□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر جىڭ لىجۈن
1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، كورلا شەھىرى دۇجۈەن دەرياسى بويى ئىللىق كەيپىياتقا چۆمدى، قىشلاشقا كەلگەن ياۋا ئاق قۇلاردىن ھاسىل بولغان ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىشكە جەلپ قىلدى.
«دۇجۈەن دەرياسىدىكى ئاق قۇ توپىنىڭ ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىكەنلىكىنى خېلى بۇرۇنلا ئاڭلىغانىدىم، بۇ قېتىم كۇيتۈندىن مەخسۇس ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلدۇق، ئاق قۇلارنى كۆرگەچ، تۇغقانلارنى يوقلايمىز.» بالىسىنى ئېلىپ كېلىپ ئاق قۇلارنى تاماشا قىلىۋاتقان جاڭ لىشىننىڭ چېھرىدە خۇشاللىق ئەكس ئەتكەنىدى، «ئىلگىرى كۇيتۈندىن كورلىغا كېلىش ئۈچۈن بىر كۈندۈز ماڭاتتۇق. ھازىر ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا مېڭىپ، ئالتە سائەتتىلا يېتىپ كەلدۇق، سەپەر جەريانىدا ئۇنچە چارچاش ھېس قىلمىدۇق».
دۇجۈەن دەرياسى بويىدا، جاڭ لىشىنغا ئوخشاش بۇنداق ساياھەتچىلەر ئاز ئەمەس. ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ قاتناش چوڭ تومۇرى زامان - ماكان ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى. ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلانغان 15 كۈندىلا، قاتنىغان ئاپتوموبىل 471 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمغا يەتتى، كۆزنى چاقنىتىدىغان رەقەمنىڭ ئارقىسىدا، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ ئالاقىسىنىڭ كۈنسېرى كۆپەيگەنلىكىدەك جانلىق مەنزىرە بار.
«بۇ قېتىمقى سەپەردە ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىش كۈنلىرىدىكى مەنزىرىسىدىن زوق ئېلىپلا قالماي، يەنە كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان تۇغقانلىرىمىز بىلەن جەم بولۇپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى تۇرمۇشىمىز توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق، بىز يەنە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، نەشپۈت شەھىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ياخشى ھېس قىلىپ بېقىشنى پىلانلىدۇق» دېدى جاڭ لىشىن.
دۇجۈەن دەرياسى بويى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، بەزىلىرى ئاق قۇنىڭ غايەت زور رەڭلىك سىزمىسى، ئاق قۇنىڭ چوڭ تىپتىكى ھەيكىلى، ئاق قۇ ئۆتىڭى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇۋاتاتتى، بەزىلىرى فوتو ئاپپاراتىنى كۆتۈرۈپ ئاق قۇلارنىڭ لەرزان ھەرىكەت قىلغان گۈزەل قىياپىتىنى سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى، بەزىلىرى بالىلىرى بىلەن ئاق قۇلارغا يەم بېرىۋاتاتتى... خۇشال كۈلكە سادالىرى دۇجۈەن دەرياسى بويىدا ياڭرىدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاۋ شياڭلىن ئابدۇل راخمان بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ سەپەردە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى. 20 نەچچە يىل ئىلگىرى، جاۋ شياڭلىن كورلىغا كاماندىروپكىغا كېلىپ، ئابدۇل راخمان بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدى، بېرىش - كېلىش جەريانىدا، ئىككىيلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى. «ئىلگىرى بىر قېتىم بېرىپ كېلىشىمىز ئاسان ئەمەس ئىدى، يىلدا تەستە بىرەر قېتىم كۆرۈشەلەيتتۇق.» جاۋ شياڭلىن مۇنداق دېدى: «ھازىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماڭساق، ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا كورلىغا كېلەلەيمىز، كېلىمەن دەپلا كەلدىم».
ئابدۇل راخمان ئاق قۇلارغا يەم بەرگەچ كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋ شياڭلىنغا مۇنداق دېدى: «ئاكا، باھار بايرىمىدا مەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ سىزنى يوقلايمەن، شۇ چاغدا ئىككىمىز يەنە ئوبدان ئايلىنايلى».
تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، دۇجۈەن دەرياسى بويىدا چىراغلار يورۇدى، نۇر، سايىلەرنىڭ ئالمىشىشى ئارىسىدا، قىش كۈنلىرىدىكى كورلا رومانتىك ھەم خىيالىي تۈسكە كىردى.
شەھەر رايونىدىكى بىر ئاشخانىنىڭ مەسئۇلى مەمەتجان يۈسۈپ ئىشىك ئالدىدا كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆتكەن - كەچكەن خېرىدارلارنى چاقىرىۋاتاتتى: «يول راۋانلاشتى، ساياھەتچىلەرمۇ كۆپەيدى. مەن مەخسۇس شىمالىي شىنجاڭدىن بىر ئاشپەز تەكلىپ قىلدىم، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ خاسلىقى يۇغۇرۇلغان قورۇمىلارنى چىقاردۇق، سودىمىز بارغانسېرى جانلاندى».
سانجىدىن كەلگەن ساياھەتچى لى تىڭ ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ مەززىلىك تائاملارنى تېتىغاچ يان تېلېفونىدىكى ئاق قۇلارنىڭ سۈرىتىنى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا يوللاپ بەردى، «ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭ يىراق تۇيۇلاتتى، ھازىر بىرنەچچە سائەتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى ۋە ئادەمگەرچىلىكى كىشىگە يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدىكەن، كېيىن ۋاقتىم بولسا دائىم كېلىپ ئايلىنىمەن».






