تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يىل ئاخىرىدىكى خۇلاسە | «سۈرەتتىكى شىنجاڭ» يىللىق ئالبومى، بۇ يەردە قەلبىڭىزنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئەسلىمىلەر بارمۇ

  2025-يىلىدىكى تۇنجى رومانتىكىلىق سامانيولىدىن كەلگەن، 2025-يىلىدىكى تۇنجى ئاقار يۇلتۇز كېچە ئاسمىنىنى كېسىپ ئۆتكەندىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىشى كۆز ئالدىمىزدا ئاجايىپ گۈزەل بىر پارچە مەنزىرە بولۇپ يېيىلدى.

  بىز ئاق قۇلارنىڭ قىشتا ئاقسۇدىكى مۇز يۈزىنى يېرىپ ئۈزگەنلىكىنى، تاشلارنىڭ تولىدىكى تاغ جىلغىسىدا رەڭدار «مەڭگۈ سۇلماس گۈل» بولۇپ ئېچىلغىنىنى كۆرگەن. بىز لوپنۇر كۆلىنىڭ ھاياتلىق چەكلەنگەن رايوندىن قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىپ زۇمرەتتەك دولقۇنلار جىمىرلاپ تۇرغان گۈزەل جايغا ئايلانغانلىقىنى كۆردۇق، بىز يەنە ناراتتىكى ئۆرۈك چېچەكلىرى «يامغۇرى»دىكى تاساددىپىي ئۇچرىشىشتىن مەستخۇش بولدۇق.

  5-ئايدىكى يامغۇر، ئۈرۈمچى ئاسمىنىنى پاكىز يۇيۇپلا قالماي، جامبۇلاقتىكى بۇغداي باشاقلىرىنى يېشىل رەڭگە كىرگۈزدى؛ تومۇز يازدىكى باغراش كۆلىدە، سۇ دولقۇنلىرى ئالتۇن رەڭلىك قۇملار بىلەن بىرلىكتە گۈزەل سىمفونىيەنى ياڭراتتى؛ كۈز شامىلى سىيپاپ ئۆتۈپ، قۇملۇقتىكى توغراقلار ئالتۇن ساۋۇت كىيگەندە، ھەربىر تال يوپۇرماق خۇددى ھاياتلىقنىڭ شانلىق ۋە ئۆچمەس نۇرىنى چاقنىتاتتى.

  يىل ئاخىرىدا، قىروۋلار تۈمەن چاقىرىملىق تاغ باغرىنى كۈمۈش رەڭگە كىرگۈزگەندىلا، بىز شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىنىڭ بىر مەيدان پاكلىق بىلەن پۈتۈلگەن كاتتا مەرىكە ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق.

  بىز تۆت پەسىلنىڭ ئاجايىپ گۈزەل ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مىنۇتلىرىنى، «سۈرەتتىكى شىنجاڭ»دىكى ۋاقىت كالىندارىغا كىرگۈزدۇق. 2026-يىلى، «سۈرەتتىكى شىنجاڭ» يەنىلا سىز بىلەن بىللە تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ ھەيۋەتلىك، تېخىمۇ نازۇك شىنجاڭ بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

«学习强国»دىن ئېلىپ تەرجىمنە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.