تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2025 - يىلى شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 2024 - يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.5 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2025 - يىلى، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 141 مىليارد 299 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، 2024 - يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.5 ئېشىپ، ئۇدا ئالتە يىل 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشقان.

2025 - يىلى، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 44 مىليارد 382 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، 2024 - يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.03 ئېشىپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %31.41ىنى ئىگىلەپ، يېڭى ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى. ئېكولوگىيە ئۈنۈمىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، بۇ، تەخمىنەن 13 مىليون 430 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى ئاز كۆيدۈرگەنگە، 36 مىليون 250 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر.

شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى ۋە غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى يەتكۈزۈش باشلىنىدىغان مۇھىم ئۆلكە. 2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 161 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، ئېلېكتىر تورى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %60ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى بەش لىنىيە ئىچىدە، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى توك مىقدارىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق كۈچ. 2025 - يىلى، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈشتىكى ئۈچ لىنىيەدە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى جەمئىي 127 مىليارد 546 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %90ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، سانجى − گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 69 مىليارد 871 مىليون كىلوۋات سائەت، قومۇلنىڭ جەنۇبى − جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 45 مىليارد 924 مىليون كىلوۋات سائەت بولدى.

2010 - يىلى شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى جەمئىي 1 تىرىليون كىلوۋات سائەتلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، سىرتقا يەتكۈزۈش دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.