1-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ قاراماي شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى سىجىل تۆۋەنلەپ، شەھەر رايونى ۋە ئەتراپتىكى سۇ رايونلىرىمۇ تەدرىجىي مۇز تۇتۇپ كەتتى. گۇخەي باغچىسىدىكى تېخى مۇز تۇتمىغان بىرنەچچە سۇ رايونىدا، نەچچە يۈز يېشىل باش ئۆردەك قومۇشلۇقتا خۇددى قار-مۇز بىلەن قاپلانغان گۈزەل ماكاندا ئۈزۈپ يۈرگەندەك تەسىر بېرەتتى. سوغۇق ئېقىمنىڭ ياۋايى ھايۋانلارغا ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان ياشاش خىرىسىغا قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار چارلاپ تەكشۈرۈش تەدبىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تاغلىق رايون، چۆللۈكلەرنى چارلاپ قوغداش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، يارىلانغان، قاپسىلىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزدى.
1-ئاينىڭ 15-كۈنى، قاراماي شەھەر رايونىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى گۇخەي ئېكولوگىيە باغچىسىدا، دۆلەتنىڭ «مۇھىم ئېكولوگىيە، ئىلىم-پەن، جەمئىيەت قىممىتى بار» » قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋىنى يېشىل باش ئۆردەك قومۇشلۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى تېخى مۇز تۇتمىغان سۇ يۈزىدە ئۈزۈپ يۈرمەكتە.
1 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، قاراماي شەھەر رايونىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى گۇخەي ئېكولوگىيە باغچىسىدا، دۆلەتنىڭ «مۇھىم ئېكولوگىيە، ئىلىم-پەن، جەمئىيەت قىممىتى بار» » قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋىنى يېشىل باش ئۆردەك قومۇشلۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى تېخى مۇز تۇتمىغان سۇ يۈزىدە ئۈزۈپ يۈرمەكتە.

1 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، قاراماي شەھەر رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى چۆل-باياۋانلىقتا، دۆلەت 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان ئارقار قار بىلەن قاپلانغان تاغ-دالىلاردا ئوزۇق ئىزدىمەكتە.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى