تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر چۈشىنىش

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ساۋ جيايۆ، دۇڭ شۆ

1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق 18 باش ئەلچى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى، ئەلچىلەرنىڭ «ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇش»ىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلدى.

ئەلچى − دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئالاقە كۆۋرۈكى سالغۇچى، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلغۇچى. بۇ بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن، تۇرۇشلۇق دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك.

«بۈگۈنكى جۇڭگو قانداق، سىلەرنىڭ بەزىلىرىڭلارنىڭ كەلگىنىگە نەچچە ئاي بولدى، ھەممىڭلار چۈشىنىۋاتىسىلەر». رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا كېلىپ يېڭى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئەلچىلەرگە «ئەما كىشىنىڭ پىلنى سىلىشى» دېگەن تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: «ئەما كىشى پىلنىڭ بىر پۇتىنى سىلىسا، بۇ بىر تۈۋرۈك دەيدۇ؛ پىلنىڭ قورسىقىنى سىلىسا، بىر تام دەيدۇ. لېكىن بۇ ئەمەلىيەتتە مۇكەممەل پىل ئەمەس، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ جاينىڭ تەرەققىياتىمۇ تەكشى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەدەنىيىتىمۇ كۆپ خىل. ئۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىۋېرسال تەسىراتقا ئىگە بولۇپ، بىر ھەقىقىي جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك تونۇش كېرەك».

ئوبرازلىق ئوخشىتىش، جانلىق باياندىن ئەلچىلەر توختىماي بېشىنى لىڭشىتتى.

«جۇڭگونى چۈشىنىشتە، پەقەت بىر نۇقتا، بىر دائىرىگىلا قاراشقا بولمايدۇ، ئەما كىشىنىڭ پىلنى سىلىشىدەك ئىش قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.» 2014 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە گېرمانىيەلىك خەنشۇناسلار، كۇڭزى شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، «ئەما كىشىنىڭ پىلنى سىلىشى» دېگەن تەمسىلنى ئىشلىتىپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونى تونۇشتۇرۇشتا، ھەم خاسلىققا ئىگە جۇڭگونى تونۇشتۇرۇش، ھەم ئومۇميۈزلۈك جۇڭگونى تونۇشتۇرۇش كېرەك؛ ھەم قەدىمكى جۇڭگونى تونۇشتۇرۇش، ھەم ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونى تونۇشتۇرۇش كېرەك؛ ھەم جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تونۇشتۇرۇش، ھەم جۇڭگونىڭ ئادەملىرى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش كېرەك.

جۇڭگونىڭ تارىخى ئۇزاق، يەر كۆلىمى كەڭ، مەدەنىيىتى كۆپ خىل، تەرەققىياتى تېز، ئۆزگىرىشى چوڭقۇر بولۇپ، ھەرقانداق «ئەما كىشىنىڭ پىلنى سىلىشى»دەك قىسمەن كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كۆپرەك بېرىپ ئايلىنىپ، كۆرۈپ، «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ساداسىنى كۆپرەك ئاڭلاش، تارىختىكى جۇڭگو، ھازىرقى جۇڭگو، كەلگۈسىدىكى جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش» «جۇڭگونىڭ دەۋر قىياپىتى، تەرەققىيات يولى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈش»كە ئىلھاملاندۇردى.

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ بەردى، شۇنداقلا دۇنيانى بىر «پۇرسەت تىزىملىكى» بىلەن تەمىنلىدى. ئەلچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ كەلگۈسىدىكى جۇڭگوغا مۇنداق نەزەر سالدى: جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە يېڭى قۇۋۋەت قوشۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

كەڭ ئېچىۋېتىلگەن بۇ دەرۋازىدىن كىرىپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆپرەك ئايلىنىپ، كۆپرەك كۆرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى، موللۇقى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن قىياپىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلغاندا، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پۇرسىتىنى بايقاپ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇشقا دائىر تېخىمۇ كۆپ ھېكايىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى كۆرىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.