تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

​(2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى 2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 120 ئەزاسى قاتناشتى، 265 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2025 - يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، 2026 - يىللىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يولداش لى شى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، <15 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيلى» تېمىسىدىكى خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: سۆزدە ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى كۆزدە تۇتۇلۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتۈلدى. سۆزدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق بىلدۈرۈلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، بۇرچ ئېڭى ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، دادىل ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەرەلىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2025 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، «14 - بەش يىل»لىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى تېخىمۇ قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى تېخىمۇ قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ قەتئىي ھالدا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش - ئىزاھلاشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن سىستېمىنىڭ ئىدىيەنى ئۆگىنىش، ھەقىقەتنى ھېس قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. «ئىككىنى قوغداش»تىن ئىبارەت مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنى كۆزىتىش بىلەن تولۇق قاپلاشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت - فاڭجېنلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «تۆت خاھىش»تىن ئىبارەت جاھىل ئىللەتكە قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە ئۇنى تۈزىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يەپ - ئىچىش قاتارلىق تىپك دېلولارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ۋە ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستىلنى ياخشىلاش، يېڭى ئىستىل تىكلەشكە تۈرتكە بولدى. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىلىرى، ئېنېرگىيە، ئوت مۇداپىئە، تاماكا، تېبابەت - دورىگەرلىك، ئالىي مەكتەپ، تەنتەربىيە، تەرەققىيات رايونى، ئاممىۋى مەنپەئەت - خەيرىيەت ئىشلىرى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىكنى چوڭقۇر تۈزەپ، يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈشتىكى دەلىل - ئىسپات كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلىپ، تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچەپ تۈگەتتى. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى قاتتىق جازالاپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلارغا ئومۇميۈزلۈك ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشنى تاماملاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى قانۇن - نىزام، تۈزۈم ۋە رېۋىزىيە قانۇنىغا دائىر يۈرۈشلەشكەن تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولدى. «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىلى» ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىغا دائىر بىرىكمە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈردى. نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا تەھلىل قىلىپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى توغرا ھۆكۈمىگە، ۋەزىپە توغرىسىدىكى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قوغداشقا قويغان تېخىمۇ يۇقىرى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نى ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولاشقا قويغان تېخىمۇ يۇقىرى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ھوقۇقنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ھوقۇقنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى ساقلاشقا قويغان تېخىمۇ يۇقىرى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا ياخشى مېڭىشى كېرەك؛ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە قويغان تېخىمۇ يۇقىرى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش داۋامىدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2026 - يىلى «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، شۇنداقلا پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى. بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىلى» ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

