□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
چىرىكلىكنى بىر كۈن يىلتىزىدىن يوقاتمىغۇچە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2025 - يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، 2026 - يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، بىزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بايراق يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، ئىدىيە كۈچنى مۇجەسسەملىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى جاسارەت ۋە ئىرادە تولۇق نامايان قىلىنىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرە، شەخسىيەتسىز، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەيدىغان يۈكسەك مەنزىل، چوڭقۇر، سەمىمىي بولغان خەلقچىل ھېسسىيات، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىدىغان بۇرچنى زىممىگە ئېلىش تولۇق نامايان قىلىندى، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. چىرىكلىككە جەزمەن قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلىكنى جەزمەن تازىلاش، رەزىللىكنى تولۇق تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.
ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ساداقەتمەنلىك بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن قالتىس ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، بىز شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا يەنە يېڭى خىرىس ۋە ۋەزىپىگە دۇچ كېلىمىز، شىنجاڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر.
بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور، مەسئۇلىيەت ئېغىر. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان چىدامچانلىق ۋە قەتئىيلىك بىلەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىش كېرەك.
چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇشقا بولمايدىغان، شۇنداقلا قەتئىي غەلىبە قىلىدىغان زور كۈرەش. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە جەڭ قىلىش ئەۋرىشىملىكىنى ساقلاپ، كونكرېتلاشقان، دەل جايىدا بولغان، دائىملاشقان سىياسىي نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ھوقۇقنى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا تۈزۈم قەپىسىگە سولاش كېرەك؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقاش، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، ئۈنۈملۈك تۈزەش كېرەك؛ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىغا چىرىكلىكنى تەكشۈرىدىغان ئادەم بارلىقىنى، مەسىلىگە مەسئۇل بولىدىغان ئادەم بارلىقىنى، مەنپەئەتنى قوغدايدىغان ئادەم بارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
پارتىيە گۈللەنسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.
بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، ئالاھىدە سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە شەرەپلىك بۇرچ، ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىقتىدار جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، پاكلىق جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك.
پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر قەدەممۇ توختاپ قالماي، يېرىم قەدەممۇ يول قويماي، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.






