تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سەمىمىي ساداقىتى ئارقىلىق بۇرچنى ئادا قىلىش، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تاغ - دەريالارنى قوغداش

− 2025 - يىلىدىكى «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى» توغرىسىدا خاتىرە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى رېن چىنچىن

تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلگەندە بەزىلەر يول ئېغىزىدا قاتناشقا قوماندانلىق قىلىدۇ؛ قاراڭغۇ كېچىدە بەزىلەر يەنىلا ئېكراندا كۆرۈنۈپ تۇرغان سانلىق مەلۇماتلارغا تىكىلىپ تۇرىدۇ؛ قارلىق تاغ ئېتىكىدە، چۆل - باياۋاندا، دەريا - ئېقىنلار ئارىسىدا، كوچا - كويلاردا ... ئۇلار سەمىمىي ساداقىتى ئارقىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تاغ - دەريالارنى قوغداپ، ئوخشاش بىر ئىسىم − خەلق ساقچىسىنى پۈتمەكتە.

يېقىندا مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى بىرلىكتە 2025 - يىلىدىكى «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى»نى ئېلان قىلدى. 20 سەمىمىي ساداقەت ئىگىسى، بىر تىنچ - ئامان جۇڭگو.

چوڭقۇر يىلتىز تارتىش

قوغدىدى، چۈنكى ئايىغى ئاستىدىكى تۇپراقنى چوڭقۇر سۆيىدۇ.

دېڭىز يۈزىدىن 4300 مېتىر ئېگىزلىكتە سوغۇق شامال يۈزگە نەشتەردەك سانجىلاتتى. گەنسۇ ئۆلكىسى گەننەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جونى ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى نىبا ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى دەنجى داۋجيېنى چارۋىچىلار «ئادەن» دەپ چاقىرىشىدۇ. 10 يىلدا ئۇ ئۆزىنى چارۋىچىلىق رايونىنىڭ «تىرىك خەرىتىسى»گە ئايلاندۇردى، قېلىن قاردا قاپسىلىپ قالغان 92 ياشلىق كىشىنى يۈدۈپ چىقتى، ساياھەتچىنىڭ يىتتۈرۈپ قويغان توي ئۈزۈكىنى پاتقاق ئىچىدىن تېپىپ چىقتى. ئىشخانىغا لەۋھەلەر لىق ئېسىلغانىدى، ئۇ: «ئىشىڭىز بولسا ئادەننى ئىزدەڭ» دېگەن سۆزنى ئەڭ قەدىرلەيتتى.

سەھەر سائەت 4 يېرىمدا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى شىڭئەن ئايمىقى جالايت خوشۇنى گۇڭئەن ئىدارىسى تۇمۇجى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ئورمان گۇڭئەن ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى جىن لياڭ سۇلۇق يەرگە كىردى. نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇسلۇق قارلىق كېچىدە ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلارنى كۆزىتىپ، مۇزدەك پاتقاق ئىچىدىن قاپسىلىپ قالغان قىزىل قاشقىلىق تۇرنىنى قۇرۇق قول قۇتقۇزدى... ھەر كۈنى 30 مىڭ قەدەم ماڭغاندا، ئۇ ھاردىم دەپ ۋايساپ باقمىدى: «ئۇ جاي قانچىلىك يىراقتى، بىردەم ماڭساملا يېتىپ بارىمەن». بۈگۈنكى كۈندە، تۇمۇجىدىكى پەسىل قۇشلىرى 80 مىڭدىن 300 مىڭغا كۆپەيدى، بۇ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە ئىدى.

