تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى ئۇدا ئالتە يىل 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى: 2025 - يىلى شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 141 مىليارد 299 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %11.5 ئاشتى. شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى ئۇدا ئالتە يىل 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى.

2010 - يىلى شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى جەمئىي 1 تىرىليون كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلىدى. ئۇدا ئالتە يىل 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىشنىڭ ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بولۇشتىن ئىبارەت ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئېلېكتىر تورى لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەنلىكى، ئېنېرگىيە بازىسى ئۇلىنى پۇختىلىغانلىقى ھەمدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بار.

لىنىيە ئارقىلىق ئېنېرگىيە تومۇرى بەرپا قىلىندى

ئېلېكتىر تورى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يەتكۈزۈشنىڭ جان تومۇرى.

2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، كۇچا − ئارال − مارالبېشى 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان يەتتە ھالقىسىمان تور» ئاساسىي تور رامكىسى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلدى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان يەتتە ھالقىسىمان تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان بەش لىنىيە» ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىندى.

2025 - يىلىغا نەزەر سالساق، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى كۆپ تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈتۈۋالدى، قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، خوتەن − نىيە − چەرچەن − چاقىلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى... بۇ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش ئاساسىي تور رامكىسى قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ۋە رايون ھالقىپ ئېنېرگىيەنى تەڭشەپ تەقسىملەش ئۈچۈن ئاساس سالدى.

2025 - يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن نۇقتىلىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ئىچىدە، كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغىنى قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى. بۇ قۇرۇلۇش «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى تۇنجى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» چوڭ تىپتىكى بازىسىنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈش ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق قۇرۇلۇشى.

بۇ قۇرۇلۇش شىنجاڭدىن باشلىنىپ، گەنسۇ، شەنشى، سىچۇەندىن ئۆتۈپ، چۇڭچىڭدا ئاخىرلىشىدۇ. توك يەتكۈزۈش ئارىلىقى 2260 كىلومېتىر، ئارىلىقتا شىنجاڭ باركۆل، چۇڭچىڭ يۈبېيدىن ئىبارەت توك ئايلاندۇرۇش پونكىتىدىن ئىككىسى يېڭىدىن قۇرۇلدى، توك يەتكۈزۈش سىغىمى 8 مىليون كىلوۋات بولۇپ، جەمئىي 28 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. مۆلچەرىي ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى شىنجاڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ چۇڭچىڭغا 36 مىليارد كىلوۋات سائەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يەتكۈزەلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

شىنجاڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسى بەشكە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش «غول تومۇر»ىنى شەكىللەندۈردى.

2025 - يىلى، سانجى − گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 69 مىليارد 871 مىليون كىلوۋات سائەت؛ قومۇلنىڭ جەنۇبى − جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 45 مىليارد 924 مىليون كىلوۋات سائەت؛ 2025 - يىلى 6 - ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 11 مىليارد 751 مىليون كىلوۋات سائەت بولدى. ئۈچ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا جەمئىي سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى شىنجاڭ پۈتۈن يىلدا سىرتقا يەتكۈزگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن 38ى بار بولۇپ، لىنىيە ئۇزۇنلۇقى 12 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتى سانى ئەڭ كۆپ، لىنىيە مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن، قاپلىغان رايون كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورىغا ئايلىنىپ، شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 33 مىليون كىلوۋاتقا يەتتى.

«نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش تېخنىكىسى خەلقئارادىكى ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈش بازىسىنى ئېچىش - قۇرۇشنىڭ تەننەرخ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئېنېرگىيە بايلىقىدا ۋاقىت - بوشلۇق جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلاش، ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىقتىساد - تېخنىكا تەتقىقات ئورنى يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى يىرىك پىلان تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى شىن چاۋشەن.

شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، ئوت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىسىنى پۇختىلىدى

شىنجاڭ مول كۆمۈر، شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقىغا ئىگە بولۇپ، دۆلەتنىڭ «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش»ىكى يادرولۇق يەتكۈزۈش ئۇچى.

2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 161 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن ئاشتى. يېتەرلىك يېشىل توك بايلىقى سىرتقا يەتكۈزۈشكە يېشىل قۇۋۋەت قوشتى.

2025 - يىلى، شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 44 مىليارد 382 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %13.03 ئېشىپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %31.41ىنى ئىگىلىدى.

2020 - يىلى شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %21 بولۇشتىن 2025 - يىلى ئىگىلىگەن نىسبىتى %31.41 بولۇشقىچە، شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن ھەر ئۈچ كىلوۋات سائەت توك مىقدارى ئىچىدە، بىر كىلوۋات سائەتكە يېقىنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بولدى. ئېكولوگىيە ئۈنۈمىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، بۇ، تەخمىنەن 13 مىليون 430 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى ئاز كۆيدۈرگەنگە، 36 مىليون 250 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر.

شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارىنىڭ بارغانسېرى «يېشىل»لىشىشى ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى ھەمدە «ئۈچ بازا، بىر لىنىيە» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش نەتىجىسىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.

2025 - يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن شىنجاڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى مىسالغا ئالساق، بۇ قۇرۇلۇشقا ئۇلانغان 14 مىليون 200 مىڭ كىلوۋاتلىق توك مەنبەسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70تىن ئاشتى. ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ قۇرۇلۇشتا قومۇلدىكى قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق رايونلارنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىسسىقلىقى ۋە شامال كۈچىدىن ھاسىل بولغان يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىن تولۇق پايدىلىنىلىپ، شىنجاڭ توكى بىرلەشتۈرۈلۈپ چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈلدى.

شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى يۈرۈشلۈك توك مەنبەسى «يېشىل» بولۇشقا ئۆزگىرىشتىن باشقا، شىنجاڭ توك چىقىرىشقا يانداش ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىدا «يېشىل ئۆزگىرىش»نى باشلىدى.

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە، دۇڭفاڭ ئېلېكتىرىك شامال ئېلېكتىر پاي چەكلىك شىركىتى يىلىغا 6 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر ئاساسىي گېنېراتورى، 4 مىليون كىلوۋاتلىق قانات ئىشلەپچىقىرىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسى قۇردى. ھازىرغىچە، دۇڭفاڭ ئېلېكتىرىك شامال ئېلېكتىر پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى 4 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى تۈرى تەكشۈرۈپ تەستىقلاندى، جەمئىي تاماملىغان تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 11 مىليارد يۈەن بولدى. شىنجاڭ دۇڭفاڭ ئېلېكتىرىك شامال ئېلېكتىر پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ سىچۇەندىن باشقا جايدىكى كەسىپ سېلىنمىسى ئەڭ چوڭ، تۈر سېلىنمىسى ئەڭ كۆپ رايونغا ئايلاندى.

2025 - يىلى، شىنجاڭ قومۇل شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدە 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىدىن بەشنى قۇردى، «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» چوڭ بازىسى تۈرلىرى ھەرقايسى جايلاردا تېز ئەمەلىيلەشتى.

شىن چاۋشەن مۇنداق بىلدۈردى: «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» چوڭ بازىسىنى ئېچىشقا تايىنىپ، شىنجاڭ چۆللۈك، قاقاسلىقلارنى «يېشىل توك كۆك دېڭىزى»غا ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىمەكتە.

ئىسلاھات ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرىغا كۈچ قوشتى

شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنىڭ تېز ئېشىشى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تۈزۈلمىسىنى چوڭقۇر ئىسلاھ قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ.

