□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ لېي
قەھرىتان قىش مەزگىلى، ئۆرۈكلۈك باغدا قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان بولسىمۇ، باغۋەنلەرنىڭ مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى. 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، توقسۇن ناھىيەسىدىكى ئۆرۈكلۈك باغدا، بىرنەچچە باغۋەن بىر تۈپ قېرى ئۆرۈك دەرىخىنى چۆرىدەپ، قولىدىكى پەرۋىش قىلىش قوللانمىسىغا سېلىشتۇرۇپ، شاخلارنى چاتاۋاتاتتى. «جاڭ دوكتور ئۆگەتكەن ئۇسۇل بويىچە، قىشتا شاخلىرىنى چاتاپ، ئەتىيازدا چېچەكنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغاچقا، ئۆرۈكلىرىمىزنىڭ ھوسۇلى يىلدىن - يىلغا ئاشتى!» دېدى باغۋەن مەمەت جېلىل كۈلۈپ تۇرۇپ.
باغۋەنلەر دەۋاتقان «جاڭ دوكتور» دەل ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي ئورمان تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ جىگاڭ ئىدى. يېقىندا ئۇ ئاپتونوم رايون بويىچە 12 - تۈركۈمدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس - مۇنەۋۋەر ياش ئىختىساس ئىگىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئەمما ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، باغۋەنلەرنى باغۋەنچىلىك كەسپىگە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۇنى شەرەپكە ئېرىشىشتىنمۇ بەكرەك خۇش قىلاتتى.
1986 - يىلى تۇغۇلغان جاڭ جىگاڭ ھەقىقىي «يېزا ئىگىلىك پەنلىرى بويىچە ئوقۇغان ئوقۇغۇچى». يېزا ئىگىلىك پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇقنى پۈتكۈزگەن ئۇ شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك پەن تەتقىقات ساھەسىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆرۈك دەرىخى بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىغان.
«شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق - ئىسسىقلىق شارائىتى ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، ئۆرۈك كەسپىدە چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما سورتى بىرلا خىل، ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى يىرىك، سۇ تېجەش تەس بولۇش ئىزچىل كەسىپ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسالغۇغا ئايلانغانىدى.» جاڭ جىگاڭ مۇنداق دېدى: تەجرىبىخانىغا كىرگەن تۇنجى كۈندىن باشلاپ، ئىلمىي ماقالىنى تۇپراققا يېزىپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن تۈمەنلىگەن دېھقان ئائىلىسىنى مەنپەئەتلەندۈرۈش نىشانىنى بېكىتكەن ئىدىم.
شىنجاڭغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان ئۆرۈك سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، جاڭ جىگاڭ كوللېكتىپىنى باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۆرۈكلۈك باغلارنى ئايلىنىپ چىقتى. ئەتىيازدا، ئۇ قۇم - بورانغا قارىماي چېچەكلەش مەزگىلىنى خاتىرىلىدى؛ يازدا، ئۇ تومۇز ئىسسىققا قارىماي مېۋىلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزەتتى؛ كۈزدە، ئۇ باغدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ دەرەخنىڭ ئۆسۈش سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئۆرۈكلۈك باغلاردا ئۇنىڭ ئاياغ ئىزى قالدى. ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن، 2017 - يىلىدىن بۇيان، ئۇ كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ تاللاپ يېتىشتۈرگەن «توقسۇ ئاق ئۆرۈكى» «چوڭ مايلىق ئاق ئۆرۈك» قاتارلىق ئون خىل سورت ئۆلكە دەرىجىلىك ئەلا سورتلارنى تەكشۈرۈپ باھالاشتىن ئۆتتى، بىر سورت دۆلەتنىڭ ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقىغا ئېرىشتى. بۇ سورتلارنىڭ كېسەلگە تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك، ھوسۇلى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمى ياخشى، ساقلاش، توشۇشقا چىداملىق بولۇپ، بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتقا ئايلاندى.
