□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى\سۈن شاۋلۇڭ
چىرىكلىك پارتىيە ئورگانىزمىنىڭ ساغلاملىقىنى چىرىتىدىغان «زەھەرلىك ئۆسمە». چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەڭ ئۈزۈل - كېسىل ئۆزلۈك ئىنقىلابى.
«15 - بەش يىل» باشلانغان يىلدىكى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىدا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك».
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2025 - يىلىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چىرىكلىككە قاتتىق زەربە بېرىش سالمىقى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى −
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە پۈتۈن بىر يىلدا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان «موللاق ئاتقان» مەركەز باشقۇرىدىغان كادىر 65كە يەتتى، بەزىلىرى «ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە موللاق ئاتتى»، بەزىلىرى پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ يەنىلا تەكشۈرۈلدى، 12 - ئايدا يەنە «بىر ئايدا توققۇز يولۋاسقا زەربە بېرىلىپ»، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا «بىر قەدەممۇ توختاپ قالماسلىق، يېرىم قەدەممۇ يول قويماسلىق»تەك قەتئىي پوزىتسىيە نامايان قىلىندى.
«چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قاتتىق قول بولمىساق، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. <چۆكسىمۇ گەر بىر قېيىق، تىنىم تاپماي يۈرگەي مىڭى، يىقىلسا گەر بىر دەرەخ، كۆكلەر يەنە تۈمەن مىڭى>.» پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان قەدىمقى شېئىرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، ئېنىق سىگنال تارقاتتى.
پارتىيەنىڭ ئورگانىزمى خۇددى بىر پارچە ئورمانلىققا ئوخشايدۇ، ئەگەر «كېسەل دەرەخ»نى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالساق، ئۇنىڭ كېسەللىك زىيانداشلىقىنىڭ يامراپ كېتىشىگە يول قويساق، ئاخىردا ئۇنىڭ چىرىتىدىغىنى پۈتۈن ئورمان بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا ئەجەللىك زىيان يەتكۈزىدۇ.
«كېسەل دەرەخ»نى قومۇرۇشقا توغرا كەلسە قومۇرۇۋېتىش، كېسىشكە توغرا كەلسە كېسىۋېتىش كېرەك.
يېقىندا قىزغىن قويۇلۇۋاتقان تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى «بىر قەدەممۇ توختاپ قالماسلىق، يېرىم قەدەممۇ يول قويماسلىق»تا، چىرىك ئۇنسۇرلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەپسىلاتى كىشىنى چۆچۈتتى، چوڭقۇر ئاگاھلاندۇردى؛ يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مىنىستىر تاڭ رېنجيەن ھە دەپ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتقان، قولىنى يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە ئۇزارتىپ دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان؛ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنياڭ شەھىرى، لوشەن ناھىيەسىدىكى ئون كادىر ئۆگىنىش - تەربىيەسى مەزگىلىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ - ئىچكەن، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان؛ بەزى قانۇنسىز داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرىنى تەشكىللىك، پىلانلىق ھالدا «قورشاپ ئوۋلاپ»، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى قانۇنسىز سودىگەرلەرنىڭ ئالداپ ئېلىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزگەن...
يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى نۇرغۇن دېلو مىساللىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ھۆكۈمىنى تولۇق دەلىللىدى: «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر».
چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇشقا بولمايدىغان، شۇنداقلا قەتئىي غەلىبە قىلىدىغان زور كۈرەش، جەزمەن مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پوزىتسىيەسى ئېنىق بولدى: «چىرىكلىككە جەزمەن قارشى تۇرۇپ، خىيانەتچىلىكنى جەزمەن تازىلاپ، رەزىللىكنى تولۇق تۈگىتىپ، چىرىك ئۇنسۇرلارغا يوشۇرۇنغۇدەك ھېچقانداق جاي قالدۇرماسلىق كېرەك».
ھەم «كېسەل دەرەخ»نى قومۇرۇپ تاشلاش، ھەم «تۇپراق»نى يوقىتىش كېرەك.
