«باشقا تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ھەيدەش ئۈچۈن، ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي. 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى شوپۇرلارنى باشقۇرۇش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئىمتىھان ئالغۇچىسى چېن جىخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل (C2) ھەيدەش كىنىشكىسى بارلار كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل (C1) ھەيدەش كىنىشكىسى تىپىغا ئۆرلىتىشنى ئىلتىماس قىلسا، شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ 2-، 3-تۈرىدىن ئىمتىھان بېرىدۇ.
چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى (A1)\شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسى (A3)\ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى (B1)\چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى (B2)\كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل (C1)\كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل (C2) ھەيدەش كىنىشكىسى بارلار يېنىك تىپتىكى سۆرىگۈچى پىرىتسېپ (C6) ھەيدەش كىنىشكىسى تىپىغا ئۆرلىتىشنى ئىلتىماس قىلسا، شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ 2-، 3-تۈرىدىن ۋە بىخەتەر، مەدەنىي ھەيدەش ساۋاتلىرىدىن ئىمتىھان بېرىدۇ.
چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى (A1)\ ئېغىر تىپتىكى سۆرىگۈچى پىرىتسېپ (A2)\شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسى (A3)\ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى (B1)\چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى (B2)\كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل (C1)\كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل (C2) ھەيدىگۈچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، قولىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىدە رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپى شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن، لېكىن مېيىپلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپى (C5) شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلغانلار شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ 2-، 3-تۈرىدىن ئىمتىھان بېرىدۇ.
چېن جىخۇي مۇنداق دېدى: دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، 3-تۈر ئىمتىھانى يولدا ھەيدەش ماھارىتى ۋە بىخەتەر، مەدەنىي ھەيدەش ساۋاتلىرىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.
«شىنجاڭ 949 قاتناش رادىيوسى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






