2026-يىل 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، قاردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ، قاراماي شەھەر رايونىنىڭ شىمالىي ئەتراپىدا دۆلەت تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان ئارقار ئاپئاق لىباس كىيگەن تاغ-دالىلاردا سەيلە قىلىپ، قار كېچىپ ئوزۇق ئىزدىدى ۋە ياكى توختاپ ئەتراپقا قارىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي مەركىزىي شەھەر رايونى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ چۆللىشىشىنى تۈزەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تارىختىن قېپقالغان تاشلاندۇق كانلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق بىرقاتار قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ئادەمنىڭ ئارىلىشىشىنى ئازايتىش، دائىرىلەپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئېكولوگىيەلىك يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، يۇلغۇن، سۆكسۆك، يانتاق قاتارلىق چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى تىكىپ، چۆللىشىشنىڭ يامراش يۈزلىنىشىنى توسۇپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىشى، ياشىشى ئۈچۈن تەبىئىي شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ئىختىيارىي مۇخبىر مىن يۇڭ فوتوسى







