تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئونسۇ: مىڭ يىللىق تارىخىي داستان «ماناس»نىڭ يېڭى قاپىيەسى

1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ قىرغىز يېزىسى ئاقبۇلاق كەنتى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە، خەلق سەنئەتكارلىرى نومۇر تەييارلىماقتا.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى) 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى بوزدۆڭ قىرغىز يېزىسى ئاقبۇلاق كەنتى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە، جاراڭلىق قومۇز مۇزىكىسى ۋە ياڭراق ناخشا ساداسى گىرەلىشىپ ئەتراپنى جانلاندۇرۇۋەتكەنىدى، شۇ جايدىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ئامما ۋە ساياھەتچىلەرگە قىرغىزلارنىڭ قەھرىمانلىق تارىخىي داستانى «ماناس»دىن ئارىيە ئورۇنلاپ بەردى. جۇشقۇن مېلودىيە، چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان ناخشا، قاينام-تاشقىنلىققا تولغان قەھرىمانلىق رىۋايىتىنى كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلدى.

   جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈچ چوڭ تارىخىي داستانىنىڭ بىرى بولغان «ماناس»قا قىرغىزلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە روھى مۇجەسسەملەنگەن. بوزدۆڭ يېزىسىنىڭ «ماناس» داستانى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئەنئەنىۋى تەمبۇر بىلەن قومۇز تەڭكەش قىلىنىپ، كۆپ ئادەم بىرلىشىپ ئېيتىش شەكلى قوللىنىلغان، ئېيتىش مەزمۇنى ھەم ئەنئەنىۋى تېكىستنىڭ يادرولۇق قان تومۇرىغا ئەمەل قىلىنغان، ھەم سەنئەتكارلارنىڭ ئىلھامى بىلەن ئىجاد قىلىنىپ، قەدىمىي تارىخىي داستان ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ جانلىق نۇر چاچقان.

1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ قىرغىز يېزىسى ئاقبۇلاق كەنتى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە، خەلق سەنئەتكارلىرى «ماناس»نى ئېيتماقتا.

   بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسىنى ياخشى قوغداش ئۈچۈن، 2022-يىلى بوزدۆڭ يېزىسى ماناس ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇن قويۇش ئۆمىكى سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئەسلىدىكى قوشۇن ئاساسىدا خادىملار كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قېلىپلاشتۇردى ھەمدە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىرىنى مەركەزلىك تەربىيەلەشكە تەكلىپ قىلدى. ناخشا ئېيتىش ماھارىتىدىن سەھنە ئىپادىسىگىچە، ئۇسسۇل ئىشلەش لايىھەسىدىن رىتىمىنى كونترول قىلىشقىچە، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ھەر تەرەپلىمە يېتەكچىلىك قىلدى، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغان 26 خەلق سەنئەتكارى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ، ئويۇن قويۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ قىرغىز يېزىسى ئاقبۇلاق كەنتى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە، خەلق سەنئەتكارلىرى «ماناس»نى ئېيتماقتا.

   بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئويۇن قويۇش ئۆمىكى شۇ جايدىكى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈشتىكى يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى. ئۇلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تەكلىپكە بىنائەن ئونسۇ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى، بوزدۆڭ يېزىسى ئاقبۇلاق كەنتى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق سورۇنلاردا ئويۇن قويۇپ، شۇ جايدىكى ئامما ۋە ساياھەتچىلەرگە قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى، شۇنداقلا «ماناس»نىڭ نامىنى تېخىمۇ يىراققا تارقاتتى.

1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ قىرغىز يېزىسى ئاقبۇلاق كەنتى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە، خەلق سەنئەتكارلىرى ساياھەتچىلەرگە «ماناس» داستانىنى ئورۇنلاپ بەرمەكتە.

1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى بوزدۆڭ قىرغىز يېزىسى ئاقبۇلاق كەنتى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە، خەلق سەنئەتكارلىرى نومۇر تەييارلىماقتا.

1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ قىرغىز يېزىسى ئاقبۇلاق كەنتىدىكى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە، خەلق سەنئەتكارلىرى ئويۇن قويۇشتىن ئىلگىرى ساز تاللىماقتا.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.