1-ئاينىڭ 9-كۈنى، تاڭ ئەمدىلا يورۇغانىدى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى جىنخۇياڭ تاماقخانىسىنىڭ 3-قەۋىتى غىزالانغىلى كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولدى. «مەكتەپ بىر يۈەنلىك ناشتىلىقنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ھەر كۈنى مۇشۇ ۋاقىتتا ئادەم كۆپىيىپ كېتىدۇ.» ئاشپەز ئۇستام ما چېڭ ئوقۇغۇچىلارغا تاماق ئۇسۇپ بېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، قولىدىكى چۆمۈچ بىلەن توختىماي تاماق ئۇسۇۋاتاتتى.
بىر كىشىلىك گۆشلۈك ۋە گۆشسىز قورۇما، بىر قاچا قوناق ئۇمىچى، بىر تۇخۇم، بىر خۇاجەر... پەقەت بىر يۈەن، بۇ، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويغان «بىر يۈەنلىك رىغبەت تامىقى» ئىدى.

ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى «بىر يۈەنلىك رىغبەت تامىقى» كۆزنىكىدىن تاماق ئالماقتا.
مەنبە: شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى
«رىغبەت تامىقى يولغا قويۇلغان ۋاقىت دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش ۋە مەۋسۇملۈك ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش باسقۇچىغا توغرا كەلدى، بىز بۇ مېھىر-مۇھەببەت ناشتىلىقى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى سەھەر تۇرۇپ ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ساغلام تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى ئارقا سەپ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى (ئاساسىي قۇرۇلۇش ئىشخانىسى)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ يۇڭتېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ ناشتىلىقنى مەكتەپ پەرقلىق سوممىلىق ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەر بىر كىشىلىكى تەخمىنەن بەش يۈەنلىك ئوزۇقلۇق يۈرۈشلۈك تامىقى ئۆلچىمى بويىچە تەمىنلىنىدۇ، ھەم ئوزۇقلۇقنىڭ تەكشى ماسلاشقان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، ھەم ئوقۇغۇچىلار تويغۇدەك، ياخشى غىزالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ.
«بىر يۈەنلىك رىغبەت تامىقى»نىڭ باشلىنىش ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 7:30دىن 8:30غىچە بولۇپ، يولغا قويۇلغان بىر ئايدىن بۇيان، مۇشۇ ۋاقىتتا تاماق يەيدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى شۈ ئاۋرەن ھەر كۈنى دېگۈدەك ياتاقداشلىرى بىلەن بىللە بۇ يەردە داكا قىلىشقا ۋەدىلەشتى. «بىر يۈەنلىك ناشتىلىق ناھايىتى ئىللىق، بىز مەكتەپنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىمىز. مەكتەپ كۆپچىلىكنى بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، بىزنى تېخىمۇ ياخشى ھالەتتە ئۆگىنىش ۋە چېنىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى شۈ ئاۋرەن.
شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى يولغا قويغان «بىر يۈەنلىك رىغبەت تامىقى» تۇخۇم، خۇڭشۇ، كىچىك تەخسىلىك سوغۇق سەي، قوناق ئۇمىچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى
بۇ ئىللىقلىقنىڭ ئارقىسىغا شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ چىن ھېسسىياتقا تولغان «قوغدىغۇچىلىق قەلبى» مۇجەسسەملەنگەن. سەھەردىكى بۇ ئىللىقلىقتىن باشقا، ئىلگىرى مەكتەپنىڭ ئارقا سەپ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى يەنە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش تۈرىگە قاتناشقان 40 نەچچە ئوقۇغۇچىنى بىر كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تاماقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تامىقى» بىلەن تەمىنلىگەن.
مەكتەپ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياردەم بېرىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاشخانىنىڭ ئىستېمال سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ھەر قېتىملىق تاماق ئىستېمال سەۋىيەسى داۋاملىق تۆۋەن بولغان ئوقۇغۇچىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پەرقلەندۈردى، ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى كۈتمەيلا، مەكتەپ تاماق ياردەم پۇلىنى بىۋاسىتە ئۇلارنىڭ تاماق كارتىسىغا ئۇرۇپ بەردى. بۇلتۇردىن بۇيان، 638 ئوقۇغۇچى بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق جەمئىي 236 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپتىكى مەزگىلىدە يېمەك-ئىچمەكتىن غەم قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى.
بۇنىڭدىن باشقا، ھەر يىلى زىمىستان قىش يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى قىشلىق كىيىم-كېچەكلەرنى ئېھتىياجلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاستە يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى 10 نەچچە يىل داۋاملىشىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى قاپلىدى.
«بىز تۈرلۈك ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈرلىرى بويىچە، سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، خاسلىقنى ماسلاشتۇرۇش، شەخسىيەتكە ھۆرمەت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ھەقىقىي، تەخىرسىز ئېھتىياجىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، <ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش> بىلەن <ئادەم تەربىيەلەش>نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردۇق.» شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى چىن بو مۇنداق دېدى: بۇ خىل ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئۇسۇللىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى دەل جايىدا ھەل قىلىپلا قالماي، ئوقۇش كاپالىتىنىڭ تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىنى تېخىمۇ يەتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلانى ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش پەزىلىتىنى تۇرغۇزۇشقا، ئارزۇسىنى دادىل ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






