□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ گاڭ
«تاماقلار يېيىشلىك ھەم قۇۋۋەتلىك، ئەمدى تاماق مەسىلىسىدە باش قاتۇرمايدىغان بولدۇق.» زىمىستان قىشتا، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قاراچى يېزىسىدىكى مۇيۈەن ئاشخانىسى ئىللىقلىققا تولدى، ئون نەچچە ياشانغان كىشى ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان، تەخسىلەردىكى گۆشلۈك ۋە گۆشسىز قورۇمىلار مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خۇش ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى. كۆپچىلىك تاماق يېگەچ پاراڭلاشتى، خۇشال كۈلكە سادالىرىدىن بەخت تۇيغۇسى چىقىپ تۇراتتى.
دىققەتنى ياشانغانلار، بالىلار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقچى ناھىيەسى ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، ئەسلىھەلەرنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش كاپالەت تورىنى زىچ، پۇختا توقۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ يېتەرلىك قىلدى، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلدى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
قارىغۇچىسى يوق، ئۆيدە قالغان، چوڭ ياشلىق ھەم قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشى قولايسىز بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئاقچى ناھىيەسى ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «مېھىر - شەپقەت ئاشخانىسى» غىزالىنىشقا ياردەم بېرىش نۇقتىسىدىن 23نى قۇرۇپ چىقىپ، غىزالىنىشقا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنىڭ يېقىن ئەتراپنى قاپلىشى، قولايلىق بولۇشى، مەنپەئەتلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئاقچى ناھىيەسى ئاقچى بازىرى تىنچلىق يولى مەھەللىسى ياڭگۇاڭ جەمئىيەت خىزمىتى مۇلازىمەت مەركىزى غىزالىنىشقا ياردەم بېرىش نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى ھامۇتجان مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىز ھەپتىلىك تاماق تىزىملىكىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئوزۇقلۇق ۋە تەمگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، <مەركەزلىك غىزالىنىش + تاماقنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش>تىن ئىبارەت جانلىق مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ھەرىكىتى قولايلىق ياشانغانلارنى بىللە غىزالىنىش، قوشنىلار ئارىسىدىكى ئىللىق مېھىر - مۇھەببەتتىن بەھرىلىنىش، ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلارنى ئۆيىدىن چىقمايلا ئىسسىق تاماق يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق».
60 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان ياشانغانلار %40تىن %30كىچە غىزالىنىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ھەم ھەرىكىتى قولايسىز كىشىلەر توپى ھەقسىز غىزالىنىدۇ ھەمدە مەخسۇس ئادەم يەتكۈزۈپ بېرىدۇ... قارا بۇلاق يېزىسىدا، ئاقچى ناھىيەسى مىنيۆ خۇيشياڭ تېز تاماقخانىسى يولغا قويغان پەلەمپەيسىمان ئېتىبار بېرىش لايىھەسى قەلبلەرنى ناھايىتى ئىللىتتى. بۇ ئاشخانا ئۆزئارا ياردەم قىلىش ياشانغاندا يېڭىلىق يارىتىپ، كۈتۈنۈش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىجادىي ئىزدىنىپ، 22 نەپەر تۆۋەن ياشلىق ساغلام ياشانغان كىشىنى كۈندىلىك باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن بىللە «ياشانغاندا رولىنى جارى قىلدۇرۇش»ىنى ئىشقا ئاشۇردى، يولغا قويۇلۇپ بۈگۈنگىچە جەمئىي مۇلازىمەت قىلغان ياشانغانلار 3400 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
«ئىلگىرى تاماقنى ئەپلەپ - سەپلەپ يەيتتۇق، بۈگۈنكى كۈندە ھەربىر ۋاق تامىقىمىزدا ئىسسىق قورۇما، ئىسسىق تاماق يەيمىز، يەنە كونا بۇرادەرلەر بىلەن مۇڭدىشالايمىز، كۈنلىرىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ» دېدى قارا بۇلاق يېزىسى قارا بۇلاق كەنتىدىكى 85 ياشلىق خاس مىرزەلى.
2024 - يىلىدىن بۇيان، ئاقچى ناھىيەسى ھەرقايسى يېزا - بازار، مەھەللىلەردىكى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، «پۈتۈن ئىش ئورنى راۋان بولغان» ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتى بەرپا قىلىپ، ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى، قىزىل كىنوخانا قاتارلىق فۇنكسىيەلىك ئورۇنلارنى توپلاشتۇرۇپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق 48 تۈرلۈك «بىر پونكىت شەكلى»دىكى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. دائىملىق قانات يايدۇرۇلغان ساغلاملىق بويىچە ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتى ئاممىنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، قان بېسىمى، قان شېكىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئاساسىي مۇلازىمەتلەر ياشانغانلار توپىنىڭ ئېھتىياجىغا دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇلدى.
ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كاپالەت لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىللە، ئاقچى ناھىيەسى يەنە دىققەتنى قوش خىزمەتچى ئائىلىلىرىنىڭ بالا بېقىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىكار تۇرغان بايلىقنى جانلاندۇرۇپ، «مەھەللە + ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرى» ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەھەللە تۇڭمېڭ ھاۋالىلىك بېقىش باغچىسى قۇرۇپ، ھەر كۈنى بالىلارنى ئاپىرىپ - ئەكىلىشكە مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ غېمىنى ھەر تەرەپلىمە ھەل قىلدى.
«بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بار بولدى، يەنە بىلىم ئۆگىنەلەيدىغان بولدى، بىز تېخىمۇ خاتىرجەم خىزمەت قىلىدىغان بولدۇق» دېدى تىنچلىق يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى گۈلنۇر ئابدۇراخمان.
نۆۋەتتە، تىنچلىق يولى مەھەللىسى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە جەمئىي 80 مەيداندىن ئارتۇق تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى، قاتناشقان ئادەم سانى 500 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن 165 بالا بۇ يەردە كەسپىي ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتىن بەھرىمەن بولدى. ھاۋالىلىك بېقىش باغچىسى ئاساسىي ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يەنە مۇۋاپىق كېلىدىغان دەسلەپكى تەربىيە دەرسلىكى تەسىس قىلىپ، بالىلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۆسۈپ يېتىلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بارلىق كۈچنى ئىشقا سېلىش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، ئاساسىي كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.
بۈگۈنكى كۈندىكى ئاقچى ناھىيەسىدە، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت بازىسى ئەۋلادلار ئارا يۇغۇرۇلىدىغان، ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان ئىللىق ماكانغا ئايلاندى، ياشانغانلار، بالىلار ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىلەندى، ئىللىقلىقنى ھېس قىلدى.
ئاقچى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جيا گوشياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بىر ۋاق ئىسسىق تاماق بىلەن قەلبنى ئىللىتىشتىن كۆپ خىل مۇلازىمەت ئارقىلىق ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى قوغداشقىچە، ئومۇمىي مەنپەئەتدار ھاۋالىلىك بېقىش ئارقىلىق ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئەۋلادلار ئارا ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ بىرلىكتە ئىللىق مۇھىت بەرپا قىلىشقىچە، ئاقچى ناھىيەسى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خەلق تۇرمۇشى تەدبىرلىرى ئارقىلىق ياشانغانلار، بالىلارغا ئالاقىدار خەلق تۇرمۇشى قىيىن مەسىلىلىرىنى دەل جايىدا ھەل قىلىپ، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، بالىلار ياخشى تەربىيەلىنەلەيدىغان بولۇشتىن ئىبارەت بەخت مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىدۇ.






