تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

قىشلىق تەتىلدە نېمە قىلىسىز؟ ياش-ئۆسمۈرلەر پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە بۇ 235 ئىش ئورنىنى كۆرۈپ بېقىڭ!

2026-يىللىق قىشلىق تەتىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىرلەشمىسى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى

جەمئىيەتكە ياش-ئۆسمۈرلەر پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىش ئورنىدىن 235نى ئاشكارا ئېلان قىلىپ

پۈتۈن شەھەردىكى ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلەرنى پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە پائال ئاتلىنىپ

ئەمەلىيەت داۋامىدا جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش، چېنىقىپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە چاقىرىق قىلدى

  بۇ قېتىمقى پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى 2026-يىل 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە بولىدۇ. مۇلازىمەت ئورنى پۈتۈن شەھەردىكى ئاساسلىق سودا ساراي، مەھەللە، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى قاتارلىق كۆپ خىل ئاممىۋى سورۇنلارنى قاپلىدى. مۇلازىمەت مەزمۇنى كەڭ بولۇپ، ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇپ، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، دەرس يېتەكچىلىكى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى قويۇش، قانۇن-سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، بىخەتەرلىك تەربىيەسى ۋە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى پىلانلاش قاتارلىق كۆپ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ياش-ئۆسمۈرلەرنى كۆپ خىللاشقان، ئەھمىيەتلىك جەمئىيەت ئەمەلىيىتى سۇپىسى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.

  تىزىملىتىش خىزمىتى شۇ كۈنى باشلىنىدۇ. قاتنىشىشنى خالايدىغانلار تېلېفون ياكى نەق مەيداندا تىزىملىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىرلەشمىسى يەنە تەپسىلىي ئىش ئورنى ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى ئېلان قىلدى: پىدائىيلار ماقالىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككىلىك كودنى ساۋما قىلىپ، كونكرېت ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇشى، مۇلازىمەت ئورنى، مەزمۇنى ۋە مۇناسىپ ئالاقىلاشقۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ چىقىپ، مۇۋاپىق ئىش ئورنىنى تاللىغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.

  تىزىملىتىش شەرتى: جەزمەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان، ئوقۇۋاتقان ياكى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولۇشى؛ ياخشى ئىدىيەۋى-سىياسىي ساپا ۋە ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارنى ھازىرلىغان بولۇشى، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان بولۇشى، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشى، جاپا-مۇشەققەتكە چىدايدىغان ھەم مۇلازىمەت مەزگىلىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاكتىپ ماسلىشالايدىغان بولۇشى كېرەك. پائالىيەتتە ئىختىيارىي قاتنىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ، پىدائىيلار ئۆزىنىڭ ۋاقتىغا ئاساسەن بىر ياكى بىرقانچە تۈرگە قاتنىشىشنى جانلىق تاللىسا بولىدۇ، پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى تەرەپ مەجبۇرىي ئەۋەتسە ياكى ئىش ئورنى سىرتىدىكى ۋەزىپىنى قوشۇمچە قىلسا بولمايدۇ.

  مۇلازىمەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شارائىتى بار ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن پىدائىيلارنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىگە ئاساسەن، ئۇلارنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىسپاتى ياكى خىزمىتىنى باھالاش قاتارلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ.

  شەھەرلىك پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىرلەشمىسىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئىش ئورنىنى مەركەزلىك ئېلان قىلىشتا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئۇلارنى جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈشكە يېتەكلەپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «تۆھپە قوشۇش، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئىلگىرىلەش»تەك پىدائىيلار مۇلازىمىتى كەيپىياتىنى يەنىمۇ يارىتىش مەقسەت قىلىنغان.

«ئۈرۈمچى نۆل ئارىلىق» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.