تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن قەتئىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«چىرىكلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى توسالغۇ، پۇتلىكاشاڭ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇشقا بولمايدىغان، شۇنداقلا قەتئىي غەلىبە قىلىدىغان زور كۈرەش.» 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى، ۋەزىپىسى ھەم باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن قەتئىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، «مىڭلىغان كىشىنى رەنجىتسەكمۇ مەيلىكى، 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويساق بولمايدۇ» دېگەن بۇرچ، مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئىللەتنى تۈگىتىپ قالايمىقانچىلىقنى تۈزەپ، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قەتئىي يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، «يولۋاسنى يوقىتىش» «چىۋىن پالاقلاش» «تۈلكە ئوۋلاش»قا كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىدىغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقتى.

خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، چىرىگەن مۇسكۇلنى ئېلىۋېتىپ، ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردۇق، پارتىيەنىڭ بارلىق خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردۇق. پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا مۇشۇنداق قىلالايدۇ، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى غەلىبە قازىنىش يولى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا قەتئىي مېڭىشىمىز كېرەك.

«پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قانچە ئۈنۈملۈك بولغانسېرى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈش شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.» يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات زىچ باغلىنىشلىق، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاھىل ئىللەتلەرنى تۈزىتىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، خەلق رايى، خەلق كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز ئاكتىپ كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.

«ھازىر، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر.» بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىككى يەنىلا»دىن ئىبارەت مۇھىم ھۆكۈمنى قايتا تەكىتلەپ، «يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاش» «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش» «بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئۇسۇل، يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، چېتىلىدىغان مەنپەئەت بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىدۇ، خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك قىلمىشلىرىنىڭ باغلىنىشچانلىقى، يوشۇرۇنۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بارغانسېرى ئاشىدۇ. پەقەت چىرىكلىشىشنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى، يېڭى ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، ۋاسىتە، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تۈزىگەندىلا، ئاندىن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ناتوغرا ئىستىل بىلەن چىرىكلىك مەسىلىسى بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، يىلتىزداش، مەنبەداش. تۆت خاھىشنىڭ چىرىكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، تۆت خاھىشنىڭ چىرىكلىك بىلەن گىرەلىشىپ كېتىشى نۇرغۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. يېقىندا قويۇلغان «بىر قەدەممۇ توختاپ قالماسلىق، يېرىم قەدەممۇ يول قويماسلىق» ناملىق تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمىنىڭ بىرىنچى قىسمى «خەلق ئۈچۈن ئىستىل تۈزىتىش، قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش»تە، موللاق ئاتقان كادىر ئېكران ئالدىدا خاتالىقىنى تونۇپ: «ئەمەلىيەتتە مېنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايىتىمنىڭ ھەممىسى يەپ - ئىچىش مەسىلىسى، (مەركەزنىڭ) سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىگە (روھىغا) خىلاپلىق قىلىشتىن باشلانغان» دېدى.

جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغاندا، يەپ - ئىچىش چەمبىرىكى، ئارىغا ئادەم سالىدىغان ئىشلار، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھوقۇق - پۇل سودىسى بولۇش - بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا «تۆتنى جەزمەن كۆرۈش» «تۆت خاھىش» يىپ ئۇچى ئارقىلىق «چىرىكلىك» قىلمىشىنى تېپىپ چىقتى؛ يۈننەن ئۆلكىسى لىنساڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى خىزمەت جەريانىدا يىپ ئۇچىنى تۇتۇپ چوڭقۇر قېزىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەخس ھەم شەخس تۇرۇشلۇق رايون، تارماق ۋە ئىدارىنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسى شۇنداقلا «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈردى، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈردى...

ھەم «تۆت خاھىشتىن كېلىپ چىققان چىرىكلىكنى تەكشۈرۈپ»، ھەم «چىرىكلىكتىن كېلىپ چىققان تۆت خاھىشنى تۈزىتىپ»، «تەڭ تەكشۈرۈش» ئارقىلىق «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىك گىرەلىشىپ كەتكەن مەسىلىلەرنى قاتتىق جازالاپ، «تەڭ تۈزەش» ئارقىلىق «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىكنىڭ ئورتاق مەنبەسىنى يوقىتىپ، «تەكشۈرۈش» «تۈزەش»نى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق «تۆت خاھىش»نىڭ چىرىكلىككە ئۆزگىرىپ كېتىشىنى توسۇش كېرەك. «تۆت خاھىش»نىڭ يۈزەكى ئىپادىسىدىن ھالقىپ، «چىرىكلىك»نىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىشنىڭ ئارقىسىدىكى سودىگەرلەر ئەمەلدارلارنى بېقىش، ئەمەلدارلار سودىگەرلەرنى قوغداش، ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەر بىرلىشىۋېلىشنى چوڭقۇر ئېنىقلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ - ئىچىش ئارقىسىدىكى ئارىغا ئادەم سېلىپ ئىش بېجىرىش، مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى تەلتۆكۈس تەكشۈرگەندە، چوقۇم كۈچلۈك چۆچۈتۈش تەسىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش مۇداپىئە سېپىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.

پارتىيەمىز بىر چوڭ پارتىيە، بىر چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتىدۇ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. «ئىمتىھانغا بېرىش»نىڭ ئاخىرقى چېكى يوق، «گەمىدىكى سوئال»غا دائىم جاۋاب بېرىپ، دائىم يېڭى جاۋابقا ئېرىشىپ تۇرىمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا قەتئىي بوشاشماي مېڭىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكەش، جىڭۋېينىڭ دېڭىزنى تىندۇرۇش روھى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بارىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.