چۈەنجوۋ ۋوگزالىدىكى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئادەم ئېقىمى ئىچىدە، نەنچاڭ تۆمۈريول گۇڭئەن ئىدارىسى چۈەنجوۋ ۋوگزالى ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى لىن فاڭدېنىڭ سىيماسىنى ھەمىشە ئەڭ ئالدىراش جايلاردا كۆرگىلى بولاتتى. «دۇنيا مىراسى چۈەنجوۋ»دىكى يولۇچىلار ئېقىمى تېز كۆپەيدى، ئۇ باشقۇرۇش قالايمىقان بولۇشتىن ئىبارەت قىيىن ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، كۆپ تارماقلارنىڭ كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، ۋوگزال ئەتراپىنىڭ ئامانلىق مۇھىتىنى داۋاملىق ساپلاشتۇردى. قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلدە، «ئۆتەڭ يولىدىكى بالىلار سەپىرى»دە يالغۇز كېتىۋاتقان بالىلارنى قوغداپ ئاپىرىپ قويدى؛ باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، «خەيسى ئامانلىق ئۆتىڭى»دە ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ، تالاش - تارتىشلارنى تۈگەتتى، ئادەم ۋە نەرسە ئىزدىدى؛ بارلىق مۇكاپات پۇلىنى ئىئانە قىلىپ «مېھىر - شەپقەت فوندى» تەسىس قىلىپ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىپ ئۆيىگە قايتىشىغا ياردەم بەردى... ئۇ 27 يىلدا 153 كىلومېتىر كېلىدىغان تۆمۈريول لىنىيەسىنى قوغداپ، بىر ئاساسىي قاتلام ساقچىخانىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە «فېڭچياۋچە گۇڭئەن ساقچىخانىسى» بولۇپ يېتىلىشىگە گۇۋاھ بولدى.

«مېيگۇڭخې دەرياسى! مەن ئۇنىڭ دولقۇنىنى، ئەگمىسىنى، مىجەزىنى بىلىمەن، مەن ئۇنى بىر ئۆمۈر قوغداشقا رازى.» يۈننەن ئۆلكىلىك گۇڭئەن نازارىتى سۇ ئۈستى چارلاش باش ئەترىتى پاراخوت تارماق ئەترىتى 1 - چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى تەن جيەنخۇا 27 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر دەريانى چۈشىنىپ، 15 يىل بىر تەرەپنىڭ تىنچلىقىنى قوغدىدى.

پورەكلەپ ئېچىلىش

چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، يۇقىرىغا قاراپ ئۆسۈپ پورەكلەپ ئېچىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. يېڭى مەزگىلدىكى ئاساسىي قاتلام ساقچى ئىشلىرىدا، بۇ خىل پورەكلەپ ئېچىلىش كەسىپ ۋە ئەقىل - پاراسەتنىڭ نۇرىنى چاقناتتى.

قىرىپ چىقىرىلغان ئىز ۋە پارچىلار بىلەن تولغان قاتناش ھادىسىسى نەق مەيدانى بېيجىڭ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش باش ئەترىتى ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تارماق ئەترىتى ھادىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى جاڭ لېينىڭ «جەڭ مەيدانى». چىڭخۇا داشۆنىڭ بۇ دوكتۇر ئاشتىسى بىر تامچە قان ئىزىدىن ھادىسىنىڭ يۈزبېرىش سەۋەبىنى تېپىپ چىقتى؛ ئۈچ ئۆلچەملىك تەسۋىر كۆچۈرۈش، سىن ئارقىلىق تېز ئۆلچەشنى كىرگۈزۈپ، مۇرەككەپ قاتناش ھادىسىسى نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈشنى بىرنەچچە سائەتتىن 12 مىنۇتقا قىسقارتتى. 2014 - يىلى ئۆپكە راكى ئوپېراتسىيەسىدە ئۆپكىسىنىڭ بىر قىسمى كېسىپ ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ بىرىنچى سەپكە قايتىشتا چىڭ تۇردى: «پەن تەتقىقات ئەمەلىي جەڭدە يىلتىز تارتقاندىلا، ئاندىن ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ».

