□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن
1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرىنىڭ يارغول كەنتىدە، تۇرپان شەھىرى ئورمانچى مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پارنىكىدا، 27 ياشلىق سەيپۇللا جاپپار ئۈزۈم كۆچەتلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىۋاتاتتى. «بىر كۈنمۇ بوشىشىپ قىلىشقا بولمايدۇ، پەقەت قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سۈپەت بىلەنلا كونا خېرىدارلارنى تۇتۇپ قالالايمىز» دېدى سەيپۇللا.
تۇرپاندا، ئۈزۈم بارىڭى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەڭ چوڭقۇر ئەسلىمىسى، سەيپۇللامۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئۇ كىچىكىدىن ئۈزۈملۈكتە چوڭ بولغاچقا، چوڭلاردىن ئاڭلاپ، كۆرۈپ يۈرۈپ ئەنئەنىۋى كۆچەت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالغانىدى. قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، سەيپۇللا ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ تەجرىبىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. «دەۋر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىمۇ جەزمەن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى كېرەك» دېدى سەيپۇللا.
ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىشى بۇ ياش «2 - ئەۋلاد دېھقان»غا يېڭى دۇنيانىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. ئۇ توردىن ئۆگەنگەن تۇپراق تەركىبىنى تەڭشەش نىسبىتى، تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش - باشقۇرۇش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە سورتنى ياخشىلاش نەزەرىيەسىنى ئاتا - بوۋىسىدىن قالغان ئەمەلىي مەشغۇلات تەجرىبىسى بىلەن قايتا - قايتا يۇغۇرۇپ، تەجرىبە قىلىپ، كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. ئون يىلدا، ئۇنىڭ كۆچەت يېتىشتۈرۈش پارنىكى دەسلەپكى ئىككىدىن سەككىزگە كۆپەيدى، يېتىشتۈرگەن سورتلىرىمۇ ئاق كىشمىش، سايۋا قاتارلىق شۇ جايدا كۆپ ئۇچرايدىغان سورتلاردىن لەن باۋشى، لاڭمەن خۇڭيەن، ياڭگۇاڭ مېيگۇي قاتارلىق بازاردا ئالقىشقا ئېرىشكەن 30 نەچچە يېڭى ئەلا سورتقا كېڭەيدى، يىللىق كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، شۇ جايدىكى داڭلىق كۆچەت يېتىشتۈرۈش ماھىرىغا ئايلاندى.
شەخسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئەمەس. 2024 - يىلى، ئەتراپتىكى بەزى يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا قۇربىتى يەتمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سەيپۇللا باشلامچى بولۇپ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، بەش ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى تارقاق بولغان يەر، ئەمگەك كۈچى ۋە تېخنىكا بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، كۆچەت يېتىشتۈرۈش كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىشكە قاراپ يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، پارنىكتا ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئىشلەيدىغان ئىشچىدىن 25ى بار، ئاۋات پەسىلدە ئىشلەيدىغانلار سانى 50تىن ئاشىدۇ. «بۇ جايدا ئىشلىسەم ئۆيگە يېقىن، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمىم بار، كۆڭلۈم ناھايىتى خاتىرجەم.» كەنت ئاھالىسى پەرىدە ساتتار بۇ خىزمەتنى تىلغا ئالغاندا، چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش يولىدا، سەيپۇللا بىرلىشىشكە تايانسىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، بازار ئېچىشنىڭ ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. ئۇ رەقەملىك ئىقتىساد پۇرسىتىنى سەزگۈرلۈك بىلەن تۇتۇپ، تۇرپاننىڭ كۆچەت يېتىشتۈرۈش كەسپىدە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق كۆچەت سېتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى باشلامچىغا ئايلاندى. «نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە كېڭەيتتۇق، كېيىن دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلاردا كۆچەت يېتىشتۈرۈش سىنلىرىنى ئېلان قىلدۇق، 2025 - يىلى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش ئەندىزىسىنى رەسمىي باشلىدۇق» دەپ تونۇشتۇردى سەيپۇللا.
بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش جەريانىدا، سەيپۇللا كامېرانى كۆچەتنىڭ ئەمەلىي ئۆسۈش ئەھۋالىغا توغرىلاپ، سورتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى، يەنە تورداشلارغا ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش ماھارىتىنى قولمۇقول ئۆگەتتى. ئاددىي - ساددىلىق ۋە سەمىمىيلىك ئۇنى ناھايىتى تېزلا نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرگە ئېرىشتۈردى. «ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان بىر مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشتا سېتىش سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتتى. 2025 - يىلى پۈتۈن يىلدا، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق بىز 10 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق ئۈزۈم كۆچىتى ساتتۇق، توردا سېتىش كىرىمىمىز تەخمىنەن 150 مىڭ يۈەن بولدى» دېدى سەيپۇللا. ئېلېكتىرونلۇق سودىدىن ئىبارەت بۇ «يېڭى دېھقانچىلىق جابدۇقى» تۇرپاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم كۆچىتىنى تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا ھەقىقىي يۈزلەندۈردى.
بۈگۈنكى كۈندە، سەيپۇللا بىر قانچە ۋەزىپىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ناھايىتى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇ تەبىئىي رىتىم ۋە كەسىپ دەۋرىيلىكىگە ئەمەل قىلىپ، قىشتا ئۈزۈملۈك دەم ئالدۇرۇش مەزگىلىگە كىرگەندە، ئۇ پارنىكتا كۆچەت يېتىشتۈرىدۇ؛ ئەتىياز كىرگەندىن كېيىن، ئۇ بىر ئۆزگىرىپلا «يېڭى يېزا تور رىياسەتچىسى»گە ئايلىنىپ، توردا ئۈزۈم كۆچىتى سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ؛ ياز كۈنلىرىدىكى ئۈزۈم پىشقان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، ئۇ يەنە ئۈزۈملۈككە قايتىپ ئېتىز پەرۋىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، شۇنداقلا كۆچەت يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان پارنىكنى دەم ئالدۇرۇپ كۈچ توپلاتقۇزىدۇ.
«سورت − كۆچەت يېتىشتۈرۈش كەسپىدىكى يادرولۇق رىقابەت كۈچى». سەيپۇللا سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: مەن سورتنى يېڭىلاشنى باشتىن - ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدىم. بۈگۈنكى كۈندە پارنىكتا 30 نەچچە خىل سورت بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللانغان ئەلا سۈپەتلىك كۆچەتلەر، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقسىز، بالدۇر پىشىدىغان ئەلا سورتلار بازاردا تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشتى. تۇرپاننىڭ ئۆزىدە يېتىشتۈرۈلگەن يېڭى سورتلارنى كىرگۈزگەندىن باشقا، مەن يەنە شىنجاڭ سىرتىدىكى كونا خېرىدارلىرىمنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن، ئەلا سورتلارنى سېتىۋېلىپ سىناق قىلىپ يېتىشتۈرىمەن. سەيپۇللا مۇنداق بىلدۈردى: مېنىڭ نىشانىم كۆچەت سېتىشلا ئەمەس، بەلكى «تۇرپاننىڭ ئۈزۈم كۆچىتى» ماركىسىنىڭ داڭقىنى چىقىرىش.
ئېتىز قىرلىرىدا ئىجتىھات بىلەن ئىشلىگەن كۆچەت يېتىشتۈرگۈچىدىن قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەۋاتقان ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشلامچىسىغىچە، يەنە توردا ئېقىم مىقدارى جەلپ قىلالايدىغان «يېڭى يېزا تور رىياسەتچىسى»گىچە، سەيپۇللا يۇرتىنىڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىشتىن ئىبارەت قەتئىيلىكى ۋە دادىل يېڭىلىق يارىتىدىغان جاسارىتى بىلەن، ھەربىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتىنى غايەت زور كەسىپ ئېنېرگىيەسى ۋە ئورتاق بېيىش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.






