تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى!

يېقىندا

ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا

قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ

ئالدامچىلىق قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ قېتىم يۈزبەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئىنكاسنى تاپشۇرۇۋالدى

بۇنىڭغا قارىتا

1-ئاينىڭ 14-كۈنى

شىنجاڭ داۋالىنىش كاپالىتى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلدى

كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە 

ئۇقتۇرۇش

    يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش ۋەقەسى كۆپ قېتىم يۈزبەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئىنكاسنى تاپشۇرۇۋالدى. ئالدامچى ئۇنسۇرلار قىسقا ئۇچۇر ياكى تېلېفون ئارقىلىق «ناھايىتى ئاز پۇل تاپشۇرۇپلا دۆلەت داۋالىنىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ» دېگەن ئۇچۇرنى تارقىتىپ، «ئادەم سانى چەكلىك» «پۇل تاپشۇرمىسا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ» دەپ يالغان ئېيتىپ، بۇ ئارقىلىق سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنى ۋىيشىن ھېسابات نومۇرىنى قوشۇپ ھېساب يۆتكەشكە قىزىقتۇرغان.

    ​ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى بۇ يەردە سۇغۇرتىغا قاتناشقان كەڭ ئاممىغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى بىردەك ھۆكۈمەت تەرەپ يولى ئارقىلىق ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما بىلەن شەخسىي تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر ياكى جەمئىيەت ئالاقە يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ ھېساب يۆتكەش ياكى سەزگۈر ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەگەر گۇمانلىق ئۇلانما ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇرنى، چىراي تونۇتۇشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا يولۇقسىڭىز، جەزمەن مەشغۇلاتنى دەرھال توختىتىڭ ھەمدە ۋاقتىدا ھەرقايسى جايلاردىكى داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرىنىڭ مەسلىھەت سوراش تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون بېرىپ مەسلىھەت سوراپ، ئۆزىڭىزنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىڭىزنى ياخشى قوغداڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.