تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

قىشلىق ساۋمېي نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ تاتلىق

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سارىنا

ھەر قېتىم مېۋە دۇكانلىرىنى ئايلانغاندا، قىشلىق ساۋمېي ھەمىشە كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىش ئىستىكىنى قوزغايدۇ. نۇرغۇن كىشى نېمە ئۈچۈن قىشلىق ساۋمېينىڭ تەمى تېخىمۇ تاتلىق، پۇرىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ؟ دەپ ئەجەبلىنىدۇ، بۇنىڭ ئارقىسىغا ھارارەت ۋە ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىدىن ئىبارەت قوش سىر يوشۇرۇنغان.

«قىش پەسلىدە ساۋمېينىڭ تېخىمۇ تاتلىق بولۇشىدىكى يادرولۇق سەۋەب تۆۋەن تېمپېراتۇرا ساۋمېينىڭ ئۆسۈش دەۋرىيلىكىنى كېچىكتۈرىدۇ.» ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق، سۇ مەھسۇلاتلىرى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ ئاگرونومى بەي يەنلىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ساۋمېي 15 سېلسىيە گىرادۇستىن 25 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان سالقىن مۇھىتتا ئۆسۈشكە ماس كېلىدۇ، قىش پەسلىدە پارنىكتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا شارائىتى ساۋمېينىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ. تەبىئىي شارائىتتا ئۆستۈرۈلگەن ساۋمېيغا سېلىشتۇرغاندا، قىش پەسلىدە پارنىكتىكى ساۋمېينىڭ شېكەر تەركىبى ۋە تەم ماددىلىرىنىڭ توپلىنىشىغا تېخىمۇ يېتەرلىك ۋاقىت بار، بۇ خۇددى زىرائەتلەر «ئاستا ئۆسۈش» ئەندىزىسىگە كىرگەنگە ئوخشاش بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ توپلىنىشى تېخىمۇ يېتەرلىك، تاتلىقلىق دەرىجىسى تەبىئىي ھالدا تېخىمۇ يۇقىرى، تەمى ئوچۇق يەردە ئۆستۈرۈلگەن ساۋمېيدىن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئۆسۈش ئادىتىدىن قارىغاندا، ساۋمېي ئەسلىدە ئەتىيازنىڭ ئاخىرى، يازنىڭ بېشى ئۆسىدىغان مېۋە. ئوچۇق يەردە ئۆستۈرۈلىدىغان ساۋمېي كۈزدە تېرىلىدۇ، قىشتا ئۇيقۇ مەزگىلىگە كىرىدۇ، كېلەر يىلى تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندىن كېيىن ئاندىن تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ، پىشىپ يىغىۋېلىنىدۇ. ئەمما پارنىك تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، يورۇقلۇق، تېمپېراتۇرا، نەملىك قاتارلىق ئۆسۈش شارائىتى جەھەتتىن دەل جايىدا تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ساۋمېي ئۆستۈرۈش دەۋرىيلىكى قايتىدىن پىلانلاندى − پارنىكتا ئۆستۈرۈلىدىغان ساۋمېي 5 - ئايدىن 6 - ئايغىچە تېرىلىپ، 12 - ئاينىڭ باشلىرىدا پىشىپ بازارغا سېلىنىپ، بىر ئۆزگىرىپلا ئالاھىدە ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەن «پەسىلسىز مېۋە»گە ئايلاندى.

توردا تارقالغان ساۋمېي توغرىسىدىكى سەپسەتىلەر ئىزچىل دىققەتنى قوزغاپ كەلدى. بەي يەنلىڭ مۇنداق دېدى: ساۋمېينىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى سورتى، ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بەلگىلەيدۇ، چوڭلىتىش دورىسىنى ئىشلىتىش - ئىشلەتمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز. چوڭلىتىش دورىسى ئىشلىتىلگەن ساۋمېينىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى، تەمسىزرەك، مېۋىنىڭ سىرتقى يۈزى ئاسان زىدە بولغاچقا، باغۋەنلەر ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساۋمېينىڭ ئۆسۈش دەۋرىيلىكى قىسقا، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقى ئاز، سورت يېڭىلانغاندىن كېيىنكى مايسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ساۋمېي سورتىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشى ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنى كىرگۈزۈش بىلەن شۇ جايدا تاللاپ يېتىشتۈرۈشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.