بىرىنچى، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، چىن ئېتىقاد بىلەن ئىشىنىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، تەلەپچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سەمىمىي - سادىق بولمىغان، سۆز ۋە ھەرىكىتى بىردەك بولمىغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تازىلاپ، «يەتتە خىل قىلمىش» مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتىكى لىبېرالىزم، سىياسىي جەھەتتىكى پۇرسەتپەرەسلىك، تەشكىلىي جەھەتتىكى گۇرۇھۋازلىق، خىزمەت جەھەتتىكى تار مەھكىمىچىلىك، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جەھەتتىكى ياخشىچاقلىقنى قاتتىق تۈزىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنى تۈگىتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق ۋەزىپە - تەلەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ نازارەت قىلىپ، «15 - بەش يىل»نى ئوڭۇشلۇق باشلاش، قەدەمنى ئوڭۇشلۇق ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىكنى سىجىل قاتتىق توسۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يەپ - ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش - بېرىش قاتارلىق ئاسان، كۆپ يۈزبېرىدىغان مەسىلىلەرنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش - تەكشۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، تەربىيەلەش نامىدا ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، شەكلى ئۆزگەرگەن ھۆكۈمەت پۇلىغا چەت ئەل(چېگرا سىرتى)گە چىقىپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىن پايدىلىنىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىش قاتارلىق يېڭى يۈزلىنىشكە يېقىندىن دىققەت قىلىش ھەم ئۇنى تۈزىتىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى سىجىل تۈزەپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇشقا ئاز قالغاندا كۈتۈپ تۇرۇش، قاراپ تۇرۇش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، نۆۋەت ئالماشتۇرغاندىن كېيىن كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىپ سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىماسلىق، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» قىلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈم بېرىشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دائىملىق ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ئاساس، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشنى ئاچقۇچ، تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى تۇتقا قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك تۇتقىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. يۇقىرى بېسىملىق چۆچۈتۈش ھالىتىنى ساقلاش ئارقىلىق چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىقنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك دورا بىلەن كېسەلنى داۋالاش، كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق قالايمىقانچىلىقنى تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق تېگى - تەكتىدىن ئېنىقلاپ، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىلىرى، ئېنېرگىيە، مائارىپ، ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت، تەرەققىيات رايونى ۋە خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار بولۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىكنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كارخانىچىلار تىل بىرىكتۈرۈش، ھوقۇق كاپىتالنى قوغداش، كاپىتال سىياسىي ساھەگە سىڭىپ كىرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كۆزلىمە پايدىسى، كېلىشىم تۈزۈپ پاي ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن ئىلكىگە ئېلىش، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى - كارخانىچىلار «ئايلانما ئىشىك»ى قاتارلىق يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»، ياش كادىرلارنىڭ چىرىكلىشىشىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەرنى تەڭ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان چىرىكلىك دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ جازالاش سالمىقىنى زورايتىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ چېگرا ھالقىغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تۈزۈشىگە ماسلىشىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقاش، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، ئۈنۈملۈك تۈزەش كېرەك. نازارەت قىلىش، چەكلەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق چىرىكلىشەلمەسلىكنى كۈچەيتىپ، ھوقۇق بېرىش، ھوقۇقنى ئىشلىتىش، ھوقۇقنى تىزگىنلەش بىرلىككە كەلگەن، ئېنىق، ئاشكارا، سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىغان تۈزۈم - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى»نى ئۆزگەرتىشىگە ياردەملىشىپ، «بىرىنچى باشلىق» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇقنى ئىلمىي بېرىش، ھوقۇقنى توغرا ئىشلىتىش، ھوقۇقنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پاكلىق تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاكلىق تەشۋىق - تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، پاك - دۇرۇس بولۇشتەك ئىدىيەۋى پەزىلەت، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك - دۇرۇس بولۇشتەك سىياسىي ئەخلاق ساپا، پاك - تەلەپچان بولۇشتەك ئەخلاق - پەزىلەت، پاكلىقنى ئۇلۇغلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتەك جەمئىيەت كەيپىياتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك. تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش، تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، رەقەملىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، بەلگىلىمە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە قوللىنىشنى چىڭىتىش كېرەك.

تۆتىنچى، خەلق ئۈچۈن ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى باشقۇرۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق مەملىكەت خاراكتېرلىك تۈزەش تۈرلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا دائىر مەسىلىلەرنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ نۇقتىلىق تۈرلەر ۋە خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى تۈزەشنى ياخشى تۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقا جايدا قانۇن ئىجرا قىلىش، پايدا قوغلىشىش خاراكتېرىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىشنى چوڭقۇر تۈزەش كېرەك. تۈزەش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇش پىكرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي جەڭ مەيدانلىرىنىڭ تۈزەش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

بەشىنچى، سىياسىي كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش نازارەتچىلىكىنىڭ چۆچۈتۈش كۈچى، تەسىر كۆرسىتىش كۈچى، تۈرتكە بولۇش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 7 -، 8 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈشتە يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كۆزىتىشى، مەركەز ئورۇنلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۆزىتىش، كەنتلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك - ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەركەزنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشىغا بىرتۇتاش ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈزىتىشنى باھالاش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئالتىنچى، پولات قوشۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىلى» ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يەنە ئىككى يىل مەركەزلىك تۇتۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. مۇتلەق سادىق بولۇشنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي تەربىيە، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ بارلىق خادىملارنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي جەڭ مەشىقى، ئىش ئارقىلىق تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدار جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش خىزمەت قائىدىسى»نى ئۆزگەرتىشىگە ھەمكارلىشىپ، قانۇنچىللىق ئېڭى، تەرتىپ ئېڭى، دەلىل - ئىسپات ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئەيمىنىش تۇيغۇسىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئىچكى قىسىمدىكى ھوقۇققا چەكلىمە قويۇش مېخانىزمى ۋە باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مەخسۇس خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، نازارەتچىلىكنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈزەپ، پاك - دۇرۇس بولۇش جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.