تەجرىبىخانىدا، سەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى جىنايى ئىشلار پەن - تېخنىكا تارماق ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى رېن فېي ئېلېمېنتلار دۇنياسىدىن يامان ئادەملەرنى «تۇتىدۇ». ئۇ بىر ۋاق ساماۋەر شورپىسىدىن ئىلھام ئېلىپ، «لازا ئىشقارىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى»نى ئىجاد قىلىپ، يۇندى ياغنى تەكشۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ تېز تەكشۈرۈش قەغىزىنى تەتقىق قىلىپ، ھوشسىزلاندۇرۇپ باسقۇنچىلىق قىلىش دورىسىغا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرمىدى؛ ساختا دورىلار ئارىسىدىن قانۇنسىز خۇرۇچلارنى تېپىپ چىقىپ، پۇقرالارنىڭ «يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى»نى قوغدىدى. «جىنايى ئىشلار تېخنىكىسىدا قىلدىن قىيىق كەتسە، ھەقىقىي ئەھۋالنى قەتئىي بىلگىلى بولمايدۇ.» ئۇ كەسىپچانلىقى ئارقىلىق، سۈكۈتكە چۆمگەن ماددىي ئىسپاتلارنىڭ ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭراتقۇزدى.

38 يىل دېڭىز ئۈستى سانلىق مەلۇمات تورىنى توقۇدى، «يى گۇيپىڭ تېخنىكىلىق ئۇرۇش ئۇسۇلى»نى ئىجاد قىلدى، گۇاڭجوۋ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى خۇاڭپۇ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 1 - ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى يى گۇيپىڭ بىپايان دېڭىزدىكى پاراخوتلارنىڭ خەۋەرلىشىش جەريانىدىن يىپ ئۇچىنى تۇتۇپ، «ئاقىل چېگرا تەكشۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزدى. ئۇ بىر گۇمانلىق كېمىگە چىڭ قادىلىپ، كېچىچە كىرپىك قاقمىدى؛ بىر ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى پاش قىلىش ئۈچۈن، ئۇ 270 كۈن ئىز قوغلىدى. پېنسىيەگە چىقىش ئالدىدا، ئۇ «تور توقۇش تېخنىكىسى»نى شاگىرتلىرىغا ئۆگىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى: «تېخىمۇ كۆپ يېڭى كۈچلەر ئۆسۈپ يېتىلسە، دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ مۇداپىئە سېپى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ».

28 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى پەن - تېخنىكىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماق ئەترىتى 3 - چوڭ ئەترىتىنىڭ سابىق خەلق ساقچىسى ۋەن سۇڭ كود، مودېلغا ھەمراھ بولدى. باشقىلارنىڭ نەزەرىدە مەنىسىز تۇيۇلىدىغان سانلىق مەلۇماتلار ئۇنىڭ قولىدا دېلو پاش قىلىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشىرىگە ئايلاندى. 2025 - يىلى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئۇدا 48 سائەت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، 50 ياشلىق ۋەن سۇڭ ئىشخانىسىدا يىقىلىپ قالدى. قۇربان بولۇشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كېچىدە ئۇ خوتۇنىغا: «مەن ئوغلۇمنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بولغاندىن كېيىن، قايتىپ كېلىپ قاچىلارنى يۇيۇۋېتەي» دېگەنىدى. مانا مۇشۇ ئادەتتىكى بىر ئېغىز ۋەدە ئەڭ ئازابلىق مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىش بولۇپ قالدى.

بىللە ياشاش

ئەڭ چىدامچانلىق كۈچى ئەڭ مۇلايىم ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

ئىلگىرى شەرەپ بىلەن 1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن قارا - رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش قەھرىمانى بۈگۈنكى كۈندە ئازغان ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھىرى جياشەن ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى شىتاڭ ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى سۇڭ ليۇفېڭ باشلامچىلىق بىلەن «ساقچى دادا قوغداش كوللېكتىپى» ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمەت ئىشخانىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، شىتاڭ مەنزىرە رايونىدا «بالىلار بىخەتەرلىك ئۆتىڭى» بەرپا قىلىپ، مېھىر - مۇھەببىتى ۋە سەۋرچانلىقى بىلەن بالىلارنىڭ قەلب دەرۋازىسىنى ئاچتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ بالىلار «سۇڭ دادا»سىنى دائىم كۆرگىلى كېلىدۇ. مېھىر - مۇھەببەت نۇرى قويۇق تۇماننى تارقىتىۋەتتى.

