□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن، ئىختىيارىي مۇخبىر فاڭ ۋېنجىڭ
قەھرىتان قىش مەزگىلىدە، پامىر ئېگىزلىكىدە سوغۇق شامال چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ چارلۇڭ بازىرى كۇنلۇن جيايۈەننىڭ يېنىدىكى 2056 پارنىك باھار تۈسىگە چۆمدى: ئەنجۈر دەرەخلىرى بۈك - باراقسان ئۆسكەن، شوخلىلار شاخلارغا لىق تولغان، ساۋمېيلار قىپقىزىل پىشقانىدى...
1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، كۇنلۇن جيايۈەننىڭ يېنىدىكى ئەنجۈر ئۆستۈرۈش پارنىكىدا، ئىسسىق ساقلايدىغان پاختىلىق يوتقانلار تۈرۈپ قويۇلغانىدى، قۇياش نۇرى پارنىك يوپۇقىدىن ئۆتۈپ ياپيېشىل شاخ - يوپۇرماقلار ئارىسىغا چۈشۈپ تۇراتتى، ئۆستۈرۈش ئائىلىسىدىن مەمەتئىبراھىم ئوسمان چەبدەسلىك بىلەن شاخلارنى چاتاۋاتاتتى.
«ئىلگىرى ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىغاندا، بىر يىل ئالدىراش ئىشلىسەكمۇ ھېچقانچە پۇل تاپالمايتتۇق. ھازىر ئەنجۈر ئۆستۈردۇق، پارنىك بىزنىڭ <ئالتۇن تاۋىقىمىز>غا ئايلاندى!» مەمەتئىبراھىم كۈلۈمسىرىگىنىچە شاخلاردىكى مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ، كەنت <ئىككى كومىتېت>ىنىڭ يېتەكچىلىكىدىن بولدى، كەنت كادىرلىرى يەنە تېخنىك خادىملارنى پارنىك رايونىدا ئۇزاق مەزگىل تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىش، ئىلمىي چاتاش قاتارلىق تېخنىكىلار قوللىنىلغاچقا، مېۋىلەر بۇلتۇرقىدىن خېلىلا چوڭايدى، ھوسۇل ئاز دېگەندە %30 ئاشىدۇ».
2000دىن ئارتۇق پارنىكنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى «خەزىنە»گە ئايلىنىشى چارلۇڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئەڭ چوڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئولتۇراق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۇنلۇن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىغا 2017 - يىلى كۆچۈپ كىرىش باشلىغاندىن بۇيان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1660 ئائىلىلىك 6880 ئامما كۆچۈپ كىردى. كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى «كۆچۈپ چىقالايدىغان، مۇقىم تۇرالايدىغان، بېيىيالايدىغان بولۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، چارلۇڭ بازىرى دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئالتە كەنتنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تىپ ئۆزگەرتىشتىكى تۇتقا قىلىشقا تەشكىللەپ، كۇنلۇن جيايۈەننىڭ يېنىغا پارنىكلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ سېلىپ ھەم تەدرىجىي كېڭەيتىپ 2056گە يەتكۈزدى، ھەربىر پارنىكنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 0.7 مو بولۇپ، كۆز يەتكۈسىز ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسى شەكىللەندى.
لېكىن كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرى سۇ، ئوتلاق قوغلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلار بولۇپ، پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغانىدى، مېۋە - كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىدىن تېخىمۇ خەۋىرى يوق ئىدى. دەسلەپكى مەزگىلدە پارنىك تەقسىم قىلىنغاندا، كۆپچىلىك سىناپ بېقىشقا ئومۇميۈزلۈك جۈرئەت قىلالمىدى. قايىز كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خالىپە مەمەتئورۇز بۇنى كۆرۈپ تىت - تىت بولدى، تېزدىن باشلامچى بولۇپ پارتىيەلىك تايانچ خادىملارنى تەشكىللەپ، «كۆپچىلىك تەرەققىيات ئارزۇسىنى سۆزلەش» سۆھبىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەتراپتىكى بازارلارنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يەنە پارتىيەلىك تېرىقچىلىق ماھىرلىرىنى باشلاپ يىراقتىكى شەندۇڭ شوۋگۇاڭغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ ھەم ئۆگىنىپ، ئاخىرىدا «يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي ئۆستۈرۈش + ئىلمىي نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولىنى بېكىتتى.
ئۆگىنىشتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خالىپە پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت ئەترىتىنى باشلاپ 22 پارنىكتا رەڭلىك لازىنى سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈرۈپ، تۇنجى پەسىلدە 400 نەچچە مىڭ يۈەنلىك لازا ساتتى. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن بازاردىكى رەڭلىك لازا ئۆستۈرۈش پارنىكى كۆپىيىپ 300گە يېتىپ، شوخلا پارنىكى كېڭىيىپ 123كە يېتىپ، كۆلەملەشكەن خاس ئۆستۈرۈش سېپى شەكىللەندى.
پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، «خەزىنە»نىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىنى سىجىل جانلاندۇردى. شوخلا ئۆستۈرۈش پارنىكىدا، قايىز كەنتىدىكى پارتىيە ئەزاسى بېكئايلى مەمەتتۇرسۇن ئېتىزدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، شوخلىلارنى يەڭگىل تۇتۇپ كۆرۈپ، قىزىرىش دەرىجىسى ۋە تۈپلەرنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.
«ھەربىر پارنىكتىكى ئۆستۈرۈش ئىشلىرىنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھۆددە ئېلىپ ئالاقىلىشىدۇ، كۆچەت يېتىشتۈرۈش، تىكىشتىن ئوغۇتلاش، يىغىۋېلىشقىچە پۈتۈن جەريانلىق ئىزلاپ يېتەكچىلىك قىلىدۇ.» بېكئايلى مۇخبىرغا كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتى قىلىپ بەردى: «بۇ يىل يەتتە ئەنجۈر پارنىكى ئىلمىي پەرۋىش قىلىنىپ، مېۋە سۈپىتى ياخشىلانغاچقا، سېتىش كىرىمىنىڭ 180 مىڭ يۈەنگە يېتىشىنى مۆلچەرلىدۇق».
ساۋمېي ئۈزۈش پارنىكىدا، كۇنلۇن جيايۈەندىكى ھەم ئەتراپتىكى ئاھالىلەر بالىلىرىنى ئېلىپ قىرلار ئارىسىدا ئۇيان - بۇيان ئۆتۈپ، تۇنجى قىشلىق ساۋمېيلارنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۈزدى. تېرىقچىلىق ئائىلىسى ئەركىن توختى جياڭشىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىسنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆستۈرگەن ساۋمېي سورتىنىڭ كېسەلگە تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك، مېۋە بازىرىدا ئېتىراپ قىلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، كىرىمى يىلدىن - يىلغا ئېشىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.
«پارنىكنىڭ ئەڭ زور ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بازارلىق پارتىيە كومىتېتى باشلامچى بولۇپ كەنت تەۋەسى پاسىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالتە كەنت بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ چياگو ئىمپورت - ئېكسپورت چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، ئاممىنىڭ پارنىكلىرىنى بازار باھاسىدىن يۇقىرى باھادا ئوبوروت قىلىپ، كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش، تۈجۈپىلىك پەرۋىش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى چارلۇڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ما چيەن.
بۈگۈنكى كۈندە، 2000دىن ئارتۇق پارنىكتا يۇمران مېۋە - كۆكتاتلار ئۆستۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە بۇ پارنىكلار ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى بارلىققا كەلتۈردى. چارۋىچىدىن يېڭىچە كەسپىي دېھقانغىچە بولغان تىپ ئۆزگەرتىش داۋامىدا، بارغانسېرى كۆپ ئامما پارنىكقا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى.
«ھازىرغىچە، پۈتۈن بازاردىكى 230 ئامما پارنىكلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىشى بېشى يىللىق كىرىمىنى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى.» ما چيەن مۇنداق بىلدۈردى: چارلۇڭ بازىرى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پورتقا يېقىن بولۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، پارنىكتا ئىشلەپچىقىرىلغان مېۋە - كۆكتاتلارنىڭ قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىرىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاممىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەيدۇ.