سۇ تېجەپ سۇغىرىش باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچ. جاڭ جىگاڭ نەزەرىنى دەل - دەرەخلەردە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا قاراتتى، نۇرغۇن قېتىم سىناق قىلىش ئارقىلىق، 2012 - يىلى، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇدۇق شەكىللىك سۇ تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسى تەتقىق قىلىپ ئېچىلدى. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق سۇغىرىش سۇ مىقدارىنى دەل جايىدا كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ئەنئەنىۋى باستۇرۇپ سۇغىرىشقا قارىغاندا %50تىن كۆپرەك سۇنى تېجىگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تېخنىكا «دەرەخ يوغىنىغانسېرى يىلتىزى چوڭقۇرلىشىدىغان» ئىقتىسادىي ئورمان دەل - دەرەخ تۈرىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ، مېۋىلىك دەرەخنىڭ يىلتىز سىستېمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، شاخ - يوپۇرماقلىرىنى تېخىمۇ بۈك - باراقسان قىلالايدۇ، مېۋە بېرىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپلا قالماي، يەنە مېۋىنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ تۈرلۈك تېخنىكا ئون نەچچە تۈردە دۆلەت پاتېنتىغا ئېرىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆرۈك، چىلان، ئالما، ياڭاق قاتارلىق مېۋىلىك باغلاردا كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، قۇرغاق چۆللۈكتىكى باغۋەنچىلىك كەسپىدە «سۇ تېجەش» بىلەن «مول ھوسۇل ئېلىش»تىن ئىبارەت قوش پايدىغا ئېرىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
«پەن تەتقىقات ئىشىكنى تاقىۋېلىپ تەجرىبە ئىشلەش ئەمەس، تېخنىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئېتىز باشلىرىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك.» بۇ، جاڭ جىگاڭ دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان گەپ. نەتىجىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن ئالتە تۈرلۈك يەرلىك ئۆلچەم تۈزۈپ، توققۇز تۈرلۈك ئاقىل ئورمانچىلىق ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش سىستېمىسىنى ئېچىپ، باغۋەنلەرگە يېڭى تېخنىكا ئىشلىتىشنى قولمۇقول ئۆگەتتى. ئۇ يەنە كوللېكتىپىنى باشلاپ يىل بويى ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا تۇرۇپ، سورت تاللاش، ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىشتىن تارتىپ كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكىچە، باغۋەنلەرنى پۈتۈن مۇساپىلىك تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.
ئونسۇ ناھىيەسىدە، شۇ جايدىكى باغۋەنلەر ئىلگىرى ئۆرۈك سورتى كونىراش، ئىنچىكە پەرۋىش قىلماسلىق سەۋەبىدىن، ھوسۇل ئاشسىمۇ كىرىمنى ئاشۇرالماسلىقتەك قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنىدى. جاڭ جىگاڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يېڭى سورت ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى ئېلىپ بۇ يەرگە كېلىپ، باغۋەنلەرنىڭ سورتنى ياخشىلىشى ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. قىسقىغىنا نەچچە يىلدا، شۇ جاينىڭ ئۆرۈكچىلىك كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى نەچچە قاتلاندى.
بۇ يىللاردا، جاڭ جىگاڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 20دىن ئارتۇق پەن تەتقىقات تۈرىگە رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە قاتناشتى، 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى، ئۈچ مەخسۇس ئەسەر يازدى، 31 تۈردە دۆلەت پاتېنتىغا ئېرىشتى، يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ مول نەتىجىلەر ئەڭ ئاخىرىدا باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «ئالتۇن ئاچقۇچ»قا ئايلاندى.
تەجرىبىخانىدىن مېۋىلىك باغقىچە، دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىدىن ئېتىزدىكى «جاۋاب قەغىزى»گىچە، جاڭ جىگاڭ ئون نەچچە يىل چىڭ تۇرۇپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باغۋەنلەرنىڭ بېيىش مېۋىسىگە ئايلاندۇردى. شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك كەسپىدە يىلتىز تارتقان بۇ «ئۇرۇق» داۋاملىق ئۆسۈپ يېتىلىپ، باغۋەنلەرنىڭ قالتىس ھاياتى، شىنجاڭ باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپە پۈتمەكتە.