چىرىكلىك ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئامىللار ئۆزئارا گىرەلىشىپ پەيدا بولغان مەسىلە. پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىت مەۋجۇت بولسىلا، چىرىكلىك مەسىلىسى پەيدا بولىدۇ ۋە يامرايدۇ.
بەزىلىرى ئېرىشىدىغان پايدىنى پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملاردىن پاي قاتارلىق مال - مۈلۈك خاراكتېرلىك مەنپەئەتكە ئايلاندۇرۇۋالدى؛ بەزىلىرى بىۋاسىتە پارا ئېلىش قىلمىشىنى ئازايتىپ، «سايە شىركەت» «سايە پايچى»دىن پايدىلىنىپ پەردە ئارقىسىغا ئۆتۈۋېلىپ ئۆزىنى يوشۇردى؛ بەزىلىرى پايدىنى نەقلەشتۈرۈش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، قەرەللىك ھوقۇقنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق كېچىكتۈرۈپ نەقلەشتۈردى... ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنىڭ شەكلى يېڭىلىنىپ، دەرىجىسى ئۆسۈپ، بايقاش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا خىرىس ئېلىپ كەلدى.
ئاپەتنى تۈگىتىشكە ماھىر كىشى ئاۋۋال ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ تاپىدۇ، كېسەلنى داۋالاشقا ماھىر كىشى ئاۋۋال كېسەلنىڭ مەنبەسىنى تۈگىتىدۇ.
بۇ قېتىمقى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چىرىكلىكنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى، يېڭى خاراكتېرىنى ئىگىلەپ، ۋاسىتە، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تۈزەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا، جەزمەن چىگىش، مۇرەككەپ قىلمىش ئىپادىسىدىن ھالقىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ھوقۇق - پۇل سودىسىدىن ئىبارەت بۇ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرۈپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ كۆجۈملەشكەن، بايلىق توپلاشقان ساھەلەرگە چىڭ قادىلىپ، جازالاپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تەڭ تەكشۈرۈش» ئارقىلىق «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىك گىرەلىشىپ كەتكەن مەسىلىلەرنى قاتتىق جازالاپ، «تەڭ تۈزەش» ئارقىلىق «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىكنىڭ ئورتاق مەنبەسىنى يوقىتىش كېرەك.
«كېسەل دەرەخ»نى قومۇرۇپ تاشلاپ، قەتئىي تۈردە ساقلانما مىقدارنى ئازايتىش، ئېشىش مىقدارىنى توسۇشتا نامايان بولغىنى «قەتئىي يول قويماسلىق»تىن ئىبارەت قەتئىي پوزىتسىيەنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش.
«تۇپراق»نى يوقىتىپ، چىرىكلىكنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە كۆپىيىش مەنبەسىدىن مەھرۇم قىلىش كەلگۈسى ۋە ئاساس كۆزلەنگەن سىستېمىلىق تەپەككۇر.
«جىجياڭ يېڭى سۆزلىرى»دىكى «ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەپ، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش كېرەك» دېگەن ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: نازارەت قىلىش ۋە ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، تىرىشىپ بەزى كادىرلارنىڭ مەسىلىسىنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر ئەسكەرتىپ، بالدۇر توسۇپ، بالدۇر تۈزىتىپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەش، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، بۇ، ئەمەلىيەتتە كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسى.
«كېسەل دەرەخ»نى قومۇرۇپ تاشلاش، «تۇپراق»نى يوقىتىشتا، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىپ، ئىنتىزام تەربىيەسى ۋە ئىشتىن بۇرۇن نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پاكلىق مەدەنىيىتى ئارقىلىق تاكامۇللاشتۇرغاندىلا، سىياسىي ئېكولوگىيە ئورمانلىقىنى تېخىمۇ «تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك» بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى، «ياخشى دەرەخ»نى بۈك - باراقسان ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)






