تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

2025 - يىلى شىنجاڭ باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 70 مىليارد يۈەنگە يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2025 - يىلى، شىنجاڭ باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 70 مىليارد يۈەنگە يەتكەن (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، مېۋە ھوسۇلى 9 مىليون 500 مىڭ توننا بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 5 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق باغۋەننىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان.

باغۋەنچىلىك كەسپى شىنجاڭدىكى قاپلىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، نەپ يەتكۈزگەن ئاھالە ئەڭ كۆپ بولغان ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپ. 2025 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق مېۋە ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلىرىدىكى باغۋەنلەرنىڭ باغۋەنچىلىكتىن قىلغان كىرىمى ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ %30ىنى ئىگىلەپ، قىسمەن رايونلاردا %60تىن ئېشىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى «بېيىش موتورى» بولۇپ قالغان. تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدىگەن رايونلاردا پۈتۈن شىنجاڭدىكى %80تىن ئارتۇق مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈلۈپ، ھەم ئېكولوگىيە «يېشىل شارپا»سى قېلىن توقۇلدى، ھەم خەلقنى بېيىتىدىغان «ياقۇت مارجان»نى تىزىپ چىقتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، قۇرۇق، ھۆل مېۋە ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 2020 - يىلىدىكى 2.2:1دىن ھازىرقى 1.33:1گە ئەلالاشتۇرۇپ، كۆلەمنى كېڭەيتىشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكىچە بولغان تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى 2600دىن ئارتۇق باغۋەنچىلىك كەسپىي تېخنىكا خادىمىدىن تەشكىللەنگەن پەن - تېخنىكا تايانچ كۈچىگە تايىنىپ، شىنجاڭ مېۋىلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە نىسبىتى %40كىمۇ يەتمەسلىكتىن تېز سۈرئەتتە %62.3كە ئۆرلىدى، كۆپ تۈرلۈك پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ قوللىنىلدى.

شىنجاڭ مېۋە سېتىش تورى قۇرۇلۇشىنى زورايتتى، «100 شەھەر، 1000 دۇكان» «شىنجاڭ مېۋىلىرىنى شەرققە يەتكۈزۈش» مېخانىزمى ئارقىلىق، 10 مىڭدىن ئارتۇق سىرتقا سېتىش تور نۇقتىسى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سەككىز تايانچ سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى بازىسى مېۋىلەرنىڭ يېڭى پېتى ھەرقايسى جايلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭدىن يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سىرتقا سېتىلىدىغان مېۋە مىقدارى يىللىق مېۋە ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %80ىنى ئىگىلىدى، ماركا تەسىر كۈچى سىجىل ئېشىپ، مېۋىلەر 30دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىندى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى 276 ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى، مېۋىنى چېگرادىن چىقىرىش بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان مېۋىلىك باغ 506گە يەتتى، «شىنجاڭ پىنجى» «پىنۋېي شىنجاڭ» «شىنجاڭ لىۋۇ» قاتارلىق رايون ماركا ئېتىراپنامىسى 26 باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتىنى قاپلىدى، باغۋەنچىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى سىجىل مۇقىم بولۇپ، «15 - بەش يىل»دا باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.