تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2026-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش پويىز بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى

  باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى پويىز بېلىتى 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ. 2026-يىللىق تۆمۈريولدا باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، ۋاقتى 40 كۈن بولىدۇ. مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا توشۇلىدىغان يولۇچى سانىنىڭ 539 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئېشىشى مۆلچەرلەندى، باھار بايرىمىدىن بۇرۇنقى يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى (دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 26-كۈنى)، باھار بايرىمىدىن كېيىنكى يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى (باھار بايرىمىنىڭ 7-كۈنى) كۆرۈلۈشى مۆلچەرلەندى.

  2026-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى يېقىندا كۆپ تۈرلۈك مۇلازىمەت يېڭى تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى.

  —— 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ، يولۇچىلار خاتا سېتىۋالغان بېلەتنى چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز قايتۇرۇش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلىدۇ، يولۇچىلار تۆمۈريول 12306 سۇپىسى ئارقىلىق پويىزغا چىقىش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پويىز بېلىتىنى سېتىۋالغاندا، ئەگەر خاتا سېتىۋالغان بېلەتنى بېلەت سېتىۋېلىش چىقىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان 30 مىنۇت ئىچىدە ھەمدە پويىز قوزغىلىشتىن تۆت سائەت بۇرۇن سېتىۋالسا، بېلەت سېتىۋالغۇچى توردا ئاپتوماتىك بېلەت قايتۇرسا بولىدۇ، بېلەت قايتۇرۇش ھەققى ئېلىنمايدۇ.

  —— 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، «ئاۋازسىز ۋاگون» مۇلازىمىتى ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ كارىۋاتلىق پويىزىدىن باشقا «D» ،«G» ھەرپى بىلەن باشلانغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى تارقاق بولغان ئوق پويىز گۇرۇپپىسىغا كېڭەيتىلىدۇ، شۇ چاغدا مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا «ئاۋازسىز ۋاگون» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان پويىز 8000 دىن ئاشىدۇ.

  —— 2026-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، تۆمۈريول 12306 ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋېلىش ئىقتىدارى داۋاملىق نورمال يۈرۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2026-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىككى قېتىم تاق يۆنىلىشلىك ئوقۇغۇچىلار ئېتىبار بېلىتى كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ، بۇ ئوقۇش يىلىدا ئالتە قېتىم ئېتىبار بېلەت سېتىۋېلىش قېتىم سانىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  —— تۆمۈريول 12306 يان تېلېفون تېرمىنالىدا ئىشلەمچىلەرنىڭ ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى تورغا چىقىرىلدى. 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە (بۇنىڭ ئىچىدە 2-ئاينىڭ 26-كۈنى پەقەت ئالدىن كېلىشىش زاكاز تالونىنى كۆرگىلى بولىدۇ، يېڭىدىن ئالدىن كېلىشىش كەسپى بېجىرىلمەيدۇ)، ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئىشلەمچىلەر 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە بولغان پويىز بېلىتىنى ئالدىن سېتىۋالسا بولىدۇ.

مۇخبىر: فەن شى

تەشۋىقات ئېلانىنى ئىشلىگۈچى: مياۋ شياياڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى دۆلەت ئىچى بۆلۈمى ئىشلىگەن

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.