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت.» جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى دېڭ مىڭجياڭ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم سۇغىرىش ئۆستەڭلىرى نەچچە يۈز كىلومېتىرغا سوزۇلغان، باشقۇرۇش زەنجىرى ئۇزۇن، قىيىنلىق دەرىجىسى زور، جەزمەن كونا سۇغىرىش رايونلىرىنى «تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى شەكلى»دە ئۆزگەرتىش كېرەك، «بۇ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىش، سۇغىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى».
شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسى. «ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىللاشقان مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» گوۋۇيۈەننىڭ مەسلىھەتچىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ زۇسەي مۇشۇنداق تەكلىپ بەردى.
«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم ۋەزىپە.» مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى شۆيۈەنى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئىجرائىيە مۇدىرى يەن چىڭ مۇنداق دېدى: ئىتتىپاقلىق مۇھىم، ئەمما تەرەققىيات ئوخشاشلا ئاچقۇچ. زامانىۋى قاراش، زامانىۋى ئۆيلىنىش - مۇھەببەت قارىشى، زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىدىيە - مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش
يۇقىرى سۈپەتلىك يىرىك پىلان ئىلمىي، پۇختا بولغان يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشتىن كېلىدۇ، كەڭ، چوڭقۇر بولغان دېموكراتىك قاتنىشىشتىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ.
بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ يىرىك پىلان تۈزۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان بويىچە پىكىر ئېلىش خىزمىتىنى كۆپ نۇقتا، كۆپ قاتلامدىن قانات يايدۇرۇپ، مۇتەخەسسىس، كارخانىچى ۋە ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى قاتارلىقلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە بولغان پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) بىلەن بىرلىشىپ «قەلبىمدىكى شىنجاڭنىڭ 2030 - يىلى − <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىمەن» پائالىيىتىنى باشلاپ، نەچچە يۈز مىڭ تورداشنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، تەكلىپلەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۇل قۇرۇلۇش، خەلق تۇرمۇشى، مەدەنىيەت - ساياھەت، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
قايتا - قايتا پىكىر ئېلىش، تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.
پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلار، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇشلار، سەمىمىي تەكلىپلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتىكى روشەن يۆنىلىشىنى تارقاتتى. كۆپ تەرەپ قاتنىشىش ئارقىلىق، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ دائىرىدە قاپلانغان پىكىر ئېلىش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، يىرىك پىلاننىڭ ئىلمىيلىكى، مۇمكىنچىلىكى ئاشۇرۇلۇپلا قالماي، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئورتاق تونۇشى تېخىمۇ مۇجەسسەملەندى.
«15 - بەش يىل»نىڭ يېپيېڭى مۇساپىسى باشلاندى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسەت ئارقىلىق كۈچ قوشۇشىدا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، شىنجاڭ جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى داۋامىدا تېخىمۇ شانلىق سەھىپىلەرنى پۈتۈپ چىقىدۇ.