2025 - يىلى 4 - ئايدا، شىنجاڭدىن بېيجىڭغا يۇقىرى پەللىگە تاقاشتۇرماي يەتكۈزۈلىدىغان 12 مىليون كىلوۋات سائەتلىك يېشىل توك سودا مىقدارىنىڭ ھەممىسى تاماملاندى. بۇ، بېيجىڭ بىلەن شىنجاڭ قول تۇتۇشۇپ ئېلىپ بارغان «شىنجاڭ يېشىل توكنى چۈشتە يەتكۈزۈش، بېيجىڭ توك ئىشلىتىش يۈكى ئاشىدىغان كەچتە ئىشلىتىش»تىن ئىبارەت بازارلاشقان سودا يېڭى ئەندىزىسى.

بۇ قېتىمقى يۇقىرى پەللىگە تاقاشتۇرماي سودىلاشقان يېشىل توك ئاساسلىقى شىنجاڭدىكى ئالتاي، قومۇل قاتارلىق جايلاردىكى يورۇقلۇق ۋولتتىن توك چىقىرىش كارخانىلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى لىنىيەسى ئارقىلىق بېيجىڭغا يۇقىرى پەللىگە تاقاشتۇرماي يەتكۈزۈلىدۇ.

2025 - يىلى، شىنجاڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىملار بىلەن بولغان ئىككى - ئۈچ سائەتلىك ۋاقىت پەرقىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، «ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بوشلۇقنى ئالماشتۇرۇش، ئېشىنىش بىلەن يېتىشمەسلىك جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاش» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، رايون ھالقىغان يۇقىرى پەللىگە تاقاشمايدىغان يېشىل توك سودىسىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇردى، «شىنجاڭ چۈشتە توك يەتكۈزۈش، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى جايلار كەچتە توك ئىشلىتىش»تىن ئىبارەت ۋاقىت - بوشلۇق جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېشىل توكنى بېيجىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ قاتارلىق جايلارغا يەتكۈزۈپ، ھەم توك يەتكۈزۈلگەن ئۆلكىلەرنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەم يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتتى.

شىنجاڭ دۆلەتنىڭ «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش» ئورۇنلاشتۇرمىسىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودىغا ئومۇميۈزلۈك قاتناشتۇرۇشقا باشلامچىلىق بىلەن تۈرتكە بولدى.

مول شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بايلىقىغا تايىنىپ، شىنجاڭ «بىر ئايدىكى يېشىل توك سودىسىنى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قەرەللىك تەشكىللەش» مېخانىزمىنى ئىجادىي يولغا قويدى، نۆۋەتتە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ شىنجاڭ ئىچى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك بازارلاشقان سودىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %30تىن ئاشتى.

مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ئاچقۇچ. شىنجاڭ «يىللىق سودا مىقدارى بىلەن ئايلىق سودا مىقدارى بىر - بىرىنى تولۇقلاش، ھەپتىمۇھەپتە سىجىل تەشكىللەش، ھەر كۈنى ئۇدا سودىلىشىش»تىن ئىبارەت كۆپ ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، 2025 - يىلى 130 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق رايون ھالقىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسىنى تاماملىدى.

شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى سودا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۇڭ شۆچياڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇچۇر ئاشكارىلاشنى ئەلالاشتۇرۇپ، توك چىقىرىش كارخانىسى، توك سېتىش شىركىتى، توك ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ باھادا ئاشكارا، ئادىل رىقابەتلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز».

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تۇپرىقىغىچە، چۆللۈك، قاقاسلىقتىن ئاۋات مەركىزىي شەھەرلەرگىچە، شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى توختىماي مەۋج ئۇردى. سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىنىڭ ئۇدا ئالتە يىل 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىشى ھەم شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ «قوش كاربون» نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىشىدىكى قەتئىي مەسئۇلىيەتچانلىقى.

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلماقتا، شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە 3 - ئالماشتۇرۇش لىنىيەسى، 4 - تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، شۇنى ئالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كەلگۈسىدە شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشنىڭ تېخىمۇ كۆپ چوڭ تومۇرى بارلىققا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بايلىقى پۈتمەس - تۈگىمەس ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.