يېرىم كېچىدە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ سۇجوۋ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتى ئەنئەنىۋى بولغان مال - مۈلۈككە دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتى رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈي خۇي ئېكراندىكى بىر بالىنىڭ 35 يىل ئىلگىرىكى رەڭسىز سۈرىتىگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇ، بىر ئانىنىڭ يېرىم ئۆمۈرلۈك كۆز يېشى ئىدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئالداپ كېتىلگەن بالا لى شياۋكې ئانىسى بىلەن ئۆزئارا تونۇشلۇق بېرىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى. «بىزنىڭ قوغلىغىنىمىز قاچقۇن ئەمەس، بەلكى ئوغرىلاپ كېتىلگەن كىشىلىك ھايات.» ئۇ «يۈرۈشلۈك چىراي تونۇتۇش ئارقىلىق دەلىللەش ئۇسۇلى»نى ئىجاد قىلدى، «كۆپ مەنبەلىك سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق قوغلاپ تۇتۇش مودېلى»نى بەرپا قىلىپ، بىرقانچە يىلدىن بۇيان قاچقۇنلارغا ھۆكۈم قىلىش، قوغلاپ تۇتۇش جەريانىدا نۇرغۇن قېتىملىق جەڭدە كۆپ قېتىم غەلىبە قىلدى.

14 سېكۇنت دەل شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى زەربىدار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۇڭ چىڭگاڭنىڭ ئوغرىلىقتىن ساقلىنىشتىكى A دەرىجىلىك ئىشىكنى ئېچىۋېتەلەيدىغان ۋاقتى. بۇ سۈرئەت جاپالىق ئەجىردە تاۋلىنىپ چىققان. ئۇ ئىلگىرى قارلىق كېچىدە قاراقچىلار ئۇۋىسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، تار ئۆڭكۈر ئىچىدە پىچاق تۇتقان ياۋۇز قاراقچىلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقان؛ ئىلگىرى يەنە ئاۋازسىز ھالەتتە ئىشىكنى بۇزۇپ، زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ مىلتىقى ئاستىدا تۇرۇپمۇ ھاياتلىق پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەن. جېنىدىن تويغان ياش ئانىغا قاراپ ئۇ «بالىڭىزنى قايتا بىر قېتىم كۆرۈۋالغىڭىز يوقمۇ» دېگەن بىر جۈملە سۆز بىلەن، ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان ئىشەنچىنى قوغداپ قالغان.

قاراڭغۇ ۋە چوڭقۇر ئۆڭكۈردە، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بەيسې شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئامانلىق باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ سۇ ئۈستى ۋەزىپە ئۆتەش ۋە ئاۋىياتسىيە ساقچى ئىشلىرى چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى يەن مىڭ سۇغا شۇڭغۇش جابدۇقلىرىنى يۈدۈپ، كۆرۈنۈش دەرىجىسى ئاساسەن نۆل بولغان، سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇقتا، ئون نەچچە سائەت قاپسىلىپ قالغان ئىلمىي تەكشۈرۈش خادىملىرىنى بىخەتەر ئېلىپ چىقتى. «بىز خەلق ساقچىسى، سىزنى چوقۇم ئېلىپ چىقىپ كېتىمىز!» ئۈمىدسىزلىك ھاڭىغا نۇر چۈشتى.

ھۆرمەت بىلدۈرۈش

ئۇلار شۇنچە ئوخشىمايدۇ، لېكىن يەنە شۇ قەدەر ئوخشاشلىقلار بار.

ئوخشاش بىر يول ئېغىزىدا، تيەنجىن شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش باش ئەترىتى خېشى قاتناش باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى دۇڭفېڭلى چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى ليەن جيې بىر تۇرغىنىچە 12 يىل تۇردى، ئۈچ چى كېلىدىغان ئىش ئورنى پەشتىقىنى «ئۆيى»گە ئايلاندۇردى؛ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خۇيجوۋ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئۇچۇر ئالاقىسى پەن - تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لياۋ تيەنخۇڭ كود ئارقىلىق تۇغقان ئىزدەش سۇپىسى قۇرۇپ، پۇچىلانغان 2000دىن ئارتۇق ئائىلىنى قايتا جەم بولۇشتىن بەھرىمەن قىلدى؛ ھەربىي گازارمىدىن ساقچى گازارمىسىغىچە، جياڭشى ئۆلكىسى يىڭتەن شەھىرى گۇيشى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى خۇايۈەن ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ۋېڭ خۇڭخۇا مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىدە ئەڭ ئىشەنچلىك «ئائىلە ئەزاسى» ۋە «قوغدىغۇچى»؛ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش سىنىنى ئىشلەپ، ئايرىلىپ كەتكەن ئائىلىلەرگە ۋاسىتىچى بولغان، لياۋنىڭ ئۆلكىسى خۇلۇداۋ شەھىرىنىڭ سۈيجۇڭ ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېڭ جىڭنىڭ مۇھەببىتى ئالقانچىلىك ئېكراننىڭ ئارىلىقىدا، شۇنداقلا بىپايان تۇپراقتا.

14 يىللىق ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش يولىدا، خەيكوۋ تاموژنىسى ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش ئىدارىسى باسو تاموژنىسى ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش شۆبە ئىدارىسى رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پېڭ زېدۇڭ باشتىن - ئاخىر ئاتاكىدا ئەڭ ئالدىدا ماڭدى، ئەڭ تەس دېلولارنى ئۇ بېجىردى، ئەڭ قىيىن مەسىلىنى ئۇ ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلدى؛ ئېگىزلىكتە تېخنىكىدا قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا، چىڭخەي ئۆلكىسى خەيدۇڭ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئۇچۇر قوماندانلىق مەركىزى بىرىكمە ئۇچۇر چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى چېن شاۋجۈن ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش سىستېمىسىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ «ھەميېنى»نى مەھكەم قوغدىدى؛ خەلق ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن 22 دەپتەرگە چۆلگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت لىق تولدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى تارلاق يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ جياۋداۋيۈەنى جۈمە ئابلىزنىڭ بەدىنىنىڭ سەككىز يېرىدە تاتۇق بولۇپ، بىر ئۆمۈر ئۆكۈنمەسلىكىدىكى ئوردېن ئىدى؛ دىڭرىدىكى يەر تەۋرەش خارابىلىكىدە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى رېكازې شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ ياڭنىڭ خىش - كېسەك پارچىلىرىنى قۇرۇق قول بىر چەتكە ئېلىۋېتىپ قويلارنى قۇتقۇزۇپ چىققانلىقى ئاپەتكە ئۇچرىغان «ئاجيا»نىڭ زىيىنىنى بىر ئاز بولسىمۇ ئازايتىش ئۈچۈن ئىدى.

ئۇلار تۇغۇلۇشىدىنلا قورقماس ئەمەس، ئۇلارنىڭمۇ ئاجىزلىقى بار، چارچايدۇ. تېلېفوندا ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئائىلىسىدىكىلەرگە جاۋ ياڭ: «بۇ جاينىڭ ئاسمىنى كۆك، بۇلۇتى ئاق، ھېچنېمە كەم ئەمەس» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى قىلىپلا، ئارقىغا بۇرۇلۇپ يەنە قار - شىۋىرغانلىق چارلاش يولىغا ئاتلاندى؛ ناھايىتى ئاز ھەمراھ بولۇش ۋېڭ خۇڭخۇانىڭ قىزىنى نارازى قىلاتتى: «مەن سىزنىڭ مەھەللە ئاھالىسى بولۇشىڭىزنى خالايمەن»... دەل مۇشۇ ھەقىقىي ئاجىزلىق ۋە تاللاش تەۋرەنمەس چىدامچانلىقنى جۇلالاندۇردى.

كاتتا شۆھرەت قوغلاشماي، تاكى كىشىلەر ئارىسىدا تىنچ - ئامانلىق ئورمىنى، ئىشەنچ ئابىدىسى بارلىققا كەلگۈچە كەڭ تۇپراقنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتىشنى خالىدى. ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرىغا ئېھتىرام! سىلەر بولغاچقا، تىنچ - ئامانلىق بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.